UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر، تەتقىقاتچى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1934 - يىلى ئاتۇش ناھىيسىنىڭ مەشھەت يېزىسىدا زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۈرۈمچىدە، ئوتتۇرا مەكتەپنى قەشقەردە ئوقۇپ تاماملىغان، 1950 - يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئۇقۇشقا كىرگەن، 1952 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆز مەكتىپىگە ئۇقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان، 1954 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە غەربىي شىمال ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ماركسىزم - لېنىنىزم ئاسپىرانتۇرىيىسىدە ئاسپرانتلىقتا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىدا، كېيىنچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇقۇتقۇچى، كۇتۇپخانا خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن، 1995 - يىل 2 - ئاينىڭ 27 - كۈنى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1948 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلدۇرغان شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى، <قارلىق تاغ شەجەرىسى> گە ئوخشاش چوڭ ھەجىملىك داستانلارنى يېزىپ ۋە ئېلان قىلدۇرۇپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن يەنە نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى. ئۇ، ئەدەبىيات، مەدەنىيەت - سەنئەت، پەلسەپە، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەر بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، <>ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخ< نىڭ تىزىسلىرى>، <يىپەك يولىدىكى بىباھا گۆھەر - ئۇيغۇر ئەدەبىياتى>، <>ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى< نىڭ تەتقىقات تېمىلىرى>، <فارابىينىڭ ئېستېتىكىلىق قاراشلىرى ھەققىدە>، <>قۇتادغۇبىلىك< نىڭ ئىلمىي قىممىتى ھەققىدە> قاتارلىق ئەسەر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارلىق ۋە بىلىملىك ئالىم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىنىننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدن <ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى - 12 مۇقام ھەققىدە> (1980 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <رۇبائىيات> (1 -، 2 -) (1981 -، 1989 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا - ئۇسسۇل سەنئىتى> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <چوغلۇق> (1986 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <قارلىق تاغ شەجەرىسى> (1988 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) قاتارلىقلار بار. ئۇ ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسۇرى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، 12 مۇقام ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە غەربىي دىيار سەنئەت تەتقىقات جەمئىيىتى ھەمدە <يىپەك يولى> تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن | UyghurWiki | UyghurWiki