يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
قارا خانىلار سۇلالىسى دەۋرىدە (مىلادىيە 880 - 1212 - يىللار) مەيدانغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» («بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى بىلىم») ناملىق زور ھەجىملىك داستانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۈيۈك بىر ئابىدە تىكلىگەن شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە «قۇتادغۇبىلىك» تىكى قىسمەن مەلۇماتلاردىن باشقا مەنبەگە ئىگە ئەمەسمىز.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاخىرىغا قوشۇلغان ئۈچ پارچە لېرىك ئىلاۋىنىڭ ئۈچىنچىسىدىكى «كىتاب ئىدىسى يۈسۈف ئۇلۇغ ھاجىپ ئۆزىگە پەند بەرۇ» (كىتاب ئىگىسى يۈسۈپ ئۇلۇغ خاس ھاجىپنىڭ ئۆزىگە نەسىھىتى) دېگەن سەرلەۋھىدىن ۋە شۇ سەرلەۋھە ئاستىدا بېرىلگەن 6627 - بېيىتتىكى:
«ئەي يۈسۈف كەرەك سۆزنى سۆزلە كۆنى
كەرەكسىز سۆزۈڭ كىزلە قىلغا قورا»
(يۈسۈپ، سەن ياراملىق، دۇرۇس سۆزنى ئېيت،
يارامسىزنى يوشۇر، زەرەرلىك، قارا.)
دېگەن مىسرالاردىن ھەمدە كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلىپ، داستاننىڭ باش قىسمىغا قوشۇپ تۈپلەنگەن نەسرىي ۋە نەزمىي مۇقەددىمىلەردىن (تۈركىيە ئالىمى ر. ئارات بۇ مۇقەددىمىلەرنىڭ داستانىنىڭ 2 - ۋە 3 - كۆچۈرۈلۈشىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ) بىز ئەسەر مۇئەللىپنىڭ بالا ساغۇنلۇق كىشى، ئىسمى يۈسۈپ ئكەنلىكىنى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» نى ئۆز يۇرتىدا يېزىشقا باشلاپ، قەشقەردە قايتا تۈزىتىپ تاماملىغانلىقىنى، ئەسەرنى تاۋغاچ بۇغرا قارا خانغا تەقدىم قىلىنغانلىقىنى، خاننىڭ ئەسەرنى ئالاھىدە يۇقىرى باھالاپ، مۇئەللىپكە «خاس ھاجىپ» لىقتىن ئىبارەت يۇقىرى ئۇنۋان بېرىپ، ئۇنى ئۆزىگە يېقىن تۇتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىپنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» نامى بىلەن تونۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپىمىز.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەسىرىنى يۇقىرى باھالاپ، ئۇنىڭغا بىلىمى ۋە قەلىمىنىڭ ھەققى - ھۆرمىتى ئۈچۈن «خاس ھاجىپ» لىقتەك يۇقىرى ئۇنۋان بەرگەن «تاۋغاج بۇغرا قاراخان» _ شۇ مەزگىلدىكى خاننىڭ ئىسمى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۇنۋان ۋە ئۇلۇغلاش نامىدۇر. داستاننىڭ فەرغانە نۇسخىسىدىن مەزكۇر قاراخانىلار سۇلالىسى خانىنىڭ تولۇق ئىسمىنىڭ «تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەن ئارسلانخان» ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەبۇ ئەلى ھەسەن قاراخانىلار سۇلالىسى مىلادى 1040 - يىلى شەرقىي ۋە غەربىي قاراخانىلار خانىلار خانلىقىغا بۆلۈنۈپ كەتكەندە، شەرقىي قاراخانىلار خانى بولغان سولايمان ئارسلانخاننىڭ چوڭ ئوغلى. ئۇ ئىنىسى توغرۇل تىكىن يەنى مەھمۇد ئبنى يۈسۈپ قاراخانىلار سۇلالىسى تەختىنى قولغا ئالغاندا (مىلادى 1059 - يىلى) ئىنىسى بىلەن بىللە ھاكىميەت يۈرگۈزگەن. مىلادى 1074 - يىلى ئىنىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، «قاراخان» نامى بىلەن خانلىق تەختىگە چىقىپ، تارىختا «ھارۇن بۇغراخان» نامى بىلەن تونۇلغان شەخستۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز ئەسىرىنى 50 ياشقا قەدەم قويغىنىدا يېزىشقا باشلىغىنىنى، 30 يىل ئىزدەنگىنىنى ئاساسىدا ئەمدى قەلەم تەۋرەتمىسە، يېشى 60 قا كىرىپ قېرىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغىنىدا ئۆز ئالدىغا بۈيۈك، مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسىرىنىڭ 365 -، 366 -، 367 -، 368 - ۋە 380 - بېيىتلىرىدا ئېيتىدۇ. ئۇ ئەسىرىنى تولۇق بىر يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ھىجىرىيە 462 - (مىلادىيە 1069 - 1070) يىلى تاماملىغان (بۇ ھەقتە 6623، 6495 - بېيىتلاردا ئېنىق ئېيتىلىدۇ). ئەگەر بىز ئۇ داستاننى يېزىپ تاماملىغان ھىجىرىيە 462 - يىلى 52 ياشقا كىرگەنىدى، دەپ قارىغىنىمىزدا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەخمىنەن ھىجىرىيە 410 - (مىلادىيە 1019 - 1020) يىلى توغۇلغان بولىدۇ.
قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ياشىغان مەزگىلىدىكى تارىخى ۋە «قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويۇلغان ئۈچ پارچە لىرىك ئىلاۋىدىكى بايانلاردىن يەنە شۇنى بىلىش مۇمكىنكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ياشلىق ۋە ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلى دۆلەت نورمال تەرتىپ ۋە قانۇن ئىزىدىن چىقىپ، جەمئىيەت ۋە ئىنسان ئەخلاقى بۇزۇلغان، ھۆكۈمرانلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمى ۋە ھەر قايسى بەگلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھاكىميەت، ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە دۆلەت پارچىلىنىپ، خەلق ئېغىز كۈلپەت ئاستىدا قالغان بىر دەۋرگە توغرا كەلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ خىل «كىشىلىك، جىمى ياخشىلىق ۋە قائىدە - يۇسۇن يوقىلىپ، رەزىللىك قالغان، ۋاپا قەھىتى بولۇپ، جاھانغا جەۋر تولغان، جاھىللار ئارىسىدا ئۆزىگە ئەلەم يەتكەن» (قاراڭ: «قۇتادغۇبىلىك» 6566 - 6602 - بېيىتلار) بۇ زاماندىن قاتتىق ئاغرىنغان ۋە بۇ خىل مەۋجۇت ئىجتىمائىي تۈزۈم ئورنىغا باشقا بىر غايىۋى جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىيىتىگە كەلگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈمىدىنى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ «ئومۇمىيەتچىل، ئادىل ۋە پاك ھۆكۈمدار، ئالىم ۋە ئۆلىمالارنىڭ دوستى سۈپىتىدە تونۇلغان» خاقانى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ تەخت ۋارىسلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ھەسەن بىننى سۇلايمانغا بېغىشلىغان. ئاپتور ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشكەن ۋاقىت دەل ھەسەن بىننى سۇلايمان بالا ساغۇندا ئىككىنچى ئورۇندىكى خاقان _ ئارسلانخان نامىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن ئەسىرىنى قايتا ئۆزگەرتىپ ۋە تولۇقلاپ، ھەسەن بىننى سۇلايمان مىلادىيە 1074 - يىلى «تاۋغاچ ئۇلۇغ بۇغرا قاراخان» نامى بىلەن قەشقەردە قاراخانىلار سۇلالىسى تەختىنى ئىگىلىگەندە ئۇنىڭغا تەقدىم قىلغان. مەلۇمكى، «بۇغرا قاراخان» قاراخانىلاردا ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمدارلارنىڭ نامى ئىدى.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئۆز قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان ئەسلى قول يازما نۇسخىسى ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق. ئۇنىڭ ئىلىم دۇنياسىغا مەلۇم بولغىنى ئۆز زامانىسىدىن خېلى كېيىن كۆچۈرۈلگەن ۋېنا، قاھىرە، پەرغانە (ياكى نەمەنگان) نۇسخىلىرىدىن ئىبارەت.
ۋېنا نۇسخىسى مىلادى 1439 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ھىرات شەھىرىدە ھەسەن قاراسايىل شەمس دېگەن كىشى تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن. مىلادى 1474 - يىلى ئىستانبولغا كەلتۈرۈلگەن ۋە كېيىن ئاۋستىرىيىلىك شەرقشۇناس ھاممىر پور گشتال بۇ نۇسخىنى ۋېنا ئوردا كۇتۇپخانىسىغا كەلتۈرگەن، ھازىرمۇ شۇ كۇتۇپخانىدا ساقلىنىدۇ. بۇ نۇسخا يەنە كۆچۈرۈلگەن جايىنىڭ نامى بىلەن «ھىرات نۇسخىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
قاھىرە نۇسخىسى ئەرەب ھەرىپى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، قاھىرەدىكى «ھىدىۋ» (ھازىرقى قىرال) كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانىدىكى باشتىكى 11 بابى دىباچە (باشلانما، كىرىش) قىسمى بولۇپ، داستاننىڭ ئاساسىي ھېكايە لىنيىسى 12 بابتىن تارتىپ باشلىنىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئاساسىي ھېكايە لىنىيىسىنى تەشكىل قىلغان بۇ بابلاردا ئاپتورنىڭ دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى قانۇن، بىلىم ۋە ئەخلاق - پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى غايىۋى قاراشلىرى، يەتمەكچى بولغان غايىۋى جەمئىيەت ھەققىدىكى يۈكسەك ئارزۇ - ئىستەكلىرى، تونۇش ۋە ئىزدىنىشلىرى ئىجتىمائىي ئورنى، ھايات قارىشى، تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدىغان تۆت ئاساسىي پېرسوناژ _ ئادالەت ۋە قانۇن سىمۋولى پادىشاھ كۈنتۇغدى ئېلىگ، تەخت ۋە سائادەت سىمۋولى ۋەزىر ئايتولدى، ئۇنىڭ ئوغلى، بىلىم ۋە ئەقىل سىمۋولى ئۆگدۇلمىش ئاقىۋەت ۋە قانائەت سىمۋولى ئودغۇرمىش (زاھىد) نىڭ دراماتىك سۆھبىتى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
«قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنكى يازما ئەدەبىياتىدىن زامانىمىزغا يېتىپ كەلگەن تۇنجى بەدىئىي ئەسەر: 11 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى ھەم قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرى ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيىسىنىڭ روشەن ئىنكاسى ۋە ئىپادىسىدۇر. ئۇ قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم، قانۇن ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرى، پەلسەپە ۋە دىن، ئىلىم - پەن ۋە مائارىپ، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن؛ قەدىمك ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەدەبىياتىدا شۇ زامانغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ھەجىملىك شېئىرىي داستان ۋە شېئىرىي دارامىدۇر. ئۇنىڭدا لىرىكا ئامىللىرى بىلەن ئىپىك بيان، دارامىلىق ئېپىزوتلار بىلەن خاراكتېرى، پەلسەپىلىك تەپەككۇر بىلان مەجاز (مىتافورا) ناھايىتى ۇستىلىق بىلەن زىچ باغلانغان، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن رېئاللىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولشدن بىر ئەسەردۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز داستانىدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان غايە، ئىدىيە، تەشەببۇسلىرىنى؛ پېرسوناژلار خاراكتېرى؛ زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلارنى جانلىق ۋە يارقىن ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللانغان. ئەسەردىكى خېلى كۆپ تەركىبلەر دىداكتىك خاراكتېردە بولسىمۇم لېكىن بۇ دىداكتىكا قۇرۇق، يالىڭاچ ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەند - نەسىھەت، دىنىي سەپسەتىلەر بولماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى خىلمۇ خىل تەجرىبە - ساۋاقلار ئاساسىدا جۇغلانغان، رېئال تۇرمۇش ئوچىقىدا تاۋلانغان، بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن ماھھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ يۈكسەك دەرىجىدە ئوبرازلاشتۇرۇلغان پىكىر جەۋھەرلىرىدۇر.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۇيغۇر ئەل ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ ئەسىرلەر داۋامىدا ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرى، يازما ئەدەبىيات ئەنئەنىلىرىگە ۋارسلىق قىلغان، شۇنىڭدەك، قېرىنداش ۋە قوشنا خەلقلەر ئەدەبىياتىدىن ئىجادىي ئىلھام ئالغان. ئۇ ئەسىرىدە قايسى ماۋزۇدا سۆز ئاچسا، ئۆز پىكىر - مۇلاھىزىلىرىنىڭ ئىسپاتى ۋە دەلىلى سۈپىتىدە شۇ ساھەنىڭ خەلق ماقال - تەمسىللىرى ۋە ھېكمەتلىرىنى مىسال كەلتۈرىدۇ. بۇ داستاندا بېرىلگەن 170 تىن كۆپرەك تۆتلۈكلەردە مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەتمەكچى بولغان غايىۋى جەمئىيەت نىشانى ئەينى دەۋرگە نىسبەتەن بىر «ئوتوپىيە» (خىيال) بولسىمۇ، لېكىن ئۇ تەبىئەت ۋە جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئەينى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىدېئولوگىيە، مەدەنىيەت قاراشلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشقان. بولۇپمۇ، بۇ ئەسەرنىڭ يېرىم سەھىپىسىنى تەشكىل قىلغان ئۆگدۈلمىش بىلەن ئودغۇرمىش ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاتار مۇنازىرە، سۆھبەتلەردە گەۋدىلىك ۋە روشەن ئىپادىلەنگەن. بۇ ھەقتە «قۇتادغۇبىلىك» نى ئېنگلىز تىلىدا نەشىرگە تەييارلىغۇچى روبېرت دانكوۋ: «سىياسەتچى ئۆگدۈلمش بىلەن تەرىقەتچى زاھد ئودغۇرمش ئوتتۇرىسىدىكى قارىمۇ قارشىلىق ۋە بىرلىك جەھەتتە يۈسۈپنىڭ ئېلىپ بارغان بايانلىرى بۇ ئەسەرنى ئىسلام ئەدەبىياتىدا يېگانە ئورۇنغا ئىگە قىلدى» دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئۆز قىممىتى ۋە مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى مەدەنىيەت جەھەتتە تۇتقان يۇقىرى ئورنىنى مۇقىملاپلا قالماستىن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ دەۋرىدىن دەۋرگە ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىشى يولىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. نەسرىي ۋە نەزمىي مۇقەددىمىلەردىكى ئەسەرگە بېرىلگەن باھالاردىن، ئەسەرنىڭ كېيىن كۆچۈرۈلۈپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئۈچ پارچە قول يازما نۇسخىسىدىن، شۇنداقلا، ئەسەر تىلى، بەدىئىي ئۇسلۇبى ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ ئەدىب ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ئەسىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرىدىن بۇ نۇقتىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
«قۇتادغۇبىلىك»: داستانى ئۆتكەن ئەسرنىڭ ئاخىرىدا دۇنياغا قايتا مەلۇم بولغاندىن بۇيان خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ، ئۇلارنىڭ مۇھىم تەتقىقات تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى، 1980 - يىلىدىن باشلاپ ئېلىمىزدە «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى قلغا ئېلىنپ، بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئىلمىي خىزمەتلەر ئىشلەندى، 1984 - يىلى داستاننىڭ ترانسكىرىپسىيىلىك مەتنى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمى يەشمىسى، 1986 - يىلى خەنزۇچە تەرجىمىسى، 1991 - يىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەسرىي يەشمىسى ئارقا - ئارقىدىن نەشىر قىلىندى. نۆۋەتتە، «قۇتادغۇبىلىك» داستانى ئۈستىدىكى تەتقىقات ئومۇميۈزلۈك. سىستېمىلىق قانات يېيىپ، تېخىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىككە چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولماقتا.