ئەخەت تۇردى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست ئەخەت تۇردى 1940 - يىل 11 - ئايدا قەشقەر شەھىرىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1949 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە باشلانغۇچ - تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1959 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1964 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، <تارىم> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر ۋە كېيىنچە مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن، 1989 - يىل 1 - ئايدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئەخەت تۇردى ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1958 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان <گۈرۈچ> ناملىق ھېكايىسى بىلەن كىرىپ كەلگەن. بۇ تۇنجى ھېكايىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭغا زور ئىلھام ۋە ئۈمىد بەخش ئەتكەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ پۈتكۈل زېھنىي كۈچىنى ھېكايە ئىجادىيىتىگە قارىتىپ، <گۈلخان>، <ھاياتنىڭ باشلىنىشى>، <مەرھابا، باغۋەن>، <غىلغايلىق كىشى>، <سىناق مەيدانىدىكى لەتىپە>، <خەير - خوش، توققۇز كۈنلۈك ماكان>، <قىزىق ئىشلار>، <يەر گۇۋاھ، ئاسمان گۇۋاھ> قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھېكايىلارنى يازغان، بۇ ھېكايىلار كىتابخانىلارنىڭ ئالاھىدە قىزىقىپ ئوقۇشىغا ئېرىشكەن. ئەخەت تۇردى يەنە پوۋېسىت ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <قىيانلىق دەريا>، <باھاردىكى جۇدۇن>، <مۇزلىغان يۈرەك>، <سەبىيلەر پاجىئەسى>، <قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا>، <ئەلۋىدا، كۆز يېشىم> قاتارلىق بىر تۈركۈم پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان.
ئەخەت تۇردى رومان ئىجادىيىتىدىمۇ مول ھوسۇل ئالغان يازغۇچى. ئۇ، 80 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن ئاساسەن يىرىك ئەسەرلەر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپرەك ئىجادىي كۈچنى رومان ئىجادىيىتىگە قاراتقان. ئۇ، كىتابخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن <ئۇنتۇلغان كىشىلەر>، <ھايات شۇنداق>، <ئاي يامغۇرى> ناملىق رومانلاردا كەڭ، باي بەدىئىي تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئارقىلىق، شۇ دەۋرنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتى، شۇنداقلا يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى ۋە بەدىئىي ئىزدىنىىشلىرى خېلى روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
ئەخەت تۇردى يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن ژۇرنالىستلارنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ 25 يىللىق زېھنىي كۈچىنى، ئەجرىنى <تارىم> ژۇرنىلىغا بېغىشلاپ، ژۇرنالنىڭ ساپاسنى ئۆستۈرۈش، ژۇرنال سەھىپىلىرىدە ياخشى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش، ياش ئەدىب - ھەۋەسكارلارنى يېتەكلەش، ھەر خىل ئەدەبىي پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تۆھپە قوشقان.
ئەخەت تۇردىنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <گۈلخان> (1980 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <قىيانلىق دەريا> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستى، <گىرىمسەن يوللار> (1985 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <قەترە> (1986 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستلار توپلىمى، <ئۇنتۇلغان كىشىلەر> (1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <ئەلۋىدا، كۆز يېشىم> (1991 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق پوۋېستىلار توپلىمى، <ھايات شۇنداق> (1991 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق رومانى، <خەير - خوش، توققۇز كۈنلۈك ماكان> (1993 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق تاللانغان ھېكايىلار توپلىمى، <ئاي يامغۇرى> (1994 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار.
ئەخەت تۇردى ھازىر 1 - دەرىجىلىك كەسپىي يازغۇچى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى.