زاكىر قازاق ۋە شاكىر قازاق
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
زاكىر قازاق، شاكىر قاتارلىقلانىڭ ئەسلىي كىملىكى بىزگە نامەلۇم. لېكىن، 1933 - يىلى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى توقسۇن خەلىقى ھارىۋىكەش توختى ئېلى (توختى ئېلى لۈيجاڭ) باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە يېڭىسارغا كەلگەندە، ئىمىن پالۋان، ھاپىزس چاققان، ئىسمائىل قارىي، زاكىر قازاق، شاكىر قازاق قاتارلىق 100 نەچچە ئادەم پىدائىي بولۇپ، قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلىدۇ. ئىستېداتلىق ھەربىيلەردىن بولغان شاكىر قازاق، زاكىر قازاق تۆمۈر ئېلىغا ئالاھىدە مۇھاپىزەتچى بولىدۇ. ئەمما ئۇلار، تۆمۈر ئېلى ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى غايىب بولىدۇ. بەزى يازمىشلاردا تۆمۈر ئېلى ئۆلگەن كۈنى بۇ ئىككىسىمۇ بىللە ئۆلگەن دەپ يازىدۇ. لېكىن، تۆمۈر ئېلى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەرنىڭ جەسىتىنى دوتەي يونۇس بەگنىڭ بۇيرۇقى بىلەن دەپنە قىلغان مۇسا ئەپەندى (<قەشقەر ئەھمەر> نىڭ مەسئۇلى) نىڭ يازمىشىدا «تۆمۈر ئېلى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىبراھىم قارىي، سابىت قارىي، شوپۇر ئىمىن مەرگەنلەر ئىدى. ئۇلارنى توغراقلىق مازارغا دەپنە قىلدىم» دېيىلىدۇ. مۇسا ئەپەندى يازمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ «ئاتالمىش <شەرقىي تۈركىستان> جۇمھۇرىيىتى، بەربات بولغاندىن كېيىن قەشقەردە تۇڭگانلا زامانى بولدى. مەن قەشقەردىن يەكەنگە كېلىپ تىجارەت قىلدىم. شۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدەب گېنېرال بىكتىيوف نامىدىن يەكەنگە ئىككى ئورۇس كەلدى. ئۇلار ئۇزۇن چاپان، بېشىدا قالپاق، بېلىدە بەلۋاغ، ئايىغىدا چورۇق، دولىسىدا مىلتىق، يېنىدا تاپانچا بار كىشىلەر بۇلارنىڭ ئىسىمى زاكىر ئاخۇن، شاكىر ئاخۇن ئىدى. لېكىن، بۇلار رۇسچىدىن باشقا سۆزنى بىلمەيتتى. ئۇلارنىڭ قىياپىتىدىن قىزىل ئەسكەر ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ تۇرار جايى يەكەندە تۇرۇشلۇق پولات تۇەنجاڭنىڭ قىسمىدا ئىدى. ۋەزىپىسى ئۈرۈمچىدىكى گېنېرالغا كېرەكلىك ئېسىل ماللارنى ئېلىش بولۇپ، ئۆزلىرىنى سودىگەر دەيتتى.ئۇلار بىر ھەپتە ئىچىدە نۇرغۇن قىممەتلىك مال سېتىۋالدى. ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن مەبلىغى ناھايىتى كۆپ ئىدى. مەن ئۇلارغا مال ئېلىپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا كۆپ پايدا بەردى. شۇ كۈنلەردە گېنېرال بىكتىيوفنىڭ ئايروپىلانلىرى يەكەن ئاسمىنىدا ئايلىنىپ يۈرۈيدىغان بولدى. زاكىر ئاخۇن، شاكىر ئاخۇندىن ئىبارەت مۇتەخەسسىسلەر باشچىلىقىدا يەكەنگە كاتتا مەيدان ياسالدى. شۇنداق قىلىپ، زاكىر ئاخۇن، شاكىر ئاخۇنلار مېلىنى ئېلىپ بولۇپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتى» دەيدۇ. مۇسا ئەپەندىنىڭ تەسۋىردىكى رۇسچىدىن باشقىنى بىلمەيدىغان زاكىر ئاخۇن، شاكىر ئاخۇن تۆمۈر ئېلىنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولغان زاكىر قازاق، شاكىر قازاقلارنىڭ دەل ئۆزى شۇ بولسا كېرەك.