UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئىسھاق بەگ

ئىسھاق بەگ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئىسھاق بەگ شىنجاڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىكى سىمخانىنىڭ قوشئۆتۈك (قوش ئۆتىدىغان جاي) كەنتىدىن بولۇپ، 1900 - يىلى 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ھاللىق چارۋىچى مۇنۇن ھاجى (قىرغىز) ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ تۇنجى ئىسمى ساقمات ئىدى. ساقمات دادىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن دىنىي مەكتەپتە (ئاتۇشلۇق ئابدۇكېرىم خەلپىتىمدە) «خوجا ھاپىز» غىچە ئوقۇغان، شۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئۇنى «موللا ئىسھاق» دەپ ئاتىغان. 1928 - يىلى ياڭ زېڭشىن ئۆلۈپ، جىن شۇرېن تەختكە چىقىپلا ھەربىي، مەمۇرىي ئورگانلارنى يېڭىلاپ، ئۇلۇغچات ناھىيىسىنى يېرىم ھاكىملىق (شۇ چاغدا ئۇلۇغچاتتا 2000 ئائىلىلىك ئاھالە بار ئىدى) قىلىپ بەلگىلەيدۇ. ئۇلۇغچات ناھىيىسى سىمخانىدىكى 40 تىن ئارتۇق قىرغىز ئائىلىسىنى بىر بەگلىك قىلىپ، بۇ بەگلىككە موللا ئىسھاقنى بەگ قىلىپ سايلايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن خەلق موللا ئىسھاقنى «ئىسھاق بەگ» دەپ ئاتىشىدۇ. 1933 - يىل 3 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئوسمان ئېلى قىسمى قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئىسھاق بەگ پەيجاڭ بولىدۇ. 1933 - يىل 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تۆمۈر ئېلى قوشۇنى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسھاق بەگنىڭ ئادىمى 200 گە يېتىپ، ئۇنىڭ قىسمى بىر پولك بولۇپ، ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنىدۇ ۋە «بىرىنچى پولك» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىسھاق بەگ شۇنىڭدىن كېيىن نام چىقىرىدۇ، خەلق ئۇنى ھىمايە قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئابرۇيىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئۆسۈشى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن شېڭ شىسەي ئۇنىڭ قىسمىنى تارقىتىۋېتىپ، ئۇنى ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە ھاكىم قىلىپ بەلگىلەيدۇ. 1943 - يىل 4 - ئايدا ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرىدىن ئىككىنى ئېلىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئىسھاق بەگ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئىسھاق بەگ سابىق سوۋېت ئىتىپاقىغا چىقىپ، ئۇ يەردە شىنجاڭلىق ئىلغارلاردىن ئەترەت تەشكىللەيدۇ ۋە بۇ ئەترەتكە ئۆزى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىدۇ. 1944 - يىلى خەتەرلىك ئەھۋال ۋە ۋەزىيەت تەقەززاسى بىلەن نىلقا ناھىيىسىدىن غېنى، پاتىخ، ئەكبەر، باتۇرلار باشچىلىقىدا قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلىدۇ، شەرقىي بەش ناھىيە ناھايىتى تېزلا قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتىدۇ. 1945 - يىلى 1 - ئايدا ئىسھاق بەگ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى جەنۇبىي فرونتقا مەسئۇل بولىدۇ، تىكەستە ئاتلىق برىگادا قۇرۇلۇپ، برىگادىر بولىدۇ. 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلىدۇ. بۇ چاغدا ئىسھاق بەگ مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ، ئۇنىڭغا گېنېرال لېيتېنانتلىق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ. 1946 - يىلى 7 - ئايدا گومىنداڭ تەرەپ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغاندا ئۇ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ ئامانلىق ساقلاش قوماندانى بولىدۇ. 1947 - يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تىنچلىق بېتىمىنى يىرتىپ تاشلايدۇ. گېنېرال ئىسھاق بەگ ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا ۋە ئارمىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاندا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر مەدەنىيىتى، مەدەنىيەت - مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە يارىتىدۇ. ئىلى، قەشقەر، موڭغۇلكۈرەلەردە قۇرۇلغان ھەربىي مەكتەپلەرگە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ھۆكۈمەت ئۆزىگە تەقدىم قىلغان قورو - جاينى مەكتەپكە تەقدىم قىلىدۇ. باش قوماندان ئىسھاق بەگ 1949 - يىلى 8 - ئايدا مەملىكەتلىك تۇنجى نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېتىۋاتقاندا، ئايروپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ باشقا رەھبەرلىرى بىلەن بىللە قازا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىسھاق بەگ | UyghurWiki | UyghurWiki