زەينىدىن سالىيوپ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر زەينىدىن سالىيوپ 1922 - يىل 3 - ئايدا شىخو ناھىيسىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شىخۇدا ئوقۇغان، 1938 - يىلى ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىنگە قوبۇل قىلىنىپ، 1940 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن <شىنجاڭ گېزىتى> دە مۇھەررىر، ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى، ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن؛ 1944 - يىلى غۇلجىغا بېرىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتناشقان، 1945 - يىلدىن 1947 - يىلىغىچە شىخو ناھىيلىك ھۆكۈمەتتە باش كاتىپ، 1947 - يىلدىن 1955 - يىلغىچە ئازادلىق ئارمىيە تەركىبىگە قوشۇۋېتىلگەن مىللىي ئارمىيىدە ئوفېتسىر ۋە ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىدە ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ، 1955 - يىلدىن 1962 - يىلغىچە <شىنجاڭ گېزىتى> ۋە <شىنجاڭ نېفىت گېزىتى> تەھرىر بۆلۈملىرىدە ئىشلىگەن، 1962 - يىلدىن كېيىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، 1968 - يىل 12 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ۋاپات بولغان.
زەينىدىن سالىيوپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1943 - يىلى شېئىر بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ <تارىخ قەھرىمان>، <مۇسىبەت>، <غۇلاچ تاشلا>، <كوممۇنست> قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلارنى يازغان؛ <چاياننىڭ تەقدىرى> ناملىق رومانىنى يېزىپ تاماملىيالمىغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى <بىزنىڭ تىلەك> ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.