UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەبەيدۇللا تاخانبەگ

ئەبەيدۇللا تاخانبەگ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى بىرىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا 1696 - يىلى جۇڭغارلار ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىڭ سۇلالىسىگە قارايدۇ. 1897 - يىلى ئەبەيدۇللا چوڭ ئوغلى چوڭ گۇپا (ۋاپا) بەگنى بارىكۆلگە ئەۋەتىپ، جۇڭغارلارنىڭ قۇمۇلدىكى ۋەكىلى غالداننىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنى تۇتۇپ بېيجىڭغا ياللاپ ئاپىرىدۇ. شۇ يىلى 10 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى مۇڭغۇللارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلۈشى بويىچە قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنى قىزىل تۇغلۇق ئۇيغۇر قوشۇنى قىلىپ ئايرىيدۇ. ئەبەيدۇللانى 1 - دەرىجىلىك جاساق قىلىپ، جاساق مۆھۈرىنى بېرىدۇ، جىيەكلىك قىزىل تۇغ تەقدىم قىلىدۇ. كاڭشى خان 1706 - يىلى ئەبەيدۇللانى بېيجىڭغا چاقىرتىدۇ. ئەبەيدۇللا بەگ شۇ قېتىم بېيجىڭدىن قايتقۇچە خەنزۇ ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ، قۇمۇلدىكى جاساق ئوردىسى (كونا شەھەر ئىچىدىكى تۆۋەن ئوردا) نى سالدۇرىدۇ. ئەبەيدۇللا بېيجىڭدىن قايتقاندىن كېيىن، كاڭشى خان قۇمۇلدا شەھەر ئەتراپىغا سېپىل سوقۇپ، مۇكەممەل بىر شەھەر بىنا قىلىشقا پەرمان بېرىدۇ. يەنە ئەبەيدۇللانىڭ تەلىپى بويىچە، ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئادەم سانىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىدۇ. نەتىجىدە توقسۇن، پىچاندىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى قارادۆۋە، لاپچۇققا، ئاقسۇ، كۇچاردىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى توغۇچى، جىگدە تەرەپلەرگە؛ قەشقەر، خوتەن، يەكەنلەردىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئاستانە، سۇمقاغىلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يەنە خان ئەبەيدۇللا بەگنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قاتناش يولى ھەققىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئىچكىرىدىن چاقىلىققا ئۆتىدىغان يىپەك يولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قۇمۇل ئارقىلىق ئۆتىدىغان بۇرۇنقى چوڭ يولنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، قۇمۇل سودىگەرلىرىنىڭ گەنسۇ بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئەبەيدۇللا بەگ كاڭشىنىڭ 48 - يىلى (1709 - يىلى) ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەبەيدۇللا تاخانبەگ | UyghurWiki | UyghurWiki