UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىسەيفى سەرايى

سەيفى سەرايى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر سەيفى سەرايى 14 - ئەسىردە ياشاپ ئىجاد قىلغان چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى. مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، سەيفى سەرايى مىلادىيە 1321 - يىلى تۇغۇلۇپ، 1396 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. شائىر سەيفى سەرايىنىڭ ھاياتى داۋالغۇپ تۇرغان يىللارغا توغرا كەلگەن. بۇ خىل شارائىت شائىرنى كۆچۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر قىلغان. ئۇ ماۋەرائۇننەھردە، ئالتۇن ئوردا دۆلىتىنىڭ پايتەختى سەرايدا ياشىغان ۋە ئىجاد قىلغان، ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ مىسىر ۋە تۈركىيىلەردىمۇ تۇرغان. ئۇنىڭ بۇ خىل ھاياتى، كەچمىش - كەچۈرمىشلىرى شېئىرلىرىدا روشەن ئىپادىلەنگەن. سەيفى سەرايىنىڭ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن لىرىك مىسراسى ئانچە كۆپ ئەمەس ھەمدە ئۇ دىۋان ھالىتىگىمۇ كەلتۈرۈلمىگەن. ئۇنىڭ لىرىك شېئىرلىرىدىن بىزگىچە «گۈلىستان بىت تۈركىي» ئەسىرىنىڭ كىرىش قىسمى ۋە ئاخىرقى بەتلىرىگە يېزىپ قالدۇرۇلغان «فى ئەۋسافى شۇئەرا» ناملىق مەسنەۋىسى، «كۆڭۈل»، «تېپىلماس»، «كۆزلەرىڭ»، «ئېرۇر»، «قەمەر يۈزۈڭدىن»، «يېڭى ئاي»، «تۇرۇر»، «تۇتار»، «كۆرىنۇر» ئوخشاش ئون نەچچە پارچە غەزەل، قەسىدە، قىتئە، رۇبائى ۋە بىر پارچە «باھار تەسۋىرى» تېمىسىدىكى شېئىرى، «سۇھەيل ۋە گۈلدۇرسۇن» ناملىق داستانى، «سىندبادنامە»، «گۈلىستان» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئىجادىي تەرجىملىرى يېتىپ كەلگەن. سەيفى سەرايى شېئىرلىرىدا شەكىل بىلەن مەزمۇن بىرلىكىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇنىڭ لىرىكىسى ۋەزىن ۋە قاپىيىلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى ۋە ئۆزىگە خاس سۆز سەنئىتى بىلەن كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىدۇ. مەسىلەن، ئۇ «ئېرۇر» رادىپلىق غەزىلىدە: «دىلبەرىمنىڭ زۇلفى سۇنبۇل، چېھرەسى گۈلزار ئېرۇر، بويىنە ئاشىق سەنەۋبەر، يۈزىنە گۈل زار ئېرۇر. ئاغزى فىستۇق، كۆركى تاڭسۇق، ئۇز مۇشفىق (مۇلايىم) يار ئېرۇر، ھۆسنىنىڭ چاۋى خىناۋۇ، چىن ئىچنىدە بار ئېرۇر. ئەسلى ئەلچىن، سۆزلەرى چىن، كۆزلەرى تاتار ئېرۇر، مىڭ ياشار ھەم كىم دۇداغى (لەۋ) شەربەتىن تاتار ئېرۇر. ئىشىقنىڭ ئەلچىسىنە كۆڭۈل مۇنەققەشۋا ئېرۇر. زۇلفىنە تۈشكەن كۆڭۈللەرنىڭ مەقامى دار ئېرۇر. نېچە كىم ئىشقى ئوتى بۇجان ئىچىندە بر ئېرۇر، قەھرەبا ئۇزرا كۆزۈمدىن دەم - بەدەم دۇر بار ئېرۇر. شاھىد سۆزى، ئارىفى (تونۇغۇچى، بىلگۈچى) ئۆزى، ۋاقىغى ئەسرار ئېرۇر. ۋەسلى بوستانىدا خۇش ئاشىقلىرىدىن ئەسرار ئېرۇر. ۋەسفىنە سەيفى سەرايىنىڭ ئىشى ئەشئار ئېرۇر، ئاندىن ئۆزگە بىرلە ئاشىققە يېمەك ئاش، ئار ئېرۇر.» دەپ يېزىپ، كامالەتكە يەتكەن سۆز سەنئىتى ئارقىلىق گۈزەل دىلبەر ئوبرازىنى يارىتىدۇ. سەيفى سەرايىنىڭ «سۇھەيل ۋە گۈلدۇرسۇن» داستانى 1966 -، 1967 - يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە، ئۆزبېكىستاننىڭ فەرغانە ئوبلاستىدىن تېپىلغان «يادىكارنامە» ناملىق قول يازما ئارقىلىق ئارقىلىق ئاشكارىلانغان. (مىلادىيە 1398 - يىلى كۆچۈرۈلگەن مەزكۇر قول يازما ھازىر ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئەلىشىر نەۋائى نامىدىكى ئەدەبىيات مۇزېيىنىڭ قول يازمىلار فوندىدا ساقلانماقتا.) مەسنەۋى شەكلىدە يېزىلغان مەزكۇر داستان 82 بېيتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۆرگەنج شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمى نەتىجىسىدە تۇتقۇن قىلىنىپ زىندانغا تاشلانغان كېلىشكەن، پالۋان يىگىت سۇھەيلىگە ئەمىر تۆمۈرنىڭ قىزى گۈلدۇر سۇننىڭ ئاشىق بولۇپ قالغانلىقى، گۈلدۇر سۇننىڭ سۇھەيلنى زىنداندىن ئازاد قىلىپ، بىرلىكتە قاچقانلىقى، چۆلدە ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ھالسىراپ يىقىلغان گۈلدۇر سۇننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سۇھەيلىنىڭ نان ۋە سۇ تېپىپ كېلىش ئۈچۈن كەتكەنلىكى، قايتىپ كەلگىنىدە، گۈلدۇر سۇننىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈپ: «ماڭا ياخشى يار بىرلە ئۆلمەك، نە لازىم غەم بىلەن دۇنيادا قالماق!» دەپ نالە قىلىپ ئۆزىگە تىغ ئۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ جەسىتى كۆچمە قۇم ئارىسىدا قالغانلىقىدەك بىر قاتار جەريانلار يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا شائىرنىڭ ئاشىقلار پاجىئەسىگە بولغان ئېچىنىشى، ئۇرۇش - جاڭجاڭلارغا بولغان غەزىپى روشەن ئىپادىلىنىدۇ. سەيفى سەرايى فارس خەلقىنىڭ بۈيۈك شائىرى سەئدى شىرازىنىڭ «گۈلستان» ناملىق ئەسىرىنى تۇنجى قېتىم تۈركىي تىلغا «گۈلىستان بىت تۈركىي» نامى بىلەن ئىجادىي تەرجىمە قىلىپ چىقتى. ئۇ «گۈلىستان» نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئېلىپ، ئۇنى ئۆزى ياشىغان دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى يېڭى ھېكايەتلەر، قىتئە، بېيىتلار بىلەن بېزەپ چىقتى. سەيفى سەرايىنىڭ «گۈلىستان بىت تۈركىي» ناملىق ئەسىرىنىڭ دۇنيا بويىچە بىردىنبىر بولغان تولۇق قول يازما نۇسخىسى ھازىر گوللاندىيىنىڭ لېيدىن ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى