UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىھۆسەنباي - باۋۇدۇنباي

ھۆسەنباي - باۋۇدۇنباي

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ھۆسەنباي 1844 - يىلى، باۋۇدۇنباي 1851 - يىلى ئاتۇش ئىكىساقتا ئاتاقلىق كارخانىچى مۇسا ھاجىم (مۇسابايوۋ) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇلار يۇرتى ئىكىساقتىكى دىنىي مەكتەپتە بىلىم ئالغان. مۇساھاجىمنىڭ دادىسى ئابدۇرۇسۇلباي ۋاپات بولۇپ، پۈتۈن ئىگىلىك مۇساھاجىمغا قالغاندىن كېيىن مۇسا ھاجىم ئوغلى ھۈسەنباي بىلەن باۋۇدۇنباينى ئىلىغا ئېلىپ چىقىپ تىجارەتكە سالغان. مۇشۇ جەرياندا، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى پۇختا ئۆگەنگەن. ئۇلار دەسلەپتە مۇسا ھاجىمنىڭ چارروسىيە بىلەن بولغان خۇسۇسىي سودىسىدا چارروسىيىدە تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىلى بولغان ۋە نىژنى نۇۋگوردتا يەرمەنكىگە قاتنىشىپ بىر قېتىملىق پاختا سودىسىدا 100 مىڭ تىللا، يەنى بىر مىليون روبلىلىق پايدىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا ھاجىم بۇلارنى ئىلىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئىلى كۈرەدە قۇرغان 200 ئىشچىسى بار كۆن - خۇرۇم كارخانىسىغا ئىشلىتىپ، تاشقى سودا ئۈچۈن خام ئەشيا سېتىۋېلىش ۋە ئېكسپورت، ئىمپورت سودىسىغا سەرپ قىلغان. مۇسا ھاجىم قېرىلىق سەۋەبىدىن تىجارەتنى بالىلىرىغا قالدۇرۇپ، جامائەت ئىشلىرى بىلەن بولغان كۈنلەردە، ئائىلە نىزامى بويىچە ھۈسەنباي مۇساھاجىمنىڭ ئالتە ئوغلىنىڭ چوڭى بولۇشى سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. 1895 - يىلى ئىنىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىلىدا «مۇسا بايوۋ بۇرادەرلەر شىركىتى» نى قۇرغان. 1870 - يىلى ئىنىسى باۋۇدۇنباينىڭ پەننىي مەكتەپ قۇرۇش پلاننى قوللاپ شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى ئىكىساق «ھۈسەيىنىيە» پەننىي مەكتەپنىڭ سېلىنىشىغا يار - يۆلەك بولغان. 1904 - يىلى باۋۇدۇنباينىڭ تەشەببۇسى ۋە قول سېلىپ ئىشلىشى جەريانىدا گېرمانىيىدىن بىر يۈرۈش زامانىۋى كۆن - خۇرۇم ئىشلەش زاۋۇتىنى سېتىۋېلىپ، غۇلجىغا يۆتكەپ كېلىپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى تۇنجى خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى زامانىۋى زاۋۇتنى قۇرۇشقا كىرىشىپ، 1909 - يىلى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ۋە ئۈچ قارار ئىشچىلار تېخنىك مەكتىپى، «ئاياللار قول - ھۈنەرۋەنچىلىك مەكتىپى» ئېچىپ، ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپ تارىخىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغان. شىنجاڭنىڭ چارۋا نەسلىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 1920 - يىلىدىن باشلاپ چەت ئەلدىن نەسىللىك ئات، بۇقا، سىيېر ۋە مىرنوس قويىنى تۇنجى بولۇپ شىنجاڭغا ئېلىپ كىرىپ، شىنجاڭ چارۋىچىلىرىنىڭ نەسلىنى ياخشىلاشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان. ھۈسەنباي - باۋۇدۇنبايلار كۆپ قېتىم خەلقئارا (گىرمانىيە، موسكۋا، فرانسىيە) يەرمەنكىلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇر سودىسىنىڭ شۆھرىتىنى ئاشۇرغان. پەن زوخۇەننىڭ «ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى شىنجاڭ سودىسى» دېگەن ماقالىسىدا: «شىنجاڭ سودىسىدا ئىلىدا ھۈسەنباي بىلەن قەشقەردە ئۆمەرباي ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى دۆلىتىمىزدىكى سودىگەرلەر ئىچىدىمۇ بىرىنچىلىككە ئۆتەتتى» دەپ يازغىنىدەك تەرتىپكە سازاۋەر، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار ئىدى. ھۈسەن باي 1926 - يىلى، باۋۇدۇنباي 1928 - يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇلار ياراتقان ئىگىلىك شىنجاڭ سودا تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئېلىپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ھۆسەنباي - باۋۇدۇنباي | UyghurWiki | UyghurWiki