مۇسا خوجا
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىمىن خوجىنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولغان مۇسا خوجىنىمۇ دادىسى ئىمىن خوجا بىلەن بىرلىكتە گۇاجۇغا بېرىپ، شۇ يەردە چوڭ بولىدۇ. ياشلىق دەۋرىدە ئاتىسى ئىمىن خوجا ۋە ئاكسى سۇلايمان خوجىلارغا ئەگىشىپ، جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى ۋە چوڭ - كىچىك غۇجىلارنىڭ توپلىلاڭلىرىنى تىنجىتىش ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىدۇ.
ئىمىن خوجا قەشقەر، يەكەنگە ھاكىمبەگ بولغان مەزگىلدە مۇسا خوجىمۇ قەشقەردە ئاتىسىنىڭ ئوردا ئىشلىرىغا ياردەملىشىدۇ ۋە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا تۆھپىسى بار دەپ قارىلىپ، 1759 - يىلى فۇگۇگۇڭ مەنسىپى بېرىلىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇساگۇڭ دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئىلىغا ھاكىمبەگلىككە تەيىنلىنىدۇ. 1766 - يىلى سوۋغا - سالام بىلەن بېيجىڭغا چيەنلۇڭ خاننىڭ ھۇزۇرىغا بېرىش ئۈچۈن سەپەرگە چىقىدۇ. مۇساگۇڭ يەتتە قۇدۇققا بارغاندا جىددىي كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. مۇساگۇڭنىڭ جەسىتى لۈكچۈنگە ئېلىپ كېلىنىپ، نامىزى چۈشۈرۈلۈپ نۇرغۇنلىغان ئەمەلدار، دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ھەمراھلىقىدا ھەشەمەتلىك ئۇزىتىلىپ، تۇرپان ئاستانىگە ئېلىپ كېلىنىپ دەپنە قىلىنىدۇ.