كىچىك ئاخۇن
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
كىچىك ئاخۇن ئاستىن ئاتۇشلۇق بولۇپ، تەخمىنەن 1892 - يىللاردا تۇغۇلىدۇ. يۇرتىدا دىنىي ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ ساۋاتىنى چىقىرىدۇ ۋە تۇماقچىلىق كەسپىنى ئۆگىنىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن تاشكەنت قاتارلىق جايلاردا ئوقۇپ ئوتتۇرا مەلۇماتلىق بولىدۇ، ئاز - تولارۇسچىمۇ ئۆگىنىدۇ.
كىچىك ئاخۇن ئوتتۇرا ئاسىيادا بولغان مەزگىلىدە تۇرپانلىق مۇسۇل ھاجى، مەخسۇت مۇھىتىلار بىلەن تونۇشىدۇ. 1931 - يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەندە كىچىك ئاخۇن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بەختى چېگراسى ئارقىلىق چۆچەككە كېلىدۇ ۋە تۇرپانغا بېرىپ تۇماقچىلىق قىلىدۇ. 1932 - يىلى تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندە قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ. 1933 - يىلى 1 - ئايدا ماشىمىڭ، مەھمۇت مۇھىتلار ئەسكەرلىرىنى باشلاپ قارا شەھەرگە يۈرۈش قىلغاندا يۇنۇسبەگ، باي ئەزىزى، كىچىك ئاخۇننى جەنۇبىي شىنجاڭغا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۈچ كىشى ئاقسۇغىچە بىللە بارىدۇ. ئاقسۇدا تۆمۈر لۈيجاڭ (تۆمۈر ئېلى) باي ئەزىزىنى ھەربىي مۇلازىمەتچى قىلىپ ئېلىپ قالىدۇ. كىچىك ئاخۇن يۇنۇسبەگ بىلەن بىللە قاقشال ئارقىلىق قەشقەرگە بارىدۇ. (كىچىك ئاخۇننىڭ يۇقىرىقى ئەھۋالىنى باي ئەزىزى سۆزلەپ بەرگەن ۋە «شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرى» نىڭ 5 - سان 151، 152 - بەتلىرىدە بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن.)
كىچىك ئاخۇن، يۇنۇسبەگلەر قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن ئالاھىدە خادىم ئابدۇراخمان ئەپەندى، (ئابدۇراخمان تىڭجاڭ) بىلەن بىرگە قەشقەر ۋالىيسى ماشاۋۋۇ بىلەن سۆزلىشىپ، ياڭ جېڭمىن بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان تۆمۈر ئېلىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر ئېلىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىدۇ. نەزەربەند قىلىنغان ئوسمان ئېلىنى نەزەربەندلىكتىن بوشىتىپ، قوشۇن تەشكللەپ، تۆمۈر ئېلىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئوسمان ئېلى ھۇجۇمنى مادوتەيگە قارىتىدۇ. ئوسمان ئېلى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغاندا كىچىك ئاخۇن ئاتۇشتىن، سېتىۋالدىجان قەشقەردىكى ئۆزبېكلەردىن ئەسكەر ئالىدۇ. تۆمۈر ئېلى قەشقەرگە كىرگەندىن كېيىن تونۇشى يۇنۇسبەگنى قەشقەرگە ۋلىي، كىچىك ئاخۇن سېتىۋالدىجان، ئابدۇ قادىر ھاجىلارنى تۇەنجاڭ قىلىپ ئۆستۈرىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كىچىك ئاخۇن كۆزگە كۆرۈنىدۇ (بۇ ۋەقەنى ئابدۇقادىر ھاجى ئۆز ئەسلىمىسىدە بايان قىلغان).
شۇنىڭدىن كېيىن كىچىك ئاخۇن تۆمۈر ئېلىنىڭ قول ئاستىدا بولۇپ، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدۇ. سابىت داموللا قاتارلىقلار ئەكسىيەتچىل «شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى» نى قۇرغاندا كىچىك ئاخۇن قوشۇنى ئاتۇش تىجەنلىك يۈسۈپ تۇەنجاڭنىڭ قىسمىنى ئۆز قىسمىغا قوشۇپ ئاتۇش بىرىگادىسى قۇرۇپ، ئاتالمىش «جۇمھۇرىيەتنىڭ شەھەر قوغدىغۇچىسى » بولىدۇ. ما فۇيەن قىسمى خوجىنىيازنى قوغلاپ قەشقەرگە باستۇرۇپ كەلگەندە ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقا قىسمىغا ئوخشاش كىچىك ئاخۇن شەھەرنى تاشلاپ، ئاستىن ئاتۇش تاغ ئېغىزىغا چىقىۋالىدۇ. لېكىن، قول ئاستىدىكى رىشتەم ئۆز قىسمىنى باشلاپ مافۇيەنگە تەسلىم بولىدۇ. بۇ چاغدا كىچىك ئاخۇن قىسمىنى باشلاپ تاغقا چىقىۋالىدۇ. مافيەن قىسمى توسالغۇسىز ئاتۇشقا كىرىپ ئاتۇشنى قىرغىن قىلىدۇ. سابىت داموللا، يۈسۈپ تۇەنجاڭلارنىڭ ئۆيىنى بۇلاپ ئوت قويىدۇ، كېيىن كىچىك ئاخۇن مەھمۇت مۇھىتنىڭ قىسمىدا بولىدۇ ۋە مەھمۇت مۇھىتىغا قارشى تەرەپتە تۇرۇپ، قەشقەردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلى بىلەن ئالاقىدا بولىدۇ. 1937 - يىلى 5 - ئايدا ئابدۇنىياز توپلىڭىغا قاتنىشىدۇ. ۋە ئابدۇ قادىر ھاجىم (بۇ كىشى توغرىسىدىكى ماتېرىيالنى كېينكى بەتتىن كۆرۈڭ) رۇسلارغا ئەل بولايلى دەپ، ئۆزىنىڭ سوۋېت كونسۇلى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلقىنى ئېيتىدۇ. ئابدۇ قادىر ھاجى قۇشۇلمىغاندا كىچىك ئاخۇن ئۆزى قېچىپ شېڭ شىسەي تەرەپكە ئۆتىدۇ، شېڭ شىسەي ئۇنى تۇتۇپ ئۆلتۇرۇۋېتىدۇ. («شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»، 17 - سان 109 - ، 110 - بەتلەردىن ئېلىندى. )