UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىخۇشھال غەرىبى

خۇشھال غەرىبى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى 19 -ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى خۇشھال غەرىبىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدىكى پاكىتلىق ماتېرىياللارنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا نەشىر قىلىنغان «سوۋېت ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ئاكتىۋال مەسىلىلىرى» ناملىق ئەسەردىكى ئا. جەلىلوپنىڭ ماقالىسىدىن ئېلىش مۇمكىن. خۇشھال غەرىبى ئىجادىدىن بىزگە ئۇنىڭ «كۇللىيات غەرىبى» ناملىق قول يازما توپلام مىراس قالغان بولۇپ، توپلامنىڭ بىر نۇسخىسى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى بېرۇنى نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى قول يازمىلار فوندىدا، يەنە بىر نۇسخىسى زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر نامىدىكى ئەنجان ئوبلاستلىق كۈتۈپخانىنىڭ نادىر كىتابلار بۆلۈمىدە ساقلىنىدۇ. «كۇللىيات غەرىبى» ناملىق بۇ توپلامغا شائىرنىڭ ئارزۇ ۋەزنىنىڭ تۈرلۈك بەھرلىرىدە يازغان 271 غەزەل، 53 مەسنەۋى، 37 رۇبائى، 14 مۇخەممەس، 14 ساقىنامە، ئۈچ مۇستەھزاد، 31 قىتئە ۋە بىر تارىخى قاتارلىق جەمئىي 424 پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن. شائىر خۇشھال غەرىبىنىڭ «كۇللىيات غەرىبى» ئەسىرىدىن ئېلىپ نەشىرگە تەييارلانغان (ئا. جەلىلۇپ تەرىپىدىن) بىر قىسىم شېئىرلار قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «پەرۋاز» ناملىق توپلامنىڭ (ئۇيغۇر تىلىدىكى) 1988 - يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
خۇشھال غەرىبى | UyghurWiki | UyghurWiki