UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمەرۇپ سەئىدى

مەرۇپ سەئىدى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى مەرۇپ رەھىم ئوغلى سەئىدى 1898 - يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ئوبلاستىغا قاراشلىق باي سىيىت يېزىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ئاتا - ئانىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، كىچىك دادىسى ئابدۇل باقىنىڭ قولىدا چوڭ بولغان. ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ چىلەك رايونىدا دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، بىر قەدەر يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە بولغان. (پاكىتلىق ماتېرىياللار «شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى» نىڭ 34 - توپلىمىدىكى )شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 1993( ھاكىم جاپپارنىڭ «مەرىپەت يۇلتۇزى - مەرۇپ سەئىدى» ناملىق ماقالىسىدىن ئېلىندى.) مەرۇپ سەئىدى 1918 - يىلى غۇلجىغا كېلىپ، دەسلەپ غۇلجا ناھىيسىنىڭ يېزىلىرىدا، كېيىن غۇلجا شەھىرىدە ئوقوتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا پۈتۈن زېھنىي كۈچىنى مائارىپ ۋە خەلقنى ئاقارتىش ئىشلىرىغا بېغىشلاپ خەلق ئارىسىدا يۇقىرى ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئېرىشكەن. مەرۇپ سەئىدى يەنە تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەنمۇ كەڭ شۇغۇللانغان. ئۇ ئىلى مەدەنىيەت - ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان. 1936 - يىلى ئەتىيازدا مەرۇپ سەئىدىنىڭ خىزمىتى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولغان ھەمدە قوشۇمچە ئۆلكىلىك سىفەن مەكتىپىدە پىداگوگىكىدىن دەرس ئۆتكەن. ئۇ «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باشلىق ۋاڭ باۋچەن قاتارلىق كوممۇنىستلار بىلەن بىللە ئىشلەش داۋامىدا ئۇلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان، ئىلغار زاتلار بىلەن كەڭ ئالاقىدە بولۇپ، ئىنقىلابىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئۈرۈمچىدىكى ئىنقىلابىي روھتىكى ياش زىيالىيلار مەرۇپ سەئىدىنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنى دائىم ئىزلەپ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، جاللات شېڭ شىسەي مەرۇپ سەئىدىنى يوقتىشنىڭ كويىغا چۈشكەن ۋە 1940 - يىل 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۇنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىغان. 1942 - يىلى جاللات شېڭ شىسەي تۈرمىدىكى ئىنقىلابچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغاندا، مەرۇپ سەئىدىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن. مەرۇپ سەئىدى تونۇلغان پىداگوك، ئاخباراتچى بولۇپلا قالماي، يەنە تونۇلغان شائىر ئىدى. ھازىرغىچە ئىگىلەنگەن تولۇقسىز ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، (بۇ ماتېرىياللار شۇ مەزگىلىدە نەشىر قىلىنىپ، ھازىر پەقەت ئاز بىر قىسمى ساقلىنىپ قالغان گېزىت سەھىپىلىرىدىن ۋە ھاكىم جاپپارنىڭ ماقالىسىدىن ئېلىنىدى.) 1935 - يىلدىن باشلاپ «ئىلى دەرياسى»، «يېڭى شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلارنى ئۇنىڭ «زىيالىي»، «بولسا ئىدى»، «تۇرۇك دېھقانلار»، «ئايخان ئانام»، «كۆڭلىمىز ئېچىلدى»، «ئىستىبدات پۈتتى»، «ئىلىخو»، «ئۇيغۇر قىزى»، «پۈتۈن شىنجاڭ ئويغاندى» قاتارلىق شېئىرلىرى ھەمدە بىر قىسىم ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. شائىر مەرۇپ سەئىدى «ئىلىخو» ناملىق شېئىرىدا: «ئىلىخونىڭ تاغلىرىدا، ئالتۇن - كۈمۈش كانلىرى بار. يېزا - سەھرا، قىرلىرىدا، گۈل - گۈلىستان باغلىرى بار. ئالتۇن - كۈمۈش دائىم ئاقار، ھەر كۈنى مىليۇن بايلىق قاتار. ھېچ توختىماي ھايات چاچار، ئىلى سۈيى - دەرياسى بار. ئەجەب گۈزەل نازۇ - نېھىتى، پۈتمەس - تۈگىمەس ھېچ دۆلىتى. ئىشلىگەنگە سىي (سىي - مۇكاپات.) - ھۆرمىتى، ھورۇنلارغا ئازابى بار. ئالغا بېسىپ چامداپ تۇرغان، ئىش - خىزمەتكە جان دەپ تۇرغان. خەلق يولىدا يۈگۈرۈپ يۈرگەن، تىرىش - ئىشچان ياشلىرى بار.» («شىنجاڭ ئۇيغۇر گېزىتى» نىڭ 1936 - يىل 5 - ئۆكتەبردىكى 59 - )ئومۇمىي85 -( سانىدىن ئېلىندى.) دەپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئىلىغا مېھىر - مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغان. ئۇنىڭ «ئېچىلغان گۈل»، «ئەتىياز پەسلى» قاتارلىق شېئىرلىرى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭىغا سېلىنىپ، خەلق ناخشىسىغا ئايلانغان. «ئەتىياز پەسلى» يەنە ئىلى ۋادىسىدىكى مەكتەپلەردە ئومۇمىي خور قىلىپ ئېيتىلىغان. مەرۇپ سەئىدىنىڭ ھاياتى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا ئوينىغان بەلگىلىك رولى تېخىمۇ روشەنلىشىشى تەبىئىي.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى