موللا باقى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
كۇچالىق شائىر موللا باقىنىڭ «بەگ بىلەن قوي ھەققىدە» ناملىق ھەجىۋى شېئىرى خۇددى ئەھمەدشا قارىقاشنىڭ يامان ئات ھەققىدىكى مەشھۇر مۇخەممىسىگە ئوخشاش ئېغىزدىن - ئېغىزغا، خاتىرىدىن - خاتىرىگە ئۆتۈپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەدەبىي مىراسلارنىڭ بىرىدۇر.
شائىر موللا باقى 1842 - يىلى كۇچا ناھىيىسىگە قاراشلىق كان كەنتىدە تۇغۇلغان. شائىر ئۆز كەنتىدە ۋە كۇچا مەدرىسلىرىدە بىلىم تەھسىل قىلىش جەريانىدا، خۇش چاقچاق، يۇمۇرلۇقلۇقى، شۇنداقلا خەتتاتلىق جەھەتتىكى ماھارىتى بىلەن كىشىلەرگە تونۇلغان، نەتىجىدە ئۇنى شۇ ۋاقىتتىكى كۇچا ۋاڭلىق ئوردىسى كاتىپ قىلىپ ئىشلەتكەن. موللا باقى ئورىدىكى ناھەقچىلكىلەرگە، بەگ - ئەمەلدارلارنىڭ زورلۇق - زۇمبۇلۇقلىرىغا غەزەپ بىلدۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداپ بەزى ھەجۋى شېئىرلارنى يازغىنى ئۈچۈن ئوردىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، شايارغا يۈز بېشىلىق ئەمىلى بىلەن ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئەمەلدىن ۋاز كېچىپ شايار ئەتراپىدىكى مەدرىسلەرنىڭ بىرىدە مۇدەرىسلىك قىلغان. شائىر ئىلغار پىكىرلىك كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن شاياردىمۇ ئۇزاق تۇرالمىغان، كېيىنكى ھاياتىنى ئۇ يۇرت كېزىپ مۇساپىرلىقتا، قاششاقلىق، نامراتلىقتا ئۆتكۈزگەن، ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، تۇغۇلغان كەنتى - كاندا 1917 - يىلى، 75 يېشىدا ۋاپات بولغان.
شائىرنىڭ شېئىرلىرى كۆپ ساقلانمىغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھازىرچە بىزگە مەلۇم بولغىنى «بەگ بىلەن قوي ھەققىدە»، «كەلتۈرمىشىم»،«نەدۇر»، «تەۋسىيە» قاتارلىق شېئىرلىرى (بۇ شېئىرلار «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1983 - يىللىق 1-، 3- سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان.) ھەمدە يېقىندا تېپىلغان «قىمارۋازنىڭ ھەسىرىتى» (بۇ شېئىرلار «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1993 - يىللىق 4 - سانىدا ئېلان قىلىنغان.) قاتارلىق شېئىرىدىن ئىبارەت.
«بەگ بىلەن قوي ھەققىدە» ساتىرىسىدا شائىر ئەمەلنى پۇل ۋە مالغا سېتىۋالغان شايار ھاكىمى ئىسمائىل ھېكىمبەگنىڭ پىقسىقلىقىنى ئۆتكۈر يۇمۇرلۇق تىل مەسخىرە قىلىدۇ. شېئىر مەجازى ۋاستىلىرىنىڭ جانلىق، ئوبرازلىقلىقى، ئىدىيىۋى مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ئۇنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى ساتىرا ژانىرىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ تىپىك ئۈلگىلىرىدىن بىرى قاتارىدا ھېسابلاشقا بولىدۇ.