UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىنۇر بەگ

نۇر بەگ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى نۇر بەگ (بوياقچى) قەشقەر شەھەرىدە 4 - ئەۋلاد بەگ بولۇپ ئۆتكەن سېلىم بەگ ئائىلىسىدە 1861 - يىلى تۇغۇلىدۇ، ئۇ مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە، موللا خەلىپەتكە ئوقۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىپتىدائىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىدۇ. 1876 - يىلى نۇربەگ 15 ياشقا قەدەم قويغاندا، زوزۇڭتاڭ قوشۇنى بىلەن ياقۇپ بەگ قۇشۇنى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولغاندا قەشقەر خەلقى مەغلۇب بولغۇچلار بىلەن غەلىبە قىلغۇچىلارنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ، ئەسكەرلىككە تۇتۇلىدۇ. قىرغىندىن، ئەسكەرلىكتىن قاچقان كىشىلەر ۋەتەننى تاشلاپ، پاكىستان، ئافغانىستان، بولۇپمۇ پەرغانە ۋادىسى - ئوتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى ئۆلكە ۋىلايەتلىرىگە قېچىشقا مەجبۇر بەجبۇر بولىدۇ. بۇ چاغدا نۇربەگ تاغىسى بوياقچى تۇراخۇننىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇنۇپ، بوياقچىلىقنى ئۆگىنىدۇ. جاھان تىنجىپ، 1878 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن شىجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەللەر بىلەن بولغان سودا - سېتىق ئىشلىرى ئەسلىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرنىڭ قول - سانائەت كەسپىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ شۇنىڭ بىلەن قەشقەرنىڭ قول - سانائەت كەسپىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ. شۇ يىللاردا نۇربەگ ئون نەچچە نىمكار (ئىشچى) ئىشلەيدىغان بوياقچىلىق كارخانىسى قۇرىدۇ، كېيىن ئۇ ئۆزلىرى بويىغان ماتا - چەكمەن قاتارلىقلارنى ئاقسۇ، كۇچار، ئۈرۈمچى، ئىلى قاتارلىق جايلارغا، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېلىپ چىقىپ سودا قىلىدۇ. نۇربەگ بىر قانچە يىللىق سودا - تىجارەت جەريانىدا جاي - جايلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي شارائىتى، خەلقلەرنىڭ پىسخىك ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ يولىنى بىلىۋالىدۇ. نۇربەگ ساددا، ئاقكۆڭۈل، چىقىشقاق، كۆڭلى يۇمشاق، جامائەت ۋە خەلق ئىشلىرىغا كۆيۈنىدىغان، مۇرەسسە ئىشلىرىغا كامىل، كىشىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەيدىغان ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، 1891 - يىلىدىن باشلاپ، دادىسىنىڭ بەگلىكىگە ياردەملىشىپ، چوڭراق دەۋا سورۇنلىرىدا بىللە بولىدۇ ۋە مۇرەككەپ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا دادسىغا ياردەملىشىدۇ. 1898 - يىلى نۇربەگ قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى مۇجا، سۇللۇغ، لەڭگەر قاتارلىق يېزىغا، 1907 - يىلى ئوپال، بۇلاقسۇ يېزىلىرىغا بەگ بولىدۇ. 1911 - يىلى دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ ئورنىغا قوغان، بەشكىرەم ۋە ئاۋات يېزىلىرىغا 1932 - يىللىرىغىچە بەگ بولىدۇ. بوياقچىلىق كەسپى ۋە تىجارەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ 1939 - يىلى قەشقەر شەھىرىگە نائىب بەگ، نائىب جىنجاڭ، مۇئاۋىن بەگ، 1943 - يىلىدىن 1950 - يىلىغىچە قەشقەر شەھىرىنىڭ باش بېگى، يەنى مەمۇرىي باشلىقى بولىدۇ. 1949 - يىلى قەشقەر دوتىيى نۇربەگنى يېڭىسار ناھىيەسىگە ھاكىم قىلىپ بەلگىلەيدۇ. نۇربەگ ھاكىملىقنى رەت قىلىدۇ. شۇ يىللاردا قەشقەرنىڭ تۆت دەرۋازىسىدىكى ساقچىخانىلار ئىلغار ياشلارنى تۇتقۇن قېلىش، يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈرۈشتەك ئىشلار كۆپىيىپ كېتىدۇ. نۇربەگ ساقچى تەرىپىدىن قامالغان ئادەملەرنى بىلىپلا قالسا ھوقۇق ۋە ئابرۇيىغا تايىنىپ، «شەھەرنىڭ ئىگىسى مەن، مېنىڭدىن سورىماي ئادەم تۇتۇشقا بولمايدۇ» دەپ قايتۇرۇپ چىقىدۇ. بەزىلەرنى ساقچىدىكى خادىملار ئارقىلىق قاچتى قىلىپ، ئۆزى پاناھ بولۇپ، قوغداپ قالىدۇ. گومىنداڭ ئىشپىيونلىرى ئەشەددىيلىشىپ، سوۋېت كونسۇلخانىسىغا كىرىدىغان سۇنى توسۇپ، كونسۇلخانىدىكىلەرنىڭ نورمالنى تۇرمۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. بۇ چاغدا نۇربەگ ئوتتۇرغا چىقىپ، دۆلەتلەر ئارا بولىدىغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى سۆزلەپ، ئەكسىيەتچىلەرنىڭ توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. بۇنىڭدىن باشلىقلىرى نۇربەگنى تۇتقۇن قىلىشقا بۇيرۇق قىلىدۇ. نۇربەگ بۇنى سېزىپ قېلىپ، تاغلىق رايونغا يوشۇرۇنۇپ ئامان قالىدۇ. خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قەشقەرگە كىرگەندە نۇربەگ 45 مىڭ كىشىنى تەشكىللەپ، سەيپىدىن ئەزىزىلەر ھېتگاھدا چوڭ يېغىن ئېچىپ، خەلق ئالدىدا نۇربەگنىڭ يۇقىرىدىكى تۆھپىسىنى قۇتلۇقلاپ تون كىيگۈزىدۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى نۇر بەگكە تىنىچلىق ئوردىنى تەقدىم قىلىدۇ. ھۆكۈمىتىمىز قىزىل بايراق ئوردىنى تەقدىم قىلىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن نۇربەگ سەمەت رايونلۇق ھۆكۈمەت باشلىقى (ئۇ چاغدا باشقارما دەپ ئاتىلاتتى) 1952 - يىلىدىن 1953 - يىلغىچە ۋالىي مەھكىمە خوجىلىق باشقارما باشلىقى، 1954 - يىلىدىن 1956 - يىلىغىچە ۋاىلايەتلىك سۇ ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەپ، 95 يېشىدا خىزمىتىدىن چېكىنىپ، 1972 - يىلى 111 يېشىدا قەشقەرددە ۋاپات بولىدۇ. نۇربەگ دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان، لېكىن پەننىي مەكتەپتە 1956 - يىلىغىچە توپتوغرا قىرىق يىل بەگ بولغان ياكى ئازادلىقتىن كېيىن خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى خەلققە ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرىغىمۇ بىلدۈرمەيدۇ. ئۇنىڭغا يېزىلغا دەۋا - دەستۇرلارنى ئۇ قولىغا ئېلىپ، خەتكە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن، «خوش، خەتتىنغۇ ئەھۋالنى بىلدىم، ئۆزئاغزىڭدا بىر سۆزلەپ باققىن» دەيدۇ - دە، دەۋاگەرنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاپ، ئۇنىڭ سۆزىنىڭ راسىت - يالغانلىقىنى سۆزى بىلەن چىرايى ئۆزگىرىشىگە قاراپ بېكىتىدۇ ۋە دەۋانى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
نۇر بەگ | UyghurWiki | UyghurWiki