ئەرشىدىن تاتلىق
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى، شائىر، ژۇرنالىست ئەرشىدىن تاتلىق 1927 - يىل 5 ـ ئايدا ئاقسۇ كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ موللىلار كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دەسلەپتە دىنىي مەكتەپتە، كېيىن پەننى مەكتەپتە ئوقۇغان، كېيىن تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقى ۋەجىدىن ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، يايمىچىلىق قىلغان، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا ئىشلىگەن، ئەرشىدىن تاتلىق 1945 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ، مەسئۇل خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن، 1953 - يىلى شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ، <شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى> (ھازىرقى <تارىم>) ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولغان؛ 1983 - يىلى شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىگە يۆتكىلىپ، بۇ جەمئىيەت تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان <مىراس> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر دەم ئىلىشتا.
ئەرشىدىن تاتلىق ئەدەبىيات ساھەسىگە 1948 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلدۇرغان <ۋەتەن بالىسىغا> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ بىر مۇنچە ياخشى شېئىرلىرى كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئەينى ۋاقىتتا مەلۇم تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇ يەنە پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا دەسلەپكى پوۋېستلاردىن ھېسابلىندىغان <سىناق> ناملىق پوۋېستىنى ۋە ئارقا - ئارقىدىن <سادىق باپكار>، <خالتا كوچىدىن يانغاندا> قاتارلىق ھېكايىلارنى يېزىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ قالغان ھەم مۇشۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈچۈن 1956 - يىلى مەملىكەتلىك ياش يازغۇچىلار ئىجادىيەت يىغىنىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. ئەرشىدىن تاتلىق يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى نەشرگە تەييارلاش، تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ <ئىمىر گۆر ئوغلى>، <ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى> ۋە <مىڭ بىر كېچە> نىڭ بەش قىسمىنى نەشرگە تەييارلىغان، <ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ھەققىدە> قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە <ۋەتەن قۇربانلىرى>، <دەل توي كۈنى> ناملىق دراما ۋە كومېدىيىلەرنى يازغان.
ئەرشىدىن تاتلىقنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئاقسۇ دەرياسى> (1957 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <قەلب كۈيى> (1981 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى، <خالتا كوچىدىن يانغاندا> (1988 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار. ئۇنىڭ <ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى ئوچېرىكلىرى تىزىسلىرى> ناملىق كىتابى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن خەنزۇ تىلىدا نەشر قىلىنغان.
ئەرشىدىن تاتلىق ھازىر جۇڭگو خەلق ئەدەبىياتى ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.