UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەنۋەر ئابدۇرېھىم

ئەنۋەر ئابدۇرېھىم

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئەدەبىي تەنقىدچى ۋە ژۇرنالىست ئەنۋەر ئابدۇرېھىم 1943 - يىل 9 - ئايدا بۆرتالادا ئۇششاق قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1958 - يىلى كۆكتوقايدا ئېچىلغان كان تېخنىكومىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 1961 - يىلغىچە ئوقۇغان، 1961 - يىلدىن 1983 - يىلغىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1983 - يىلىدىن بېرى <تارىم> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئەدەبىي تەنقىدچىلىك پائالىيىتى ئاساسەن 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ رەسمىي باشلانغان. ئۇ، مۇشۇ يىللاردا <ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى مىللىي ئالاھىدىلىك ھەققىدە>، <ئىنسان خاراكتېرى قېلىپقا چۈشەمدۇ>، <ئىجادىيەت ۋە ئىجادىيەتچى> قاتارلىق بىر تۈركۈم تەنقىدىي - نەزەرىيىۋى ماقالىلەرنى يېزىپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ساھەسىدە خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان. 1987 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئەنۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ <ئىجادىيەت ۋە ئىجادىيەتچى> ناملىق ئەدەبىي ئوبزۇرلار - ماقالىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە <ئەدىب، ئەسەر، باھا> (1993 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ئەدەبىي ئوبزۇرلار توپلىمى ۋە <>تارىم< ۋە مەن> (1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ <ئىجادىيەت ۋە ئىجادىيەتچى> قاتارلىق ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئوبزۇرچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەنۋەر ئابدۇرېھىم | UyghurWiki | UyghurWiki