UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىمۇھەممەت لېتىپ

مۇھەممەت لېتىپ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى مۇھەممەت لېتىپ 1940 - يىل 3 - ئايدا تۇرپاننىڭ ئايدىڭكۆل يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1947 - يىلدىن 1955 - يىلغىچە تۇرپاندا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1958 - يىلى شىنجاڭ كان تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاكى 1982 - يىلغىچە ھەربىي قىسىمدا ئىشلىگەن، 1982 - يىلى كەسىپ ئالماشتۇرۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇھاجىرلار خىزمىتى ئىشخانىسىدا باشقارما بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. مۇھەممەت لېتىپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1975 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <جەڭگوۋار مىنبىڭلار> ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ <چىن دوستلۇق>، <ھايات بەيگىسىدە>، <ئىمام سايلىمى> قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان، بەزى ھېكايىلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە مۇكاپاتلانغان، ئۇنىڭ <چىن دوستلۇق> (مۇھەممەت پولات بىلەن بىللە، 1982 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى بار. مۇھەممەت لېتىپ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇھەممەت لېتىپ | UyghurWiki | UyghurWiki