ئابدۇللا سۇلايمان
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ئابدۇللا سۇلايمان 1952 - يىل 4 - ئايدا خوتەن ۋىلايىتى چىرىيە ناھىيسىنىڭ دامىكۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1966 - يىلغىچە يۇرتىدا باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1973 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ يىل ـ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1976 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، 1979 - يىلغىچە شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1979 - يىلدىن بۇيان خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
ئابدۇللا سۇلايماننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1964 - يىلى <خوتەن گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <مۇبارەك مېھمان> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كۆپلىگەن شېئىرلارنى ئېلان قىلدى. ئۇ يەنە ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە، بولۇپمۇ يېزىقچىلىق ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىپ، <تەسەۋۋۇر ۋە يېزىقچىلىق> قاتارلىق ماقالىلەرنى، <يېزىقچىلىق بىلىملىرىدىن 636 سوئال - جاۋاب> ناملىق كىتابنى يېزىپ، كىتابخانلارنىڭ دىققىتىگە سۇندى.
ئابدۇللا سۇلايماننىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <يۇرۇڭقاش ناخشىلىرى> (1982 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <ھايات ئۈنچىلىرى> (1984 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <بۇ كوچىدىن ئەخمەتجان ئۆتكەن> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <بۇ - مۇھەببەت، بۇ - ياشلىق> (1990 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <مۇھەببەتنىڭ كۆزى يوق> (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق داستانلار - باللادا توپلىمى بار. ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە مۇكاپاتلانغان.
ئابدۇللا سۇلايمان ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ دوتسېنتى.