UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىدۆلەتخان باتۇر

دۆلەتخان باتۇر

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى دۆلەتخان باتۇر 1910 - يىلى چۆچەكتە تۇغۇلۇپ، چۆچەكتە خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. 1936 - يىلى شېڭ شىسەينىڭ ھەبىي مەكتىپىنىڭ مال دوختۇرلۇق بۆلۈمىدە ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قۇمۇلدا 178 - لۈي ئاتلىق تۇەن ھەربىي دوختۇرخانىدا باشقارما باشلىقى بولىدۇ. 1946 - يىلى كۆشۈتە قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، 1947 - يىلى 12 - ئايدا غۇلجىغا بارىدۇ ۋە غۇلجىدا قۇمۇل باتۇرلىرى دېگەن نام بىلەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. 1950 - يىلىنىڭ بېشىدا شىنجاڭ ھەربىي رايون سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 1953 - يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. 1990 - يىللاردا كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى