UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئىبراھىم نورۇز

ئىبراھىم نورۇز

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئىبراھىم نورۇز ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتە دېموكراتىك يۆنىلىشكە مەنسۇپ بولغان تالانتلىق شائىرلارنىڭ بىرى، شائىرنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى گۈللىنىش دەۋرىگە - مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 - 40 - يىللىرىدىكى دېموكراتىك، ئىلغار ئېقىم ئەۋج ئالغان دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. ئىبراھىم نورۇز 1911 - يىلى چىلەكتە تۇغۇلغان ۋە باشلانغۇچ مەكتەپنى شۇ يەردە ئوقوغان. شائىرنىڭ ئاتا جەمەتى ئەسلى ئۇچتۇرپانلىق بولۇپ، 1884 - يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ چىقىپ، بايتوقاي يېزىسىنىڭ ھاكىمتام قىشلىقىدا ياشىغان. شائىرنىڭ بوۋىسى نورۇزباقى، دادىسى نەسىرىدىنلەر بايتوقايدا تۇغۇلغان. شائىر ئۆزىنىڭ بۇ نەسەب تارىخى ھەققىدە تۆۋەندىكىچە مەلۇمات بېرىدۇ: . . . ئەي ئەزىزلەر، ئىبراھىمدۇر مېنىڭ ئېتىم، مەلۇماتىم بەكمۇ تۆۋەن، ئاجىز تېنىم. تارىخىمنى بىلمىگەنلەر دەيدۇ «تاران»، مۇتلەق ئۆزۈم ئۇيغۇر ئوغلى، مىسكىن يېتىم. ئۇ بوۋامنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى غۇلجا، ئالدىنقىلار ئۆتكەن ئۇچتۇرپاندا. زالىم زۇلىمى قىلغان ئۈچۈن ئەلنى ۋەيران، تۇرالمىغان بۇ مىسكىنلەر بىر ماكاندا . . . («ئۆتمۈشلەردىن» قول يازما، 45 - بەت) نورۇز باقىلار ئائىلىسى 1932 - يىلى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تۇپرىقى شىنجاڭغا - غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن ۋە قايتىدىن بايتوقاي يېزىسىغا ماكانلىشىپ دېھقانچىلىق قىلغان. ئىبراھىم نورۇز يالغۇز تالانتلىق شائىر بولۇپلا قالماستىن، بەلكى داراماتورگ، رېژىسسور، پىداگوك ۋە قىزغىن مەرىپەتچى ئىدى. ئىبراھىم نورۇز 1930 - يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ تاكى 1969 - يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن بولۇپ تاكى 1969 - يىلغىچە 40 يىل ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. شائىر شېئىرىيەت جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە بولۇپ، بەدىئىي ئىجادىيەتتە ئىزچىل دېموكراتىك خاھىشىنى بويلاپ ماڭغان، شائىرنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇشنى، خەلق ئارزۇ - ئارمانلىرى ۋە دەۋر ھادىسىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشى لازىملىقىنى چۈشەنگەن. شائىر 1942 - يىلى يازغان «شائىرلارغا» ناملىق شېئىرىدا مۇنداق دەيدۇ: «شائىر بولساڭ ھەقنى سۆزلە، يالغان قاتما، ئابروي ئىزلەپ، خۇشامەت قىپ ئارنى ساتما! چىن - ھەقىقەت، بىر مەسلەكدە تۇرۇپ ئۆزۈڭ، تۈز يېتەكلە بارچە ئەلنى، يازغا تاتما. ئەي شائىر، بىساتىڭدا بولسا ۋىجدان، توغرا سۆزنى ئات مەيدانغا، پۇلغا ساتما! بىر جېنىڭنى ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان ئاتاپ، باس ئالدىڭغا، توغرا كەلسە ئوتتىن قايتما!» ئىبراھىم نورۇز يەنە بەدىئىي ئىجادىيەتتە تىل سەنئىتى ۋە تەسۋىرىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشتا ئورىگىنال ئىستىلنى شەكىللەندۈرگەن. بولۇپمۇ، 30 - يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ، شېئىرلىرىنى ئاممىباب خەلق تىلىدا يازغان. ئىستېمالدىن قاپقالغان ئەرەب، پارس سۆز - ئىبارىلىرىنى قوللىنىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلانغان، ئۇنىڭ ئورنىغا شائىر خەلق قوشاقلىرى تىل سەنئىتىنى ماھىرلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىجادىنىڭ ئاممىۋىلىقى - خەلقچىللىقىنى ئاشۇرغان. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئېغىزدىن - ئېغىزغا تاراپ، ئومۇملاشقان. شائىرنىڭ 33 - 36 - يىللاردا يازغان «ئۆتمۈشلەردىن» ناملىق بىر گۇرۇپپا ۋاقىئىي شېئىرلىرىدا يۇقىرىقى ئامىللار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئىبراھىم نورۇز ئىجادىنىڭ يەنە بىر چوڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇ 30 - 40 - يىللاردا يازغان شېئىرلىرى ئارقىلىق ئەينى دەۋرنىڭ سىياسىيا - ئىجتىمائىي ھادىسىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن «چېرىكلەر»، «شەيامۇلدا»، «دەھشەتلىك كۈن»، «يولدا»، «داغ»، «شېڭ شىسەي»، «تاران» قاتارلىق شېئىرلىرىدا 30 - يىللاردا باشلانغان يەتتەسۇ ئاھالىسىنىڭ ئىلى ۋادسىغا كۆچۈپ - قايتىپ كېلىشى، ئىلى يېزىلىرىنىڭ شېڭ شىسەي دەۋرىدىكى قىياپىتى، «تارانچى» دېگەن نام بىلەن كېلىپ چىققان مىللىي بۆلۈنۈشى ۋەقەلىرى قاتارلىق رېئال دەۋر ھادىسىلىرى بايان قىلىنغان. ئىبراھىم نورۇز داستانچىلىقتىمۇ ماھارەت كۆرسەتكەن شائىر ئىدى. ئۇنىڭ «سايىت باقى» («ئىلى دەرياسى») ژۇرنىلىنىڭ 82 - يىل 4 - سانىدا ئېلان قىلىنغان( ناملىق داستانى يېڭى زامان رېئالىزملىق داستانچىلىقىدا بىر ئورىگىنال ئەسەر. بۇنىڭدا رېئال ۋەقە بايان قىلىنغان بولۇپ، ساتىرا ۋە يۇمۇر ئامىللىرىدىن ئۈستىلىق بىلەن پايدىلانغان. ئىبراھىم نورۇز ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ۋە ئازادلىقتىن كېيىن ئاساسەن درامچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ «گۈلخان»، «غەزەپ يالقۇنى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ، سەھنىلەشتۈرگەن ھەم ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلغان. شائىر ۋاپات بولۇشتىن 3 - 4 يىل ئىلگىرى قولىدا ساقلىنىپ كەلگەن قول يازملىرىنى رەتلەپ، ئالاھىدە توپلام قىلىپ كۆچۈرۈپ، ئۇنىڭغا «مىراس» دەپ نام قويغان. بۇ توپلامغا شائىر ئۆزىنىڭ يۈزگە يېقىن شېئىرى، بىر داستان، ئون نەچچە لەپەر ۋە ئېيتىشىش قاتارلىق ئەسەرلىرىنى جەملىگەن. بۇ ئەسەرلەر ئۇنىڭ 1932 - يىلدىن 1967 - يىلغىچە بولغان ئىجادىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شېئىرلارنىڭ بەزىلىرىگە يېزىلىش تارىخى ھەققىدە ئىلاۋىمۇ قوشۇلغان. بۇنىڭدىن باشقا «گۈلەمخان»، «غەزەپ يالقۇنى»، «خەلق ئاھىدىن نۇر» )كېيىن «بىز يېتىم ئەمەس»دەپ ئۆزگەرتىلگەن( ناملىق ئۈچ سەھنە ئەسىرىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈچ دەپتەرگە كۆچۈرۈپ قالدۇرغان. بۇ دەپتەرلەر شائىرنىڭ ئۆز قول يازمىسى بولۇپ، ھازىر ئوغلى ئابدۇللام ئىبراھىمنىڭ قولىدا ساقلانماقتا. شائىر ۋە دراماتورگ ئىبراھىم نورۇز 1970 - يىلى غۇلجا شەھەر دۆڭ مەھەللىدىكى ئۆز ئۆيىدە ۋاپات بولدى. 1981 - يىلدىن ئېتىبارەتن ئىبراھىم نورۇزنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيتى ئۈستىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىپ، شائىر ئىجادىنىڭ يېڭى پاكىتلىرى ۋە ئەھمىيىتى ئۆگىنىلىدى. شائىرنىڭ ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىدا (1982 - يىل 4 - سان) ۋە شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «گۈدۈك» توپلىمىدا ئېلانن قىلىندى. («تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1988 - يىل 4 - سانىدىكى قادىر ئەكبەر تەييارلىغان شۇ ناملىق ماقالىگە ئاساسلىنىپ يېزىلدى).
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى