شەرىپقان تۆرە
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شەرىپقان تۆرە 1900 - يىلى ئالتاي قران دەرياسى بويىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ 4 - بوۋىسى كۆگەداي ئالتاي قازاقلىرىنىڭ تۇنجىسى بولۇپ 1791 - يىلى بېيجىڭغا بېرىپ چەنلۇڭ خاننى تاۋاپ قىلىپ، جىڭ گۇگۇڭلۇق مەنسىپىگە ئېرىشكەن. ئۆز دادىسى جىڭىسقاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئەلەن جۈنۋاڭلىق مەنىسىپىگە ئىگە بولغان. شەرىپقان ئەلەن جونۋاڭ بىلەن ئاتا بىر، ئانا باشقا بولغانلىقى، ئانا تەرەپ ئاق سۆڭەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەنىسەپكە ئېرىشەلمىگەن، بەلكى سەككىز ياشقىچە قوي باققان.
شەرپقان كىچىكىدىن ئىلىمغا ھىرىسمەن ئىدى. ئۇ بىر تاتار كىشىدىن تىلىنى ئۆگىنىدۇ.
1920 - يىلى، ئۇ روسىيىگە ئوقۇشقا بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئاق سۆڭەك دەپ ئوقۇشقا ئالمايدۇ. شەرىپقان روسىيىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1922 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ياڭ زېڭشىن ئاچقان مۇڭغۇل، قازاق مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. شەرىپقان بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 1927 - يىلى بورۇلتوقايغا ھاكىم بولىدۇ. 1928 - يىلىدىن باشلاپ ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت باشلايدۇ. 1930 - يىلى جىن شۇرېن شەرىپقاننى ئۈرۈمچىگە چاقىرىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى قىلىپ بېكىتىدۇ.
شەرىپقان شۇ كۈنلەردە جىمىنەيدە سوۋېت سودا باشقارمىسى بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزەيدۇ. 1933 - يىلىدىن باشلاپ ئالتايدا مەدەنى مائارىپنى يولغا قۇيۇپ مەكتەپ سالىدۇ. مەكتەپكە كېلىپ 12نەپەر تېخنىك يېتىشتۈرۈپ گېزىت - ژۇرنال چىقىرىدۇ. كىنو ئاپاراتى ئېلىپ كېلىدۇ. ماجۇڭيىڭ قىىسملىرىدىن ماجى، ماخەيىڭلار ئالتايغا بېسىپ كىرگەندە، قوشۇن تەشكىل قىلىپ ئۇلارنى قوغلاپ، ئالتاينىڭ ئامانلىقىنى ساقلايدۇ. كېيىن شېڭ شىسەي شەرىپقاننى ئالتاي ۋالىيىسى، قوشۇمچە گارنىزون قوماندانى قىلىپ ئۆستۈرىدۇ.
1939 - يىلى 10 - ئايدا شېڭ شىسەي ئۇنى ئۈچ مىللەت قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ قىلىپ ئۈرۈمچىگە چاقىرتىدۇ ۋە يىغىندىن كېيىن ئۇنى ئالتايغا قايتۇرماي 1940 - يىلى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى قولغا ئېلىپ 1942 - يىلى تۈرمىدە ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى 1947 - يىلى تېپىلىپ ئۈرۈمچى شامال باغ قەبرىسىتانلىقىغا قويۇلىدۇ. كېيىن 1990 - يىللاردا كىشىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى يۆتكەپ ئالتايغا ئېلىپ كېتىپ دەپنە قىلىدۇ.