مەھپۇز چىنۋاڭ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەسلىدە مەمتىىن شىتەي ۋاڭنىڭ ئوغلى يوق ئىدى. تۆت ئوغلى بار ئىنىسى مەخسۇت خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى مەھپۇز خوجىنى كىچىكىدىن ئوغۇل قىلىپ بېقىۋالدۇق. چوڭ بولغاندا، قىزى مەرەم خېنىمنى بېرىپ كۈيئوغۇل قىلىش بىلەن بىرگە يۇقىرىغا يوللاپ، تەيجىلىك ئورنىغا ئىگە قىلىپ، ئىز باسار ۋاڭ قىلىپ يېتىشتۈرىدۇ.
1923 - يىلى مەمتىمىن شىتەي ۋاڭ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىنىسى ئاپپاق خوجا «گوەندى» دېگەن ھەربىي ئەمەلگە، مەھپۇز خوجا كۇچادا چىنۋاڭلىق مەنسىپىگە ئولتۇرىدۇ.
مەھپۇز ۋاڭ مانجۇچە ئۇزۇن - قىسقا چاپان، قېلىن ئاق چەملىك خەي، بېشىغا شىلەپە كىيىپ، بىر غۇلاچ غاڭزىنى ئېلىپ يۈرۈيدىغان، ھېيت نامازلىرىغا بارىدىغان، ئاددىي - ساددا، كەمتەر كىشى.
1933 - يىلى تۆمۈر ئېلى سىجاڭ كۇچانى ئىشغال قىلغاندا مەھپۇز ۋاڭ مانجۇچە كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ، قارا مەخمەلدىن ھەربىي كىيىم، ھەربىي ئۆتۈك، شەپكە كىيىدۇ ۋە 3 مىڭدەك ئەسكەر ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا سىجاڭ ئۇنۋانى بېرىلىدۇ.
مەھپۇز ۋاڭ تۆمۈر ئېلى قوشۇنلىرى بىلەن بىرگە كورلا، قارا شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ. ماجۇڭيىڭ خوجىنىياز ھاجىنى قوغلاپ كۇچاغا كەلگەندە، مەھپۇز ۋاڭ قىسىملىرىنى رەتلەپ، ماجۇڭيىڭ قىسمىنى توساپ جەڭ قىلىدۇ ۋە شايارنى ساقلاپ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا شېۇ شىسەې مەھپۇز ۋاڭنى شايارغا ھاكىم قىلىپ بەلگىلەيدۇ. 1937 - يىلى بېكتىبايوف باشچىلىقىدىكى رۇس قوشۇنى زەمبىرەك - توپلار بىلەن ماجۇڭيىڭ قىسمىنى تازىلايدۇ. 1937 - يىلى 6 - ئايدا شېڭ شىسەينىڭ ياللانما قوشۇنى بولغان رۇس ئارمىيىسى مەھمۇت مۇھىتى ۋە ماخوسەن قىسىملىرىنى يوقاتقاندا، مەھپۇز ۋاڭ ماخوسەن قىسىملىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ماخوسەن قىسىملىرى مەھپۇز ۋاڭنى خوتەنگە ئېلىپ ماڭغاندا مەھپۇز ۋاڭ قېچىپ تارىم جاڭگاللىقىدا پاناھلىنىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان شېڭ شىسەي قىسمى ئىز بېسىپ قوغلاپ، ئۇنى تۇتۇپ قامايدۇ. مەھپۇز ۋاڭ شېڭ شىسەينىڭ 1938 - يىلىدىكى چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئۈرۈمچى 2 - تۈرمىدە سىرتماق بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.