UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىيالقۇنجان ئىسلام

يالقۇنجان ئىسلام

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر يالقۇنجان ئىسلام 1949 - يىل 3 - ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيسىنىڭ ئاۋات يېزىسىدا تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسى ۋە ناھىيە مەركىزى، قەشقەر شەھىرىدە تاماملىغان، 1965 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1969 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋىلايەت تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت باش شىركىتىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان، ھازىر شۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتىدۇ. يالقۇنجان ئىسلام ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە 1974 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <ياخشى بولدى> ناملىق شېئىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ۋەتەن ئوغلىمەن>، <دان ۋە سامان>، <ياخشى>، <جاننى پىدا ئەتمەي تۇرۇپ>، <گۈزەل باھار>، <گۈزەل پەرىشتەم>، <ئېزگە تىلەكلەر>، <ئەجەپ تاتلىق بىر كۈلكە بار قىزلاردا>، <تۇرمۇش سۈرەتلىرى>، <ۋىجدان بايرىقىم> قاتارلىق بىر مۇنچە شېئىرلارنى؛ <ئاھ، لالە>، <كاككۇكنىڭ رىۋايىتى>، <دالچىن ۋە يالچىن> قاتارلىق داستانلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان. يالقۇنجان ئىسلامنىڭ <قەلب ئىزھارى> (1987 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق بىرلەشمە شېئىرلار توپلىمى، <ئىزگۈ تىلەكلەر> (1992 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى بار. يالقۇنجان ئىسلام ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يالقۇنجان ئىسلام | UyghurWiki | UyghurWiki