رەھىم يۈسۈپ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى رەھىم يۈسۈپ 1952 - يىلى يېڭىسار ناھىيسىنىڭ ئەگۈس يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى مارالبېشى ناھىيسىدە ئوقۇپ تاماملىغان، 1972 - يىل 9 - ئايدا مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1975 - يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ھازىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى باشقۇرۇش كادىرلىرى ئۇنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
رەھىم يۈسۈپنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1977 - يىلى باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇ، ئاساسەن نەسر ۋە كۈلدۈرگە سەنئەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە پەلسەپە، نۇتۇقشۇناسلىق ساھەلىرىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە <ماركىسىزملىق پەلسەپىدىن سوئال - جاۋابلار>، <پەلسەپە ئۆگەنگۈچىلەرگە ياردەم>، <خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە پەلسەپە ئاتالغۇلىرى>، <نۇتۇق سەنئىتىگە دائىر ئاساسىي بىلىملەر>، <ئەمەلىي نۇتۇق قوللانمىسى> قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىندى.
رەھىم يۈسۈپ يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بىر مۇنچە كىتابلارنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى.
رەھىم يۈسۈپنىڭ نەشر قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن <خەلقئارا پوچتىلار قۇرۇليىتى> (1994 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <تەپەككۇر دېڭىزىدىن تامچىلار> (1995 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق نەسرلەر توپلىمى، <ئۇيغۇر خەلق كۈلدۈرگىلىرى> (1995 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) قاتارلىق كۈلدۈرگە توپلاملىرى بار.
رەھىم يۈسۈپ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.