UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىيۈسۈپجان ياسنوۋ

يۈسۈپجان ياسنوۋ

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى پۈتۈن ھاياتىنى خەلقنىڭ ئازادلىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىنقىلاب يولىغا بېغىشلىغا ماھىر رازۋېتچىك، پودپولكوۋنىڭ يۈسۈپجان ياسىنوۋ 1919 - يىلى (؟) سۈيدۈڭدە تەرەققىيپەرۋەر تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. كېيىن بالىلىق ھاياتىنى بورتالادا ئۆتكۈزگەن. يۈسۈپجان ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن، بۆرتالادىكى بىر كونىچە مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ، ئوقۇش داۋامىدا دىنىي بىلىم ئېلىش بىلەن بىرگە، كونىچە مەكتەپتە يېڭىدن يولغا قويۇلغان (1980 - يىلدىن باشلاپ باۋۇدۇن مۇسابايۇپلارنىڭ بىۋاسىتە قول تىقىسى بىلەن ئىلى، قەشقەر قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىكى مەدرىسلەردە پەننىي دەرسلەر قوشۇپ ئوقۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، كىچىك شەھەرلەردە ئوملاشمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەننىي مەكتەپمۇ يوق ئىدى. شۇڭا، بۆرتالادىكى كونىچە پەننىي دەرسلەرنى قوشۇپ يېڭىدىن تەسىس قىلىنغانىدى.) پەننىي دەرسلەرگىمۇ قىزىقىدۇ - دە، ناھايىتى تېزلا خەت - ساۋادىنى چىقىرىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن سۈيۈنگەن دادىسى رۇسىيىدە (تاشكەنت، قازان، ئوفا قاتارلىق جايلاردا) نەشىر قىلىنغان دەرسلىك كىتابلار ۋە ھەر خىل ژۇرناللار - گېزىتلەرنى ئېلىپ بېرىدۇ. كىچىكىدىن زېرەك ۋە تىرىشچان ئۆسكەن يۈسۈپجان تىرىشىپ كىتاب ئوقۇيدۇ. گېزىت - ژۇرناللارنىڭ كۆرۈپ دۇنيانى چۈشىنىشكە باشلايدۇ. قېيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە دادىسىدىن سوراپ چۈشىنىدۇ. 30 - يىللاردىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تارىخىي خارەكتېرلىك يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، جاي - جايلاردا يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇلۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋال يۈسۈپجاننىڭ يېڭى بىلىم ئېلىشىغا تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە، يۈسۈپجان بۆرتالادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەلۇماتلىق تالانت ئىگىسى بولۇش بىلەن بىرگە، رۇس تىل - يېزىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ. 1936 - يىلى ئۇنىڭ كۈتكەن پۇرسىتى يېتىپ كېلىدۇ. ئۇ، ئۈچىنچى تۈركۈمدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، تاشكەنتكە بېرىپ ساگۇنىڭ سىياسىي قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇشى ئەلا نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىپ، سىياسىيون ھەم ناتىق بولۇپ ۋەتەنگە قايتىدۇ. 1938 - يىلى ئۈرۈمچىدە سىياسىي - قانۇن ئورۇنلىرىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىدۇ. كېيىن ئۇ ئىلىغا يۆتكلىپ، 1942 - يىلغىچە يەنىلا سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ. 1942 - يىلنىڭ ئاخىرى، شېڭ شىسەي ئىنقىلابتىن ئوچۇق - ئاشكارا يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭ قويىنغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. شىنجاڭدا گومىنداڭ پىرقىسى قۇرۇلىدۇ. بۇ چاغدا، كۆپلىگەن ئىلغارلار قولغا ئېلىنىدۇ، قامىلىدۇ، ئۆلتۈرۈلىدۇ. زۇلۇمدىن ئۆزىنى چەتكە ئالغانلار قۇتۇلىدۇ. شۇنداق شارائىتتا، بىر بۆلۈك ئىلغارلار ئازادلىق يولى ئىزدەپ تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشىدۇ. شۇ چاغدا يۈسۈپجانمۇ ئىلىدىكى «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ بىر گۇرۇپپىسىغا قوشۇلۇپ، سىياسىي پائالىيەت ۋە ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، تەشكىلاتنى مۇھىم ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. 1944 - يىلى نويابىردا قوزغالغان ئىلى خەلق قوزغىلىڭى ھەر قايسى سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتىنى تېزلىتىدۇ. نەتىجىدە، يۈسۈپجان ياسىنوۋ سۈيدۈڭ پارتىزانلىرىغا قوشۇلۇپ، ئاددىي جەڭچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ كۈنلەردە مىللىي ئارمىيە غۇلجا شەھىرىنى ئازاد قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىپە دۈشمەننىڭ جىڭ، شىخودىكى ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىش ئىدى. دۈشمەننى يوقتىشتا دۈشمەننىڭ سىرىنى بىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە. قوماندانلىق شىتاب دۈشمەننىڭ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن، دۈشمەن ئارقا سېپىنى رازۋېتكا قىلىش ۋەزىپىسىنى يۈسۈپجان ياسىنوۋغا تاپشۇرىدۇ. يۈسۈپجان چاقماق تېزلىكىدە دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىگە (ئۇ چاغدا كەڭساي ئېغىزى، ۋۇتەيدە دۈشمەن ئالدىنقى رازۋېتى بار ئىدى) ئۆتۈپ بۆرتالا، ئارشاڭ، چىگىشۇ، جىڭ، شىخۇ قاتارلىق جايلاردا دۈشمەن ئەھۋالىنى رازۋېتكا قىلىدۇ (دۈشمەن ئەھۋالىدىن خەرىتىلىك مەلۇمات توپلايدۇ). دۈشمەن ئەھۋلىدىن خەۋەر تاپقان مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى 1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى جىڭ، شىخۇغا ئارقا - ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننىڭ جىڭنى ساقلاۋاتقان بىر دىۋىزىيە قىسمىنى يوق قىلىپ، شىخۇغا يۈرۈش قىلىدۇ. 5 - كۈنى شىخۇنى ئىشغال قىلىپ، قالدۇق دۈشمەننى قوغلاپ ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا كېلىپ، بۇيرۇققا بىنائەن بۇ جاينى ئالدىنقى لىنىيە قىلىدۇ. بۇ كۈنلەردە يۈسۈپجان بورالا ساقچى ئىدارىسىنىڭ كادىرى نامىدا بۆرتالا، ئارشاڭ، جىڭ، شىخو قاتارلىق جايلاردا ئىچكى رازۋېتكا (تازىلاش) خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كېيىن مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق باش شىتاب رازۋېتكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، غۇلجا مەركىزىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ رازۋېتكا خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، گومىنداڭ دائىرلىرى ئىنقىلابنى قورال كۈچى بىلەن يوقاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 1946 - يىلى گومىنداڭ تەرەپ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن 11 ماددىلىق بېتىم ئىمزالايدۇ، شىنجاڭدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. مۇشۇنداق بولسىمۇ، گومىنداڭ تەرەپ ئۆزىنىڭ يېڭلىگىنىگە تەن بەرمەي، بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەتنى پارچىلاپ يوقىتىش نىيىتىگە كېلىدۇ ۋە ئوسماننىڭ ئىلى تەرەپكە بولغان نارازىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئوسماننى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئوسماننىڭ قولى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى پارچىلىماقچى بولىدۇ. 1945 - يىلى 10 - ئايدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچىلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى ئوسماننىڭ گومىنداڭ ھەربىي - مەمۇرلىرى (سۇڭ شىلىيەن، جاڭ جىجۇڭ) بىلەن مەخپىي ئالاقە باغلىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئالىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر ئىككى تەرەپكە «ئوسماننى ھۈركۈتمەسلىك، گومىنداڭغا چاندۇرماسلىق» تاكىتىكىسىنى قوللىنىپ، ئوسمانغا نىسبەتەن بىر تەرەپتىن، سۆھبەت ئارقىلىق ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇنىڭ سىياسىي ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتۇپ تاقابىل تۇرۇش؛ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئۈچ ۋىلايەتنى بىر گەۋدە قىلىپ، ئوسماننى ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت ھەيئىتى قىلىپ كىرگۈزۈش ئارقلىق، تەلەپنى قاتتىق قويۇپ، گومىنداڭنى ئوسمان توغرىسىدا دىلىغول قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئۈرۈمچىدە گومىنداڭ بىلەن سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار مەسىلىلەرگە ئەخمەتجان قاسىمى، ئوسمان بىلەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە گېنېرال ئىسھاق بەگ مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچىدە گېنېرال جاڭ جىجۇڭ ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتىكى بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئوسماننى قورال - ياراغ، ھەربىي ھەم تېلېگراف خادىملىرى بىلەن تەمىنلەشنى گېنېرال سۇڭ شىيلەنگە تاپشۇرىدۇ ھەم بۇ ئىشنى قەتئىي مەخپىي ساقلاش ئۈچۈن، تاۋسىيۇ بىلەن شىليەنگە بۇيرۇق بېرىدۇ. سۇڭ شىليەن ماچىڭشاڭ باشچىلىقىدىكى بىرىنچى ئاتلىق دىۋىزىيە تەركىبىدىكى ماشېجىن باشچىلىق قىلغان ئىشپىيونلۇق ليەننى بەيتىك ئەتراپىنى تۇرالغۇ قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋە تاشقى موڭغۇلىيە چېگرا قىسىملىرىنى داۋاملىق چارلاش، ھەربىي ئاخبارات توپلاشقا ئەۋەتىدۇ. يەنە ئوسماننىڭ يېنىدا خىزمەت ئىشلەش ئۈچۈن ھەربىي باشقارما (بۇ ھەربىي باشقارما ھەربىي سىستېمىدىكى ئىشپىيونلۇق ئورگان بولۇپ، نامدا شىنجاڭ گارنېزون سىلىڭبۇسىنىڭ بىر باشقارمىسى بولسىمۇ، ئەملىيەتتە، غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىسى ئۈرۈمچى ئىشخانىسىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە ئىكەن) باشلىقى يۈي دەنگە ئۈچ رادىست ۋە راتسىيە قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئەۋەتىدۇ. بۇ ئىشپىيونلار ئوسماننىڭ يېنىغا بارغاندىن كېيىن، ئوسماننى يېتەكلەش بىلەن ئۈچ ۋىلايەتكە قارشى ھەرىكەت قىلىشتىن تاشقىرى، تاشقى موڭغۇلىيە ۋە سوۋېت چېگرىلىرىدا ئىشپيونلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ھۈكۈمىتى ئىنتايىن زور سەۋرىچانلىق بىلەن ئوسمانغا تەربىيە ئىشلەپ، ئۈچ ۋىلايەتتىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە دۈشمەنگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، لېكىن ئوسمان بۇنى رەت قىلىدۇ. ئۇ ھەر خىل يوقىلاڭ سەۋەب ۋە چەكتىن ئاشقان تەلەپلەرنى قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئىككى يۈزلىمىلىك تەبىئىيتىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇ چاغدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىلەن ئوسمان ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىپ بولمايدىغان «دوست - دۈشمەن» ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ئوسمان بىر تەرەپتىن ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق ھەر قايسى قەبىلە باشلىقلىرى ۋە يۇرت كاتتىلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ ئۈچ ۋىلايەتكە قارشى قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللىنپ، قازاق خەلقىنى كۆچۈرۈپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرىدۇ. ئىشلار تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان قازاق خەلقىغە ھەقىقەتەنمۇ بالايىئاپەت كەلتۈرىدۇ. مۇشۇنداق پەيتتە، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى باش رازۋېتكا بۆلۈمى باشلىقى، پودپولكوۋنىڭ يۈسۈپجان ياسىنوۋنى ئالتاي ئۈچىنچى ئاتلىق پولكىنىڭ پودپولكوۋنىكلىلكىگە تەيىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت شىمالىي يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئوسماننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۈزىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. يۈسۈپجان ياسىنوۋ ئالتايغا بارغاندىن كېيىن گېنېرال مايور دەلىقانغا ياردەملىشىپ، ئالدى بىلەن كوماندىر - چەڭچىلەرنىڭ ئىنتىزامچانلىقىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە بۇ خىزمەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ، خىزمەت داۋامىدا كوماندىر - جەڭچىلەرگە «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر» دېگەن تېمىدا سىياسىي دەرس ئۆتىدۇ. شۇنداقلا ئالتاي ۋەزىيىتى ۋە كەلگۈسى توغرىسىدا ئېنىق سۆزلەپ، ئوسمان پەيدا قىلغان قالايمىقانچىلىق ھەم ئۈچ ۋىلايەتكە قارشى تارقاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلارغا رەددىيە بېرىدۇ. ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھەر بىر قازاق ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرستىپ، كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەزىيەتكە بولغان قارىشىنى توغرىلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق قىسىمنى رەتكە سالىدۇ. گومىنداڭنىڭ قورال - ياراغ ۋە ھەربىي ياردەمگە ئېرىشكەن ئوسمان ئۆزىنى «تەڭرىنىڭ ئەركىسى»، «تاغ باتۇرى»، «پۈتۈن قازاق خەلقىنىڭ غەمخۇر ئاتىسى»، «ئالتاينىڭ ئىگىسى» قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۈچ ۋىلايەتكە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ، خەلقنى ئۆزىگە ئەگىشىپ كۆچۈشنى جاكارلايدۇ، كۆچمىگەن ئائىلىلەنى بۇلايدۇ. 1946 - يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، ئوسمان مانان باشچىلىق قىلغان بىر ئەترەتكە بۇيرۇق بېرىپ، قۇبۇقسار ناھىيىسىنىڭ سالبىتىىدتى دېگەن يېرىگە بۇلاڭچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ئەھۋالدىن ئالدىن خەۋەر تاپقان يۈسۈپجان ياسىنوۋ باشچىلىقىدىكى چارلاش ئەترىتى تۇيدۇرماي يوشۇرۇنۇپ زەربە بېرىدۇ. خېلى كۆپ زىيان تارتىپ، قېچىپ قۇتۇلغان مانان قىسىمى مىللىي ئارمىيىگە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ۋە بۇلاڭچىلىق ئېلىپ بارىدۇ. لېكىن، مىللىي ئارمىيىنىڭ قاتتىق زەربىسى بىلەن قاچىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئوسمان ئەسەبىيلەشكەن ھالدامانان، رۇستەم، قورمان، پولتاباي، جىلقان، پورۇلجاپ، قاباس قاتارلىق باندىتلارنى ئۆز قىسىملىرى بىلەن تەرەپ - تەرەپكە ئەۋەتىپ، بۇلاڭچىلىق قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇلار يەنە ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىگە يوشۇرۇن زەربە بېرى ئىشىنى ئېلىپ بارىدۇ. ئوسماننىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرى ناھايىتى ھىلىگەرلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھەش - پەش دېگۈچە قىلىدىغان ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە كۆزدىن غايىپ بولىدۇ. خەلق ۋە مىللىي ئارمىيە كۆپ قېتىم ئوسماننىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ۋە بۇلاڭ - تالاڭلىرىغا ئۇچرايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئالتايدا تۇرۇشلۇق مىللىي ئارمىيە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ، ھۇجۇم قىلماسلىق، دۈشمەن ھۇجۇمىنى قايتۇرۇش، قوغلاپ زەربە بەرمەسلىك، ئەسىرلەرنى خارلىماسلىق، تەربىيە بېرىپ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق قايىل قىلىش پرىنسىپىدا تۇرىدۇ. مىللىي ئارمىيە شىمالىي يۆنىلىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ بۇ خىل پوزىتىسىيىسى ئوسماننى تېخىمۇ كۆرەڭلىتىپ قويىدۇ. ئوسمان 1946 - يىلى 12 - ئايدا، بىر قانچە ئون قەبىلە باشلىقى، قۇيرۇقچىلىرى، ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ، ئۆزىنى ئەل باشلىقى، ماناننى ئەسكىرىي باشلىق قىلىپ ئېلان قىلىدۇ. ئۇ يەنە ۋىلايەت بىلەن ئۇرۇشىدىغانلىقىنى، سۇڭ باتۇر (سۇڭ شىلىيەننى دېمەكچى) نىڭ ئوسمانغا ھەر قانداق ئىشتا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، «قۇدرەتلىك» قوراللارغا ئىگە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بىلەن ئاغىنە بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇڭا، 1947 - يىلى كىرىش بىلەن مىللىي ئارمىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا يۈسۈپجان مايور ماشان بىلەن قازاق خەلقى ئىچىدە يۈرۈپ، ئوسماننىڭ ئەكسىلئىنقلابىي ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ. 1947 - يىلى 1 - ئايدا، ئوسمان بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بۇرۇلتوقاي ۋە ئالتاي ناھىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، مىللىي ئارمىيىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. 1947 - يىلى 2 - ئايدا، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابى ئۈچ ئاتلىق پولىك ۋە زەمبىرەكچى زەربە بېرىدۇ. پودپولكوۋنىك يۈسۈپجان بۇ ئۇرۇشنىڭ سەردارى بولۇپ، ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. ئوسمان ئالتاي ۋە بۇرۇلتوقايدىن ھەيدەپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، بۇرۇلتوقاي، چىڭگىل، كۆكتوقاي قاتارلىق ناھىيە ۋە رايونلاردىن 3000 دىن كۆپرەك چارۋىچىلارنى ئۆزىگە مەجبۇرىي ئەگەشتۈرۈپ، ئۆز سېپىنى ئۇلغايتىپ، ئەكسىلئىنقىلابىي بازا قۇرماقچى بولىدۇ. بۇ چاغدا مىللىي ئارمىيە شىمالىي يۆنىلىش قوماندانلىق شىتابى بۇيرۇققا بىنائەن ئوسمان باندىتلىرىغا قارشى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلىپ، بۇ ئۇرۇشنىڭ قوماندانلىقىنى يۈسۈپچان ياسىنوۋغا تاپشۇرىدۇ. يۈسۈپجان ياسىنوۋ 1500 كىشىلىك ھەيۋەتلىك قوشۇننى باشلاپ، 1947 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالتايدىن كۆكتوقاي ناھىيسىنىڭ ئوسمان ئورۇنلاشقان ئۇلۇغباي قودۇقى دېگەن يېرىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇ ئۈچ كۈن جاپالىق يول يۈرۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە ئۇلۇغباي قۇدۇقىغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ قار كۆچكەن پەسىل بولغاچقا، ھاۋا سوغۇق، قېلىن تۇمانلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن يول باسقان جەڭچىلەرنى دەم ئېلىشقا قويۇۋېتىپ، ئۆزى بەدالخان بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ، كەڭ چارۋىچى خەلقنىڭ ھايات - ماماتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا، ئامال بار ئوسمان بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىق، مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش قارارىغا كېلىپ، قازاق خەلقى ئىچىدىكى يۇقىرى ئابرويلۇق ئاقساقاللاردىن مامبات، جانات قاتارلىق تۆت نەپەر كىشىنى چاقىرىپ، ئۇرۇش قىلماسلىق توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئىمزا قويىدۇ. لېكىن يامان نىيەتلىك ئوسمان ۋە ئۇنىڭ ئىلىكىدىكى باندىتلىرى بىر تەرەپتىن تىنچلىق سۆھبىتىگە ئىمزا قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن، يوشۇرۇن ئۇرۇش ھازىرلىقى قىلىدۇ. ئوسمان قىسىملىرى شۇ كۈنى تۈن يېرىمدا مىللىي ئارمىيە ئورۇنلاشقان جاينىڭ شەرقىي جەنۇبىغا باستۇرۇپ كېلىپ، جەڭچىلەرنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ كۆپ كىشىنى بۇغۇزلاپ ئۆلتۈرۈپ، قوماندانلىق شىتابقا قاراپ ماڭىدۇ. بۇ چاغدا قوماندانلىق شىتاب ئالدىدىكى پوست ئەنۋەر بەگ دۈشمەن ئەھۋالىنى سېزىپ، قولىدىكى ئاپتومات بىلەن دۈشمەنگە ئوت ئاچىدۇ ھەم «باندىتلار بېسىپ كەلدى!» دەپ ۋارقىرايدۇ. چۆچۈپ ئويغانغان جەڭچى، ئوفىتسېرلار ۋە قوماندانلىق شىتاب خادىملىرى دەرھال جەڭگە ئاتلىنىدۇ. شىتابقا قاراپ ماڭغان دۈشمەن كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۈچ تەرەپتىن مىللىي ئارمىيىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ چېكىنىدۇ. قوماندانلىق شىتاب دەرھال قىسىملارنى لىنىيە بويىچە ئۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. باندىتلار تاڭ قىسىملارنى لىنىيە بويىچە ئۇرۇشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. باندىتلار تاڭ ئاتقىچە جاھىللىق بىلەن تىركىشىپمۇ بۆسۈپ كىرەلمەيدۇ ياكى چېكىنمەيدۇ. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى يەر ئەھۋالىنى بىلمىگەنلىكى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقتىن، پەقەت ئۆزلىرى تۇرغان ئورۇننى ساقلاپلا ئۇرۇش قىلىدۇ. تاڭ سۈزۈلۈش بىلەن ئەتراپ جەڭچىلەرگە تونۇشلۇق بېرىدۇ. يۈسۈپجان ياسىنوۋ دۈشمەن ئەھۋالىنى كۈزىتىدۇ. دۈشمەن مىللىي ئارمىيىدىن خېلىلا كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشقان جايى ئۇرۇش قىلىشقا، يوشۇرۇنۇشقا ناھايىتى قولايلىق ئىدى. شۇڭا، يۈسۈپجان ياىسىنوۋ قىسىمغا ھۇجۇمغا ئۆتمەسلىك، دۈشمەننى ئىلگىرىلەتمەسلىك بۇيرۇقىنى بېرىدۇ. تاڭ ئاتقاندىن كەچكىچە ئۇرۇش بولىدۇ، دۈشمەن كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىدۇ، لېكىن چىقىم بىلەن چېكىنىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا، تاغ ئۇرۇشىغا ماھىر بولغان رولەتچى، كۆكمەتلەر باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ ئاساسىي ئوت كۈچىگە زەربە بېرىدۇ. مايور ماشان باشچىلىق قىلىۋاتقان لىنىيىنىڭ ئۇرۇش ئەھۋالى جىددىي بولۇپ، ماشان مايورنىڭ يېنىدىكى ستانكاۋۇي پىلموت ئېتىشتىن توختايدۇ. ماشان پىلىموتچىنىڭ جەسىتىنى يۆتكەپ پىلىموتنى ئىشقا سالىدۇ. بىر قانچە مىنۇت ئۆتمەي ماشان مايورمۇ قازا تاپىدۇ. پىلىموت يۈسۈپجان ياسىنونىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. بىردەم پىلىموت ئوقىنىڭ توختىشى بىلەن دۈشمەن چىلبۆرىدەك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ «ماقاباي»، «يا مۇخەممەت» دەپ چوقان سېلىپ ئىلگىرىلەيدۇ. پودپولكوۋنىك يۈسۈپجان پىلىموت ئۇچىنى دۈشمەنگە قارىتىش بىلەن ئارقا - ئارقىدىن موللاق ئېتىپ يەر چىشلەۋاتقان باندىتلار جەسىتى، ئىگىسىز قالغان ئاتلارنىڭ قالايمىقان چېپىپ يۈرۈشى دۈشمەننىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى توسىدۇ. پىلموت ئوقى باندىتلارنى زادىلا ئىلگىرىلەتمەيدۇ. دۈشمەن بىر مەھەل تىرىكىشىپ باققان بولسىمۇ، بۇ قېتىقى ھۇجۇمدا «جەڭگىۋار» دەپ ئاتالغان ھۇجۇمچى باندىتلىرى ۋە كۆپلىگەن ئەسكىرىدىن ئايرىلىدۇ - دە، قاراڭغۇ چۈشۈش بىلەن ئۆزلىكىدىن چېكىنپ قاچىدۇ. ئۇلۇغباي قۇدۇقىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ جەڭ مىللىي ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرىنىڭ جاسارىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، باندىتلارغا بولغان غەزەپ - نەپرىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئۇلار باندىتلار تەرىپىدىن بۇغۇزلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن 60 تىن ئارتۇق جەڭچى - ئوفىتسېرلارنىڭ پاجىئەسىنى كۆرگەندە، غەزەپكە چىدىيالماي ئۈنۈملۈك شوئارلارنى توۋلاپ، ئىنتىقام ئېلىشقا قەسەميات قىلىدۇ. ئوسمان چاپارمەنلىرىنى باشلاپ شۇ كېچىسىلا قىزىلئادىر دېگەن يەرگە قېچىپ كېتىدۇ. پودپولكوۋنىك يۈسۈپجان قىسىملارنى تەرتىپكە سېلىش بىلەن يېڭى جەڭگە سەپەرۋەر قىلىدۇ. ئۇ: «يولداشلار! بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدۇق، بۇ كۆپلىگەن ئەزىمەتلەرنى قان - تەر بەدىلىگە كەلدى. بۇنىڭدا ئوسمانمۇ يۈزلىگەن ئۆلۈكلىرىنى قالدۇرۇپ قاچتى. بىز بۇنىڭ بىلەن مەغرۇرلىنىپ ئېسىمىزنى يوقاتماسلىقىمىز لازېم. دۈشمەن تېخى بار، ئالدىمىزدا تالاي جەڭلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئىنقىلابىمىز، ئىرادىمىز يېڭىلمەستۇر، بىز باندىتلارنى ئۈزۈل - كېسىل يوق قىلىمىز . . . » دېگەندە، پۈتۈن مەيداندا ھۇررا ساداسى ياڭرايدۇ. شۇ كۈنى ئىككىنچى سەپ چۆچەك پولكى بۇ يەرگە يېتىپ كېلىدۇ. ئىككى پولك ۋە كوماندىر - جەڭچىلەر خۇشال - خورام جەم بولۇپ، ئوسمانغا ئىز قوغلاپ زەربە بېرىش ئۈچۈن قىزىلئادىرغا يۈرۈش قىلىدۇ. يۈسۈپجان پولكى چاقماق تېزلىكىدە ئىز قوغلاپ قىزىلئادىرغا يېتىپ كېلىپ ئۇرۇش قىلىدۇ. ئوسمان بىر مەھەل تىرىكىشىدۇ، لېكىن مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىتەنقىز (جاۋقىز دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دېگەن جايلاردا ئۇرۇشۇپ بېقىپ، ئاخىر كۆكتوقاي ناھىيسىنىڭ قۇۋئېرتىش دېگەن يېرىگە قاچىدۇ. قۇۋئېرتىش دەرياسى ئېقىمى بولۇپ، بۇ دەريانىڭ مۇزلىرى ئېرىگەن كۈنلەر ئىدى. شۇڭا، باندىتلار بالدۇر پەملەپ قويغان مۇز ئىرىمگە يەردىن ئۆتۈپ، ئۇرۇشقا ئەپلىك تۆپىلىكلەرگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. پودپولكوۋنىك يۈسۈپجان دۈشمەننىڭ توسۇق ياتقان ئورنىنى تەھىلىل قىلىپ، كۈندۈزى دەريادىن ئۆتۈپ توغرا كەلسە چىقىمنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. كۈندۈزى دۈشمەننى ئۇرۇش بىلەن بەند قىلىپ، قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن بىر قانچە ستانكىۋوي پىلىموتنىڭ ئوت كۈچىنى دۈشمەنگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پىلىموت ھىمايىسىدە قىسىملارنى دۈشمەنگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پىلىموتنىڭ ئوت كۈچىنى دۈشمەنگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پىلموت ھىمايىسىدە قىسىملانى دەريادىن ئۆتۈشكە بۇيرۇق بېرىدۇ، ئاتلىق قىسىم دەريادىن ئۆتۈپ دۈشمەنگە ئوت ئاچىدۇ، باندىتلارمۇ قىقاس - چۇقان سېلىپ ئاتلىق ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئاتلىق گىرەلەشمە جەڭ شەكىللىنىدۇ. پودپولكوۋنىڭ يۈسۈپجان ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ، دۈشمەن سېپىگە بۆسۈپ كىرىدۇ. قورمانغالى، پاتقۇللار، ئەنۋەربەگ، كۆپجاسار، ھۇشۇرۇۋ، ئابدۇكېرىم قاتارلىق ماھىر چەۋەندازلارمۇ قىلىچ ئوينىتىپ دۈشمەن سېپىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. بۇ چاغدا مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى سەپ تۈزۈپ بىرلا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۈچ تەرەپتىن باندىتلارنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوق ئاستىدىن باش كۆتۈرەلمىگەن دۈشمەن قول كۆتۈرۈپ تەسلىم بولۇشقا ئارانلا ئۈلگىرىدۇ، بىر قىسىم باندىتلار قېچىپ قۇتۇلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا 827 نەپەر باندىت ئەسىرگە ئېلىنىدۇ. باندىتلار ئائىلە بويىچە كۆچۈرۈپ ماڭغان 50 مىڭدىن ئوشۇق مال - چارۋا دۈشمەندىن تارتىۋېلىنىدۇ. ئوسمان بىر قىسىم باندىتلار بىلەن بەيتككە قاراپ قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالتاي يايلاقلىرىدىكى 10 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە باندىتلارنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلىدۇ. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى بىر نەچچە كۈن دەم ئالغاندىن كېيىن ئالتايغا قايتىدۇ. جەڭچىلەر ئالتايغا كىرگەندە، گېنېرال مايور دەلىلقان سوگۇربايوۋ باشلىق ھەربىي - مەمۇىيلار، ئالتايدا تۇرۇشلۇق مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى جەڭچىلەرنى قارشى ئېلىپ، بۇ غەلىبىنى تەبرىكلەپ، قازاق خەلقىنىڭ قائىدىسى بويىچە چاچقۇ چاچىدۇ. دەلىلقاننىڭ ئانىسى مىللىي ئارمىيە جەڭچى - ئوفىتسېرلارنىڭ چېكىسىگە سۆيۈپ غەلىبىنى تەبرىكلەيدۇ. ئۈچىنچى كۈنى غەلىبە تەبرىكلەش چوڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۈچ مىڭدىن كۆپ كوماندىر - جەڭچىلەر پاراتتىن ئۆتىدۇ. پاراتتا گېنېرال دەلىلقان سۆز قىلىپ غەلىبىنى تەبرىكلىگەندىن كېيىن، خىزمەت كۆرسەتكەن پولك، ئىكادرون ۋە قەھرىمان شەخسلەرگە ئوردېن تەقدىم قىلىدۇ. يۈسۈپجان ياسىنوۋ، پاتقۇللا، قورمانغالى، ئابدۇكېرىم، ئەنۋەربەگ، كۆپجاسار ۋە رولەتچى قاتارلىقلارغا قەھرىمانلىق ئوردېنى بېرىلىدۇ؛ يۈسۈپجان ياسىنوۋ «ئازاد نىشانلىق بىرىنچى» ۋە «ئازاد نىشانلىق ئىككىنچى» ئوردېنغا ئېرىشىدۇ. 1947 - يىلى 5 - ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئوسماننىڭ باندىتلىرى ھەممە ياقتا بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدۇ، خەلقلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشكە باشلايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان يۈسۈپجان ياسىنوۋ ئۆزىنىڭ چارلاش (رازۋېتكا) ئەترىتى ۋە مۇھاپىزەتچىلىرىنى ئېلىپ، دۈشمەننىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئورۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. پەيتى كەلگەندە دۈشمەنگە زەربە بېرىپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنغان مال - چارۋىلارنى قايتۇرۇۋالىدۇ، كۆچۈرۈلگەن خەلقنى ئەسلى يېرىگە قايتۇرىدۇ. بىر كۈنى ئۇ، جەلد قارا دېگەن تاغ ئۈستىدە دۇربۇن بىلەن ئەتراپنى كۈزىتىۋېتىپ، قېچىپ كېتىۋاتقان باندىت قىسىملىرىنىڭ كۆپلىگەن مال - چارۋا ۋە خەلقلەرنى ئالدىغا سېلىپ ھەيدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. كېيىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلار چىڭگىلدىكى ھەسەن ئۆكۈرداي، ئىدرىس زەڭگى قاتارلىق ئوسمان باندىتنىڭ كاتتىباشلىر بولۇپ، ئۇلار 100 دەك ئائىلىنى ئوسمانغا ئەگىشىشكە قۇترىتىپ ئېلىپ ماڭغانىكەن، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئوسمان بىر بۆلۈم باندىتلارنى ئۇلارنى قاچۇرماي قوغداپ ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ. يۈسۈپجان چارلىغۇچى ئەترەتنى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ زەربە بېرىشكە ئەۋەتىدۇ، بەختكە قارشى بۇ ئەترەت يوشۇرۇنغان باندىتلارنىڭ تۇيۇقسىز زەربىسىگە ئۇچراپ، خېلى ئېغىر زىيان تارتىدۇ، ھايات قالغانلىرى مۇھاسىرىنى بۇزۇپ قېچىپ قۇتۇلىدۇ. بۇ ساۋاقتىن تەجرىبە ئالغان مىللىي ئارمىيە قىسىملارنى تەرتىپكە سېلىپ، باندىتلارنى ئارقىسىدىن قوغلايدۇ. باندىتلار سار توقاي دەريا ياقىسىغا كەلگەندە، ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەي، مال - چارۋا ۋە بىر بۆلەك نەرسىلەرنى تاشلاپ ئۆزلىرى دەريادىن ئۆتۈۋالىدۇ. مىللىي قىسىم باندىتلار بىلەن ئېلىشقان بولسىمۇ، دەريادىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىشالمايدۇ. يۈسۈپجان دۈشمەنگە ئەگەشكەن چارۋىچىلاردىن ئەھۋال سوراپ، ئالدىنقى رەت ئۆتكەن دۈشمەنلەر نەچچە يۈز ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ئېلىپ ماڭغان ئاھالىنىڭ كۆپلىكىنى بىلىۋالىدۇ. يۈسۈپجان ئىككى جەڭچىنى تۇرغۇن دېگەن جايدا تۇرۇۋاتقان مىللىي ئارمىيىگە خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتىپ، قىسىملارنى بىر تۆپلىككە ئورۇنلاشتۇرىدۇ - دە، يەر شارائىتىنى ئوبدان بىلىدىغان (ئىلگىرى باندىتلاردىن ئەسىرگە ئېلىنىپ، مىللىي ئارمىيە تەرەپكە ئۆتكەندىن كېيىن كۆپ ئۇرۇشلاردا خىزمەت كۆرسەتكەن) جانكىرەينى قول ئاستىدىكى 14 ئەسكىرى بىلەن كېچىلىك پوستقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بىراق شۇ ئاخشىملا جانكىرەينىڭ خائىنلىقى بىلە پودپولكوۋنىك يۈسۈپجاننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى پايدىسىز بولىدۇ. ۋەقە مۇنداق بولغان: جانكىرەي ئەسىرگە ئېلىنغاندىن كېيىن خىزمەت كۆرسىتىپ، ئوددىلىنىيە كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، جانكىرەينىڭ 14 نەپەر جەڭچىسى ھەر 200 مېتىر يەرگە ئىككىدىن پوستتا تۇرماقچى بولغان. ئۇ، ئاخىرقى ئىككى پوستنى ئېتىپ تاشلاپ، ئوسمانغا تەسلىم بولىدۇ ۋە قىسىملارنىڭ سانى، ئوق - دورا ئەھۋالى ھەم خەۋەر ئېلىپ كەتكەن ئىككى جەڭچىنىڭ مېڭىش يولى قاتارلىقلاردىن مەلۇمات بېرىدۇ. ئوسمان دەرھال تاغ يولى بىلەن ئادەم ئەۋەتىپ، ئىككى جەڭچىنى قولغا چۈشۈرىدۇ ۋە دەرھال ئادەم تەشكىللەپ، مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى جايلاشقان ئورۇننى قاتمۇقات مۇھاسىرگە ئالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، مىللىي قىسىم دىجۇرنىسى، ئىسكادىرون كوماندىرى ئابدۇكېرىم ھوشۇروۋ پودپولكوۋنىك يۈسۈپجانغا: «باشقا پوستلار جايىدا، جانكىرەي يوق» دەپ دوكلات قىلىدۇ. بۇ چاغدا پودپولكوۋنىك يۈسۈپجان دەرھال قىسىملارنى يەر شارائىتىغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە چوڭ قىسىمنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. 1947 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى بولۇپ، ئورنى چادىر تاش دېگەن جاي ئىدى. باندىتلار ھۇجۇم باشلاپ قارا قويۇندەك ئىلگىرىلەيدۇ. دۈشمەنگە قارىتىلغان پىلموت، ئاپتومات تاشلانغان قول بومبىلار دۈشمەننى ئىلىگىرىلەتمەيدۇ. بۇ چاغدا چېكىنگەن باندىتلار ئىگىز تۆپىلىككە چىقىپ بېكىنىۋالىدۇ. مىللىي ئارمىيە تۆۋەندە قالىدۇ. شۇڭا، ئۇرۇش مىللىي ئارمىيە ئۈچۈن پايدىسىز بولىدۇ. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن ئارمىيە ئۈچۈن پايدىسىز بولىدۇ. مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىدىن ئۆلگەن، يارىلانغانلار كۆپىيىدۇ. 20 ياشلىق شەپقەت ھەمشىرىسى رەيھان يېغىۋاتقان ئوقلارغا پەرۋا قىلماستىن يارىدارلارنى توشويدۇ. ۋەزىيەت جىددىي ۋە خەۋپلىك بولۇپ، پودپولكوۋنىك يۈسۈپجان ياسىنوۋ ئەنۋەر بەگ، كۆپجاسار، رىزبەگ، رۇستەملەر بىلەن شەرقىي سەپتە؛ ئىسكادىرون كوماندىرى ئابدۇكېرىم ھۇشۇرۇۋ دۆلەتچى، كۆكمەت، ئەخمەت، ساغاتبەگلەر بىلەن غەربىي سەپتە ئۇرۇش قىلىدۇ. ئىككى سەپ ئوتتۇرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىستانكىۋوي پىلموت پىلموتچىك قابىلقاننىڭ قولىدا ھەر ئىككى تەرەپكە مەدەت بېرىپ، دۈشمەننى ئىلگىرىلەتمەيدۇ. كەچ كىرگىچە ئۇرۇش مانا شۇنداق داۋام قىلىدۇ. باندىتلارنىڭ بىر قانچە قېتىملىق ھۇجۇملىرى قايتۇرۇلىدۇ، دۈشمەن پەقەت كەچ كىرگەندىلا بېسىقىدۇ، لېكىن، مۇھاسىر تېخىمۇ يېقىنىلىشىدۇ. تاڭ ئېتىشى بىلەن دۈشمەن يەنە ھۇجۇمنى باشلايدۇ. ئۇرۇش يېرىم كۈن داۋام قىلىدۇ. دۈشمەنگە قارىغاندا زىيان بىز تەرەپتە ئاز بولغان بولسىمۇ، ئوق - دورا ئاز قالىدۇ، ئۆلگەن، يارىلانغانلار كۆپىيىدۇ. ئاخىر پودپولكوۋنىك يۈسۈپجان ياسىنوۋ مۇھاسىرىنى بۇزۇپ چىقىش قارارىغا كېلىپ، بۇيرۇق قىلىدۇ. مىللىي قىسىم ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ دۈشمەنگە بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەن مۇھاسىرىسىنى بۇزۇپ چىقىپ، چوڭ قىسىم جايلاشقان تۇرغۇن تەرەپكە قاراپ چېكىنىدۇ. ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان كېتىۋاتقان ماشىنا چوڭ ياغاچقا تاقىشىپ ئىلىگىرىلىيەلمەيدۇ. ئارقىغا يېنىشقا تۆپلىك يول بەرمەيدۇ، بۇ چاغد باندىتلار قوغلاپ كېلىدۇ. پودپولكوۋنىك يۈسۈپجان ئاتلىق قىسىمنىڭ تېز چېكىنىشىگە بۇيرۇق بېرىدۇ. ماشىنىدىكى قىسىملاردا بىر قانچە تالدىن ئوق قالغان بولۇپ، بىر ئاز تىركەشكەن بولسىمۇ، لېكىن باشقىچە ئامال تاپالمايدۇ. يۈسۈپجان قىسىملارغا بۇيرۇق بېرىپ: «ھەرىكەتنى توختىتىڭلار» دەيدۇ. ئىسكادىرون كوماندىرى ئابدۇكېرىم ۋە شوپۇر سۇلتانلار ئاخىرقى ئوقىنى ئېتىپ، دۈشمەن ئېلىشىدۇ ۋە مەردلەدرچە قۇربان بولىدۇ. يۈسۈپجان ماشىنىنىڭ ئارقا كۇزۇپىغا چىقىپ 18 نەپەر يارىدار بىلەن بىر مۇبىر كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ. بۇ چاغدا، باندىت باشلىقى قۇسەيىن شەپقەت ھەمشىرىسى رەيھان بىلەن يۈسۈپجاننى ئېلىپ مېڭىشقا بۇيرۇق بېرىدۇ. باندىتلار يارىدارلارنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ ئېلىپ، ماشىنىغا بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. بۇنى كۆرگەن شەپقەت ھەمشىرىسى رەيھان غەزەپلىنىپ باندىتلارنى تىللايدۇ ۋە قارىشلىق كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ياۋۇز باندىتلار ئۇنى ئېتىپ تاشلايدۇ. 1947 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، 100 دىن ئارتۇق باندىت پودپولكوۋنىك يۈسۈپجاننى يالاپ بەيىتكنىڭ ئورانبۇلاق دېگەن يېرىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇ كۈنى ئوسمان رادىئوگرامما ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىكى سۇڭ شىليەنلەرگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان جانىمقان ئۈرۈمچىدىكى ئەكسىيەتچىل قازاق كاتتىۋاشلىرىدىن خادىۋاڭ، سالىس، زاكچىن قاتارلىق يۈزلىگەن كىشىگە مەلۇم قىلىپ، ئوسماننىڭ «غەلبىىسى» نى تەبرىكلەيدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن كونسۇلى ماكنان ئوسمان بىلەن جانىمقان ئارقىلىق خەۋەرلىشىدۇ ۋە دەرھال يولغا چىقىپ بەيتىككە يېتىپ بارىدۇ. پودپولكوۋنىك يۈسۈپجان ياسىنوۋ بەيتىككە ئېلىپ بېرىلىپ ئىككىنچى كۈنى ئوسمان ئۆز ئەتراپىدىكى قەبىلە باشلىقلىرى، ھەربىي كاتىۋاشلار بولۇپ 70 تىن ئارتۇق كىشىلەر ئالدىدا يۈسۈپجاننى سوراق قىلىدۇ. سوراق باشلىنىش بىلەن كەسكىن مۇنازىرە باشلىنىدۇ، بۇ سوراق مۇنازىرىسى يېرىم كۈندىن ئارتۇق داۋاملىشىپ، مۇنازىرىدە يۈسۈپجان ياسىنوۋ ئۈستۈنلۈك قازىنىدۇ. سوراق مۇنازىرىسىنىڭ ئەھۋالى مۇنداق بولىدۇ: - ئىسمىڭ نىمە؟ - يۈسۈپجان! - پودپولكوۋنىك! ئوسمان ئۆزىنى تونۇشقان سورايدۇ: - مەن كىم! - دەپ سورايدۇ. - تونۇيمايمەن، - دەيدۇ يۈسۈپجان. بۇ چاغدا ئەتراپتىكىلەردىن بىرى: - بىلەمسەن، بۇ ئاكاڭ ئوسمان باتۇ بولىدۇ! - دەيدۇ. يۈسۈپجان: - سالام ۋالىي، پۈتۈن ئالتاي خەلقى سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزگە مۇھتاج بولۇپ تۇرغان ۋاقىتتا، بۇ يەرگە كېلىۋالغانلىقىڭىزنى قاراڭ؟ ۋالىي، خەلق سىزدىن تاغ - دالىلاردا يۈرۈشنى ئەمەس، شەھەرگە كېلىپ خەلققە ئاتىدارچىلىق قىلىپ، دېموكراتىيىنى جارى قىلدۇرىشىڭىزنى كۈتىدۇ، - دەيدۇ. ئوسمان جىم بولىدۇ. باشقىلار ئوسمانغا قاراپ ئۈن چىقارمايدۇ. بىر پەس جىملىقتىن كېيىن، ئوسمان: - سەن نىمە ئۈچۈن بىز بىلەن ئۇرۇش قىلدىڭ؟ - دەيدۇ. - بۇ ئۇرۇشنى مەن قىلىمىدىم، سىز قىلىغۇزدىڭىز، - دەيدۇ يۈسۈپجان. ئوسمان غەزەپكە تولغان كۆزىنى يۈسۈپجانغا تىكىپ: - مەن قانداقچە سىنى ئۇرۇش قىلغۇزدۇم ؟! - دەيدۇ. - مۇبادا سىز خەلق تاپشۇرغان ۋالىيلىق ۋەزىپىنى ئۆتەپ، ئالتاي خەلقىگە ئاتا بولغان بولسىڭىز، سىزمۇ تاغ - دالىلاردا يۈرمىگەن بولاتتىڭىز، مەنمۇ بۇ يەرگە كەلمەي، ۋالىي مەھكىمە ئالدىدا پوستتا تۇرغان، مىلتىقىمنىڭ ئۇچىنى ئۆز قېرىنداشلىرىمغا قاراتماي، دۈشمەنگە قاراتقان بولاتتىم، - دەيدۇ. ئوسمان ئۈن چىقارماي ئولتۇرغان پېتىچە يۈسۈپجانغا قاراپ تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئوسمانغا مەدەت بەرمەك بولغان رەخىم: - سېنى بۇ يەرگە كىم ئەۋەتتى؟ - دەيدۇ. يۈسۈپجان: - ياخشى ئېيتىڭ، سېنى مېنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى كىم ئەۋەتتى؟ - دەيدۇ. رەخىم كۆرەڭلەپ، ئوسماننى كۆرسىتىپ: - باتۇر ئاكاڭ ئەۋەتتى، - دەيدۇ. يۈسۈپجان: - مېنى دەلىلقان ئەۋەتتى، ئەگەر ئىككى باتۇر، ئىككى ۋالىي ئۆزئارا پۈتۈشۈپ قېرىنداشلىق ھاسىل قىلغان بولسا، ئىككىمىز ئۇرۇشمىغان بولاتتۇق، ھەر ئىككى تەرەپتىن قېرىنداشلار ئۆلمىگەن بولاتتى، - دەيدۇ. بۇچاغدا ئوسمان ئورنىدىن تۇرۇپ: - بۇ كىشىگە ياخشى قاراڭلار، - دەپ چىقىپ كېتىدۇ. مەيداندىكى كىشىلەر باشلىرىنى لىڭشىتىپ، يۈسۈپجاننىڭ سۆزىگە قايىل بولغانلىق پوزىتىسىيىسىنى بىلىدۈرۈشىدۇ. بۇ چاغدا رەخىممۇ بىردىنلا بوشاپ، ئۆزىدە يېڭى بىر تۇيغۇ ھاسىل قىلغاندەك بولىدۇ- دە، يۈسۈپجاننى ئېلىپ ماڭىدۇ. ئۇ، يۈسۈپجان تۇرغان چېدىرغا كەلگەندە، قاراۋۇللارغا ياخشى قاراشنى تاپشۇرىدۇ. يۈسۈپجان ياسىنوۋنىڭ ئوسمان باشلىق بارلىق قۇيرۇقچىلارنى قايىل قىلىشىدەك بۇ جاسارىتى ئوسماننىڭ قىسىملىرى ۋە كۆچۈرۈلگەن ئاھالە ئىچىگە تارقىلىپ، يۈسۈپجان كىشىلەر ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھېسداشلىق بىلىدۈرگۈچىلەر كۆپىيىدۇ. بىراق، يۈسۈپجان ياسىنوۋنىڭ بۇ يەردە قانداق باتۇرلۇق كۆرسىتىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ قولغا چۈشىشى مىللىي ئارمىيە، بولۇپمۇ شىمالىي يۆلىنىش ئارمىيسى ئۈچۈن ناھايىتى زور يوقىتىش بولىدۇ. بارلىق قىسىملار قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئۆلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش ۋە يۈسۈپجاننى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن قەسەميات قىلىشىدۇ. بەدەلخان باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى مۇھاسىرىنى بۇزۇپ چىققان جەڭچىلەرنىڭ يول باشلىشىدا، چادىر تاشقان كېلىپ دۈشمەن قىسىمىدىن ئۆچ ئېلىش جېڭى ئېلىپ بارىدۇ. قاچقان دۈشمەننى سۈرۈپ - توقاي قىلىپ، بەيتىككە يېتىپ بېرىپ يەنە ئۇرۇش قىلىدۇ. بىراق، قانچە قىلغان بىلەن دۈشمەن قىسىمى ئىستراتېگىيىلىك ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى ئۈچۈن، كۆزلىگەن مەقىسىتىگە يېتەلمەيدۇ. ئىلى مەركىزىي قوماندانلىق شىتاب شىمالىي يۆلىنىش ئارمىيسى قوماندانلىق شىتابىنىڭ يۈسۈپجان توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەسىلىنى ئوسمان بىلەن سۆزلىشىپ ھەل قىلىش ۋە پەيتى كەلگەندە جاڭ جىجۇڭ ئارقىلىق ئوسماننى كۆندۈرۈشنى ئويلىشىدۇ ۋە شۇنداق قىلىدۇ. بۇ ئىشتىن ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان ئامېرىكىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن كونسۇلى ماكنان ئوسماننىڭ يېنىدىكى ئاق باندىتلاردىن بولغان سامايلوۋ (بۇلار چارروسىيە قىسمىدىن بولۇپ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن شىنجاڭغا قېچىپ كېلىپ، ئالتاي تاغلىرىدا قاقتى - سوقتى قىلىپ جان بېقىۋاتقان باندىتلار ئىدى) قاتارلىق ئاق ئورۇسلارنى ئىشقا سېلىپ، ئوسماننى كۈشكۈرتۈپ يۈسۈپجانغا زىيانكەشلىكى قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئوسمان سامايلوۋ قاتارلىقلارنىڭ سۆزىگە پوزىتىسيە بىلدۈرمەيدۇ. ئاخىر، بۇ ئىشقا ماكنان ئۆزى ئېغىز ئېچىپ،ئوسماننى يۈسۈپجاننى سوراق قىلىشقا كۆندۈرىدۇ. بۇ قېتىمقى سوراققا ئوسمان ئارىلاشمايدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق سوراق باشلانغاندا، ماكنان، سامايلوۋ، سۇڭ شىليەن ئەۋەتكەن ھەربىي باشقارما باشلىقى يۈي ۋەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئوسماننىڭ يېنىدىكى قەبىلە باشلىقلىرى، ئەسكەر باشلىقلىرى ۋە ئەگەشتۈرۈلگەن چارۋىچىلاردىن بىر قىسىملىرى قاتنىشىدۇ. بۇ قېتىمقى سوراقمۇ قىزغىن بەس - مۇنازىرىگە ئايلىنىدۇ. يۈسۈپجان سۆزىدە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى، فاشىزمنىڭ ھالاكىتى، ئامېرىكا باشچىلقىدىكى جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ زورلۇق - زۇمبۇلۇقى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تۈپ مەقسىتى قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلىگەندىن كېيىن، سامايلوۋ قاتارلىقلارنىڭمۇ بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان شىنجاڭ زېمىنىدا، بولۇپمۇ ئالتاي يايلاقلىرىدا قىلىنغان ئەسكىلىكلىرىنى چۇۋۇپ تاشلايدۇ. نەتىجىدە، ماكنان ۋە سامايلوۋ باشچىلقىدىكى بۇ ئاتالمىش سوراقمۇ باندىتلارغا پايدىسىز بولىدۇ. سوراق ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان قازاق چارۋىچىلار، ئەگەشكۈچىلەر ۋە باندىت ئەسكەرلەرمۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ. ئاغزىدا ئېيتالمىغان بىلەن كۆڭلىدە دوست - دۈشمەننى پەرق ئېيتىدۇ. ئاۋۋال قىسىملار ئارىسىدا يۈسۈپجاننىڭ سۆزلىرى مەدھىيلىنىدۇ. 1947 - يىلى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، تاشقى موڭغۇلىيە قىسىملىرى بەيتىك ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان ماشىجۇن (ماليەنجاڭ) ليەننىڭ ئۇ يەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تاشقى موڭغۇلىيە قىسىملىرى ماشىجۇن چارلاش ليەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇش 6 - ئاينىڭ 26 - ، 27 - كۈنلىرىگىچە داۋام قىلدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇشۇ ئۇرۇش ئەھۋالىدىن پايدىلانغان ئوسماننىڭ باندىت قىسىملىرى تاشقى موڭغۇلىيە چېگرسىدىن ئۆتۈپ، ئۇ يەرنىڭ ئاھالىسىنى بۇلاپ - تالايدۇ. 1947 - يىلى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، تاشقى موڭغۇلىيە چېگرسىدىن بەيتىككە ئۇچۇپ كىرگەن ئايروپىلانلارنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. تاشقى موڭغۇلىيىگە بۇلاڭچىلىققا بارغان باندىتلار ساراسىمىگە چۈشۈپ، ھەممە ئۆز جېنى بىلەن قېچىشقا تەييارلىنىدۇ. دەل مۇشۇ پەيت ماكنان بىلەن سامايلوۋنىڭ يۈسۈپجانغا قەست قىلىش ۋاقتى بولۇپ قالىدۇ. ئوسماننىڭ يۈسۈپجانغا قارىغۇچى قاراۋۇللىرىى سامايلوۋ تەرىپىدىن يۆتكىۋېتىلىدۇ. ئىككىنچى قاراۋۇلنىڭ كېلىشى بىلەن يۈسۈپجان قاتتىق ھاقارەتلىنىدۇ ۋە ئېتىپ تاشلىنىدۇ. يۈسۈپجان ياسىنوۋنىڭ شۇ كۈنكى ئۆلۈم پاجىئەسىدىن ئوسماننىڭ خەۋىرىنىڭ بار - يوقلىقىنى كىشىلەر بىلمىگەن. ئەمما، ئوسمان يۈسۈپجاننىڭ ئۆلگەن خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قاتتىق ئويغا چۆمگەن يۈسۈپجاننى دىنىي قائىدە بويىچە نامىزىنى ئوقۇپ، ئىگىز يار ئۈستىگە دەپىن قىلدۇرغان. مەرھۇم يۈسۈپجان ياسىنوۋنىڭ ۋاپاتى پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنى، بولۇپمۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقلابىي ھۆكۈمىتى، .ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىدىكى بارلىق جەڭچى ئوفىتسېرلارنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ. مەرھۇمنىڭ ئوسمان باندىتنىڭ تۆمۈر تىرنىقى ئاستىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە مىللىي ئارمىيىنىڭ بارلىق جەڭچى - ئوفىتسېرلىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا تارقىلىدۇ، ھەممە مەرھۇم ئۈچۈن ماتەم بىلدۈرىدۇ ساليوتلار ئاتىدۇ. ئۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقلابىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى «ئالغا» دا خەۋەر ۋە مەخسۇس ماقالىلەر ئېلان قىلىنىپ، خاتىرە كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئارمىيە ۋە خەلق ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا ۋە ئۇنىڭ يۇرتى بۆرتالادا نەزىر - نۇزرەتلەر قىلىنىپ، دۇئا - تەكبىرلەر ئوقۇلىدۇ. يولداش ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال لېيتېنات ئىسھاق بەگ ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي - مەمۇرىي رەھبەرلەر ئۇنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورايدۇ، تەزىيە تېلېگىراممىلىرى ئەۋەتىدۇ. ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئۇنى «شەرەپلىك ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ ئەنگە ئالدى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ھاياتى شانلىق، ۋاپاتى شەرەپلىك ئۆتكەن بۇ ئەزىمەت ۋاقتىسىز قازا قىلىپ، خەلقىمىز ئۆزىنىڭ بۇ قەھرىمان، خەلققە سادىق جەڭچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ ئىشلارغا 40 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ شانلىق ئوبرازى جەلقىمىز قەلىبىدە پۈتۈن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا ئوخشاش خۇددى تۈنۈگۈنكىدەكلا روشەن ساقلانماقتا.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى