UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئۆمەر مۇھەممەتئىمىن

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن 1964 - يىل 2 - ئايدا چەرچەن ناھىيسىنىڭ چاندا تېرىم كەنتىدە دېھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان، 1970 - يىلدىن 1980 - يىلغىچە ئۆز يېزىسىدا ۋە چەرچەن ناھىيسىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1980 - يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان، 1985 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە كورلىدا چىقىدىغان <بوستان> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن 80 - يىللىرى ئېلان قىلغان شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ خېلى يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە ھەم كىتابخانلار ئارىسىدىمۇ مەلۇم تەسىر قوزغىغان كۆپلىگەن شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىننىڭ <قەدىمكى پالۋان> ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1993 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، 1995 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى <قېرىماس ئانا> ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلغان، 1994 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى <باش ئەگىم نەزمىلىرى> (مۆيدىن سايىت بىلەن بىللە) ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلغان. ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن | UyghurWiki | UyghurWiki