UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئابدۇكېرىم راخمان

ئابدۇكېرىم راخمان

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازما ئەدەبىيات، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە فولكلور تەتقىقاتچىسى ئابدۇكېرىم راخمان 1941 - يىلى قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى قوغان يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇ، 1949 - يىلدىن 1959 - يىلىغىچە ئۆز يېزىسى ۋە قەشقەر شەھىرىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1959 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1964 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئۆزى ئوقۇغان فاكۇلتېتقا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئېلىپ قېلىنغان. ئابدۇكېرىم راخمان شۇنىڭدىن تارتىپ 1993 - يىلنىڭ باشلىرىغا قەدەر شۇ فاكۇلتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر دوكتور يېتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئابدۇكېىم راخمان ئەدەبىيات ساھەسىگە 1962 - يىلىدىن تارتىپ ئەدەبىيات مەسىلىلىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن تارتىپ، بولۇپمۇ 70 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ مەخسۇس ئەدەبىيات تەتقىقاتى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، <چىنلىق - ئەدەبىياتنىڭ جېنى>، <تىپىك پېرسۇناژ ھەققىدە بەزى قاراشلىرىم>، <ئەدەبىياتنىڭ بىرىنچى ئامىلى - تىل>، <شېئىر ئىخچام بولۇشى كېرەك>، <ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پوئىزىيسىدە داستانچىلىقىنىڭ ئورنى ۋە تەرەققىيات يولى>، <ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سېلىشتۇرما تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا> قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى، تەنقىدچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇ يەنە ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن ئورتاق دەرسلىك - <ئەدەبىيات نەزەرىيىسى> نى يېزىشقا قاتناشقان. ئابدۇكېرىم راخمان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ساھەسىدىمۇ <ئوغۇزخان ۋە >ئۇغۇزنامە< داستانى توغرىسىدا>، <>قۇتادغۇبىلىك< داستانىنىڭ مەزمۇنى، خاراكتېرى ۋە ئەنئەنىۋى خۇسۇسىيەتلىرى توغرىسىدا>، <>تۈركىي تىللار دىۋانى< ئىچىدىكى شېئىرلارنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىسى ھەققىدە>، <يەكەن خانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى>، <ئابدۇرېھىم نىزارى ۋە ئۇنىڭ >رابىئە - سەئىدىن< داستانى>، <ئەدەبىي مىراسلىرىمىزغا قانداق ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە بەزى قاراشلىرىم> قاتارلىق بىر تۈركۈم ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى تۇنجى يىرىك كىتاب - <ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى> نىڭ يېزىلىشىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ھەم يېزىشقا قاتناشقان. ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتى پائالىيىتىدە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات، ئىزدىنىشلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئالاھىدە گەۋدىلىك ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ، <ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى نەزەرىيىسى>، <ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەپسانىلەر سىستېمىسى>، <ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى توغرىسىدا>، <ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ تەتقىقات تىزىسلىرى>، <مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ ئۆلمەس خاتىرىلىرى>، <يازما ئەدەبىيات بىلەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇناسىۋىتى> قاتارلىق ئەسەر ۋە ماقلىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ھەققىدە نىسبەتەن سىستېمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى چەت ئەللەردە نەشر قىلىنغان ھەم ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن. ئابدۇكېرىم راخمان يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <يىپەك يولى بويىدىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەر> ناملىق كىتابنى يازغان، <ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى>، <ئۇيغۇر خەلق بېيىتلىرى>، <تاھىر - زۆھرە>، <نۇزۇگۇم> قاتارلىق كىتابلارنى نەشرگە تەييارلىغان. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىرمۇنچىلىرى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئابدۇكېرىم راخمان كېيىنكى يىللاردا مەخسۇس ئۇيغۇر قولكلورى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك، چوڭقۇر ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ فولكلورى ئومۇميۇزلۈك تونۇشتۇرۇلغان، ئۇيغۇر فولكلورى نەزەرىيىۋى جەھەتلەردىن ئاساسلانغان ھەم تۇنجى قېتىم سىستېمىلىق تەتقىق قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك ئەسەر - <ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان> نى يېزىپ چىققان. بۇ قىممەتلىك ئىلمىي ئەمگەك ئىلىم ئەھلىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئابدۇكېرىم راخماننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى> (مۇھەممەت زۇنۇن بىلەن بىللە، 1981 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <ئەدەبىيات ھەققىدە مۇلاھىزىلەر> (1984 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى)، <فولكلور ۋە يازما ئەدەبىيات> (1988 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <ئۇيغۇر فولكلورى ھەققىدە بايان> (1989 - يىل، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى)، <ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى> ( باشقىلار بىلەن بىللە، 1996 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) قاتارلىقلار بار. ئابدۇكېرىم راخمان ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ <قۇتادغۇبىلىك> ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى