UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەھمەد يەسسەۋى

ئەھمەد يەسسەۋى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى ۋە ئوتتۇرا ئاسيا پەلسەپە - ئىدىيە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان شائىر خوجا ئەھمەد يەسسەۋى 11 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا، قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان سايرام - ئىسپىجاپ شەھىرىنىڭ سايرام بازىرىدا ئىبراھىم ئىسىملىك چوڭ شەيخ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ يەتتە يېشىدا ئىنىسى بىلەن بىللە كېيىن تۈركىستان نامىنى ئالغان يەسسى شەھىرىگە كېلىپ بوۋىسى يېنىدا يەرلەشكەن ۋە ئارسلان بابا ناملىق مەشھۇر شەيخنىڭ تەربىيىسىدە بولغان. ئارسلان بابانىڭ مەشھۇر تەسەۋۋۇپ پىرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىرى ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ «ھېكمەت» لىرىدە روشەن ئىپادىلەنگەن. ئارسلان بابا قازا تاپقاندىن كېيىن ئەھمەد يەسسەۋى ماۋە رائۇننەھرىدىكى مۇھىم ئىلىم - پەن، مەدەنىيەت مەركىزى بۇخاراغان كەلگەن ۋە مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى شەيخ يۈسۈپ ھەمەدانىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇنىڭ تەربىيىسىدە بولغان: ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ نوپۇزى بىلەن باراۋەر ھەممە يەرگە تارىغان. يۈسۈپ ھەمەدانى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مىلادىيە 1157 - يىلى ئەھمەد يەسسەۋى ئۇنىڭ 3 - خەلىپىسى سۈپىتىدە بۇخارادا شەيخ تونىنى كىيگەن. ئۇ ۋاپاتىغا قەدەر زور ۋە كەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە بىر تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن باغلىق بولغان بۇ تەسەۋۋۇپ ئېقىمى ئۆز دەۋرىنىڭ ئىدىيە ساھەسىدە بەلگىلىك ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە بولغانىدى. شۇنداقلا، ئۇ ئۆز تەسىرىنى ئىرانغىمۇ ئۆتكۈزگەنىدى. ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ نامى بىلەن «يەسسەۋىچىلىك» دەپ ئاتالغان بۇ تەسەۋۋۇپ ئېقىمى ئۈستىدە سۆز ئاچقاندا، ئالدى بىلەن تەسەۋۋۇپ ۋە تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. تەسەۋۋۇپ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ۋە كائىناتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى يەككە مەۋجۇدىيەت چۈشەنچىسى بىلەن بايان قىلىدىغان مۇرەككەپ پەلسەپىۋى ئېقىمىدىن ئىبارەت. مەلۇمكى، ئىسلام دىنى مەيدانغا كېلىشتىن ئاۋاللا تەسەۋۋۇپنىڭ ئايرىم سىستېمىلاشتۇرۇلمىغان كۆرۈنۈشلىرى مەۋجۇت ئىدى. لېكىن، ئۇ ئاساسەن ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن راۋاجلاندى ۋە سىستېمىلاشتى، ئۆزىنىڭ بىر قانچە تارماقلىرىغا ئىگە بولغان پەلسەپىۋى ئېقىمغا ئايلاندى. ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تۆرەلمىسى بولغان زاھدىلار مىلادىيە 7 - ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئەرەب ئۇمەييە خەلىپىلىكىنىڭ باغداد، بەسرە شەھەرلىرىدە بارلىققا كېلىپ، ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە ئۆزىنىڭ بىر قانچە تارماقلىرىغا ئىگە بولغان پەلسەپىۋى ئېقىمغا ئايلانغان. «سۇفيى» سۆزى ئەرەب تىلىدىكى «يۇڭ»، «يۇڭدىن قىلىنغان كىيىم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «سۇف» سۆزىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ سۇفىلار پەيدا بولغان دەۋردە قوي يۇڭىدىن توقۇلۇپ تىكىلگەن بىر خىل رەڭسىز، قوپال جەندىلەرنى كىيىش ئۆز گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلغانلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارالغان. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ مۇسا بۇغراخان دەۋرىدە ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملىشىشى، ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىنىڭ تېخىمۇ كەڭ، چوڭقۇر تارقىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەسەۋۋۇپ ئېقىمىمۇ بۇ سۇلالە زېمىنىغا تەڭلا ئېقىپ كىردى، چۈنكى، مىلادىيە 9 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا باغداد ۋە ئىراندا زەربىگە ئۇچرىغان تەسەۋۋۇپچىلار تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا سۈرۈلگەن ۋە بۇ رايوندا يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنىدى. مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسيا رايونىغا كۆپلەپ ئېقىپ كىرگەن دەسلەپكى تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئەينى دەۋردە يامراپ كەتكەن يارىماس، بوغۇق ئىجتىمائىي مۇھىت، چىرىكچىلىك، قاتمۇقات زۇلۇم، ئېكسپىلاتاتسىيىگە قارشى ھالدا، «گۇناھقا تولغان دۇنيانى ۋە ئىنسان روھىنى قۇتقۇزۇش» قاتارلىق شۇئارلىرى، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ «ئاللاھ روھى بىلەن بىرلىشىش، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش» قاتارلىق ئەقىدىلىرى، «بەرەھمەن» (روھىي پاكلىق، جىمجىتلىق، ھەۋەسلەردىن خالىي بولۇش مەنىلىرىدە) ئىلاھ بىلەن بولغان روھىي بىرلىكىنى ھەم بۇ روھىي بىرلىككە يېتىش ئۈچۈن، ئۆز نەپسىنى يىغىشنى، ھەرخىل مۇرەككەپ پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقنى، ئۇزاق مۇددەت بىر ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئوي - تەپەككۇر قىلىشنى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى، ئۆز گۇناھىغا تۆۋە قىلىشنى، ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن خالاس قىلىپ، بەرەھمەن روھى بىلەن ئىنسان روھىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان «يوگا» (بىرلىشىش) ئورنىغا ئىگە بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ قەدىمكى ھىندى دىنى يوگاسارا (يوگاسلار) مەزھىپىنىڭ يۇقىرىقى ئەقىدىلىرىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىدە بەرەھمەن ئىلاھىنىڭ ھەر خىل سۈپەتلىرىنى سانايدىغان تەسۋى تارتىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى سانىشىدەك تەرەپلىرى (تومان لىپمان: «ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمان دۇنياسى»، 1985 - يىل نەشرى، 188 - بەت.) تەسەۋۋۇپنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا يېڭى تەرەققىيات زېمىنىغا ئىگە بولۇش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئەتكەنىدى. تەسەۋۋۇپنىڭ ھەرقايسى ئېقىم، مەزھەپ، سۈلۈكلىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى ئاساسچىلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىزچىل ۋارىسلىرىنىڭ خېلى بىر قىسمى ئۆز نۆۋىتىدە تونۇلغان ئەدىبلەردىن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۆز پىر - ئۇستازلىرىنىڭ ئىدىيە، تەلىمات ۋە قاراشلىرىنى ئىپادىلەش ھەم تارقىتىش يولىدا ئەدەبىياتىنى مۇھىم بىر ۋاسىتە قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆنۈملۈك پايدىلاندى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئەدەبىياتتا تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت بىر مۇھىم مەزمۇننى تەشكىل قىلدى. دەسلەپكى دەۋرلەردە (9 - 13 - ئەسىرلەردە) تەسەۋۋۇپ مەزمۇنىدىكى ئەدەبىياتتا نامە ژانىرى، دىداكتىك داستانچىلىق ۋە تەسەۋۋۇپ مەزمۇنىدىكى پەلسەپىۋى - دىداكتىك شېئىرلار مۇھىم ئورۇن تۇتتى. كېيىن ئۇ لىرىك ۋە ئىپىك تۈرنىڭ ھەممە ژانىر، شەكىللىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى ۋە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. تەسەۋۋۇپنىڭ تونۇلغان پىرلىرىدىن بىرى بولغان ئەھمەد يەسسەۋى ئۆز ئىدىيىلىرىنى يېيىشتا بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ شېئىرىيەت تۈرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى ئۇسلۇبى، خەلق جانلىق تىلىغا يېقىن، يۇقىرى بەدىئىيلىك، چوڭقۇر مەزمۇنىغا ئىگە بولغان شېئىرلىرى «ھېكمەت» دەپ ئاتىلىپ، مۇرت ۋە مۇخلىسلىرى ئارىسىدا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇقەددەس ئورۇنغا ئىگە بولغان، ئۇلار بۇ «ھېكمەت» لەرنى ھەممىلا يەردە زىكرى - سانا قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئىدىيىلىرىنى خەلق ئىچىگە زور كۈچ بىلەن تارقىتىشقان ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەسسەۋى «ھېكمەت» لىرىگە تەقلىد قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالغان تەسەۋۋۇپ مەزمۇنىدىكى ئەدەبىياتمۇ بۇ رايونلاردا تېزدىن باش كۆتۈردى ۋە راۋاجلاندى. ئەھمەد يەسسەۋى ئۆزىنىڭ «قۇل خوجا ئەھمەد» نامى بىلەن يازغان «ھېكمەت» لىرىدە بۇ دۇنيا، تەبىئەت ئۆزىنىڭ ئاساسىي ماھىيىتىنى تەشكىل ئەتكەن خۇدا ئالدىدا، ئۇ دۇنيا ئالدىدا غەيرىي كامىلىدۇر، ئۇنىڭ قىممىتى ھېچ (يوق) تۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن قارىشىچە، ئىنساننىڭ ئاساسىي مەقسىتى خۇدا ۋەسلىگە يېتىش، ئۇنىڭدا فانىي (يوق) بولۇش، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىك (ۋەھدەت) تەشكىل ئېتىشتۇر. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىن ئۆزلۈكىدىن ۋاز كېچىپ، جېنىنى قەپەزدىن (تەندىن) خالاس ئېتىشى، ئۆزىنى خىلۋەتكە تارتىپ ھەم پىكرىنى ھەم زىكرىنى خۇداغا بېرىش، سەزگۈ يولى بىلەن ئۇنى (خۇدانى) ئىدراك ئېتىشكە تىرىشىش، ھەرقانداق ئازابلارغا چىداش، بېشىنى ياستۇققا ئەمەس، تاشقا قويۇشى شەرت. ئەھمەھ يەسسەۋى «ھېكمەت» لىرىدە فېئودال ئەكسىيەتچىلىك، مىستىك تەسەۋۋۇپنىڭ خەلققە سالغان روھىي كىشىنى بولغان تەقدىرچىلىك تەرغىپ قىلغان مىسرالارمۇ خېلى ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: زالىم ئەگەر جەپا قىلسا ئەللاھ دىگىل، ئىلگىڭ ئاچىپ دۇئا قىلىپ بويىن سۇنغىل. ئەھمەد يەسسەۋى شېئىرلىرىدا كەمبەغەل - يېتىملەرگە شەپقەت قىلىش، كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەسلىك، نادانلار ۋە بىلىمسىزلەر بىلەن بىللە بولماسلىق ۋە ئۇلاردىن ياخشىلىق كۈتمەسلىكتەك مەزمۇنلار ھەمدە زوراۋانلىق بىلەن مال - دۇنيا ئىگىلىگەن ھۆكۈمرانلارنى، ئۆز نەپسانىيىتى يولىدا ئاقتى قارا قىلىدىغان موللا، قازى، مۇپتى، ئىماملارنى، پارىخور، ھارامتاماق ئەمەلدارلارنى «ئېغىر يۈك ئاستىدا قالغان ئېشەكلەر» دەپ تەنقىد قىلغانلىقتەك تەرەپلەرمۇ مەۋجۇت. بۇ، ئەھمەد يەسسەۋى ئىجادىيىتىدىكى ئىجابىي ئامىللار بولۇپ، بۇ خىل ئىجابىي ئامىللار ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تا يېقىنقى يىللارغىچە كەڭ تارقىلىپ كەلگەنلىكىنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر. ئەھمەد يەسسەۋى شېئىرىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىممىتى ئۇنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ. يەسسەۋى شېئىرلىرىنىڭ خەلق ئارىسىغا كەڭرى تارقىلشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى، شېئىرىي تىلىنىڭ راۋان، ساپ ۋە پۈتۈنلەي خەلق جانلىق تىلىدىن ئىبارەت بولغانلىقىدا بولسا، يەنە بىرى، بۇ شېئىرلارنىڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ تۆتلۈك شەكلىدىكى خەلق قوشاقلىرى ئۇسلۇبى، ھىجاۋەزىندە يېزىلىپ، تولىمۇ خىتابەتلىك، ۋەزىنلىك، رېتىملىق بولغانلىقىدا. ئەھمەد يەسسەۋى شېئىرلىرى ئۆزىنىڭ مۇئەييەن بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن يەسسەۋىچىلىكنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىياتتىكى تەسىرىنىڭ ئىزچىل داۋام قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئەھمەد يەسسەۋى ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز يۇرتى يەسسىگە قايتىپ كەلگەن ۋە مىلادىيە 1116 - يىلى ۋاپات بولغان. جەسىتى يەسسى (تۈركىستان) شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى قېرىنداش ۋە جەمەتىدىكىلەر زەرەتكالىقىغا قويۇلۇپ، مازىرى تىكلەنگەن، 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ مازىرى تۆمۈرلەڭ تەرىپىدىن مەسچىت ۋە خانىقا بىلەن قوشۇلۇپ ھەشەمەتلىك قىلىپ قايتا ياسالغان.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى