سېيىت باتۇر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
سېيىت باتۇر قومۇل كۆشۈتلىك بولۇپ، 1915 - يىلى تۇغۇلىدۇ. 1931 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ليەنىدە مۇھاپىزەتچى بولىدۇ. خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلىدۇ. كېيىن كۆشۈتىگە يېزا باشلىقى بولىدۇ. 1946 - يىلى 8 - ئايدا كۆشۈتە خەلقىنىڭ گومىنداڭغا قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. 1947 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا بارىدۇ. ئۇ يەردە قۇمۇل باتۇرلىرى نامىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ. 1950 - يىلى قۇمۇل ناھىيىسىگە ھاكىم، كېيىن ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. تۆت كىشلىك گۇرۇھىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قامىلىدۇ. سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ، نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن1980 - يىللاردا كېسەل بىلەن ۋاپات بولىدۇ.