زوھورىدىن ھېكىم بەگ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
زوھورىدىن ھېكىم بەگ تۇرپاندىكى ئىمىن ۋاڭنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ 1830 - يىللاردا قەشقەرگە ھاكىمىبەگ بولغان. ئۇ ئۆز ھوقۇقى ۋە كۈچ - قۇدرىتى يار بەرگەن دائىردە ئىچىدە بىر قەدەر ئادالەت بىلەن ئىش يۈرگۈزۈشكە تىرىشتى. ئىلىم - مەرىپەت ئەھلىنى ئۆزىگە يېقىن دوست تۇتتىئ
زوھورىدىن ھېكىم بەگ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشتە بىر قاتار ئېقىلغا مۇۋاپىق چارە - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، نىزارى، ئىمىر ھۆسيىن سەبۇرى، تۇردى نازىم (غىرىبى)، نورۇز ئاخۇن كاتىپ (زىيائى) قاتارلىق ئۆز دەۋرىنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچى - شائىرلىرىنى، ئىلىم - پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بويىچە مۆتىۋەر ئالىملارنى ۋە ئۇستا سازەندىلەرنى ئەتراپىغا توپلاپ، ئۇلارغا ئۆز سارىيىدا خىزمەت ۋە ئايرىم ئىمتىيازلارنى بەردى. ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈشتە ئۇلاردىن پىكىر، مەسلىھەتلەر ئالدى. يۇقىرىقى پىكرىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە مۇنداق بىر تارىخىي ھېكايىنى كەلتۈرىمىز:
چىڭ ئوردىسىدىن قەشقەر شەھىرىنىڭ «تاشقارقى شەھەر» دەپ ئاتالغان غەربىي جەنۇبىي قىسىمىنى سېپىل ئېھاتىسىغا ئېلىش توغرىسىدا يارلىق چۈشىدۇ. زوھورىدىن ھېكىم بەگ بۇنى ئورۇنلاشقا كىرىشىدۇ. ئىش ئاخىرلىشىش ئالدىدا شەھەرنىڭ باش دەرۋازىسى دېيىلگەن شەرقىي دەرۋازىغا («تۆشۈك دەرۋازا») ئېسىلىدىغان تاختايغا سېپىل ئېھاتىسىنىڭ پۈتۈش يىلى ۋە بۇنى ياساتقۇچى ھەققىدە شېئىر يېزىش ۋەزىپىسى ئابدۇرېھىم نىزارىغا تاپشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىزارى تاختايغا تۆۋەندىكى شېئىر يازىدۇ:
كى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئەللىك تارىخىي پەيغەمبەر،
بىنا ئەتتى شەھەرنى ئول زوھورىدىن بەلەن ئەختەر.
دىيايارى خىلىنىڭ ھالىغا رەھمەيلەت ھىدايەدىن،
قىلىپ قەلئەنى گويا سەددى ئىسكەندەر.
بۇ شېئىر زوھورىدىن ھېكىم بەگكە تولىمۇ ياراپ كەتكەنلىكتىن، نىزارىغا ئېسىل تون كېيىدۈرۈپ، نۇرغۇن سوۋغىلارنى ئىنئام قىلىدۇ.
زوھورىدىن ھېكىم بەگ دەۋرىدە، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى يۇقىرىقىدەك ئەنئەنىۋى تەسىرى ئاستىدا يازما ئەدەبىيات راۋاجلىنىپ،كۆپلىگەن يازغۇچى، شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتىنى كۆرستىپ مەيدانغا چىقتى.
زوھورىدىن بەگ ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرغان 20 يىلدەك نىسپىي مۇقىملىق مەزگىلدە، ئۇنىڭ بىۋاسىتە تاپشۇرۇقى ۋە دالىتى بىلەن: «خەمىسە نازارى»، «دورىلناجات» («نىجاتلىق ئۈنچىلىرى»)، «ماقالات»، «دىۋان سەبۇرى»، «كىتاب غېرىپ»، «مەھزون ئەلۋاھىزىن» («مۇڭلۇق ۋەزىلەر») قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەر يارىتىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خاقانىيە ئەدەبىياتى دەۋرى ۋە ئەلىشىر ناۋائى دەۋرىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى قېتىملىق ئالتۇن دەۋرىنى باشتىن كەچەردى. ئابدۇرېھىم نىزارى، ئىمىر ھۈسىين سەبۇرى، تۇردى نازىمى (غېرىبى)، نورۇز ئاخۇن كاتىپ (زىيائى)، مۇھەممەت سادىق قەشقىرى قاتارلىق يازغۇچى ئالىملار شۇ دەۋردىكى ئەدەدبىياتنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىللىرى ئىدى.