خوجا سىدىق فۇتۇھى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
خوجا سىدىق فۇتۇھى خوجا ياقۇپ خوجا جاھان ەرشىنىڭ ئوغلىدۇر. «تارىخىي نادىرىيە» دە خوجا سىدىق فۇتۇھىنىڭ ئاتىسى خوجا جاھان ئەرشى يەكەندە تەختكە ۋارىسلىق قىلغان چاغدا 18 ياشتا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. شۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، خوجا سىدىق فۇتۇھى ھىجرىيە 1130 - يىلى (مىلادى 1717 - 1718 - يىللار) دۇنياغا كەلگەن بولىدۇ.
فۇتۇھى ئاتىسى خوجا جاھان ئەرشىنىڭ تەربىيىسى ۋە تەسىرى ئاستىدا كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا ھەۋەس ۋە ئىشتىياق باغلىغان ۋە ئۆزىمۇ شائىر بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىنى «فۇتۇھى» نامى بىلەن دىۋان قىلىپ توپلىغان. فۇتۇھىنىڭ بۇ دىۋانى بىزگە ھازىرچە مەلۇم بولمىسىۇ، لېكىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئاتىسى ئەرشى شېئىرلىرى بىلەن بىللە كۆچۈرۈلگەن ئۈچ پارچە قول يازما توپلىمى تېپىلدى. بۇ توپلاملاردىن ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان توپلام بىلەن يېقىندا يەكەندىن تېپىلغان (ئابلەت ئابلىز تەرىپىدىن) توپلامدىكى فۇتۇھى قەلىمىگە مەنسۇپ شېئىرلار «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 1989 - يىل 2 - سانىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاسراش، باشقۇرۇش ئورنىدا ساقلىنىۋاتقان توپلامدىكى فۇتۇھى قەلىمىگە مەنسۇپ شېئىرلار «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1986 - يىل 2 - سانىدا ئېلان قىلىندى.
فۇتۇھى شېئىرلىرى ئاساسەن ئىشقىي - مۇھەببەت، ئەدەب - ئەخلاق تېمىسىدا بولۇپ، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن مەلۇم ئىلغارلىققا ئىگە، بەدىئىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەر جۈملىسىگە كىرىدۇ.
فۇتۇھى ئۆزى ياشىغان جەمئىيەتتىكى ئىنسانىي خىسلەتلەرگە يات ئىللەتلەردىن سەسكىنىپ، كىشىلەرنى چىن ئىنسان سۈپىتىدە ياشاشقا چاقىرىپ مۇنۇلارنى يازىدۇ:
ئەھلى دۇنيا بەزمىدەئىچكەن شاراب ايابىدىن،
ئىشت يالاغى ئىچرە ئىچكەن قىپقىزىل قان ياخشىراق.
گەرچە يوق شەۋكەت ئېلىغە نالىدىن پەريادى جەڭ،
بەلكى تاۋۇس چەمەنىدىن مۇرغى خۇشخان ياخشىراق،
ئەي فۇتۇھى ئىلكىگە تەسبى ئېلىپ قىلما رىيا.
مەي ئىچىپ زۇننار ئاسىپ كەلتۈرگەن ئىمان ياخشىراق.
فۇتۇھى يەنە بىر جەھەتتن، ياشلىقىدىلا مەلۇم ماھارەتنى يېتىلدۈرگەن ئىقتىدارلىق سەركەردىلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ ئاتىسى خوجا جاھان ئەرشى بوۋىسى خوجا ئابدۇللانىڭ ئورنىغا يەكەندە خان بولۇپ ئولتۇرغان 20 يىل مابەينىدە ئاتىسىنىڭ ئالتشەھەرنى جۇڭغارلارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىگە پائال ماسلىشىپ، كۆپ كۈچ چىقىرىدۇ. ئاتىسى جۇڭغارلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندا، خوتەندىن يەتتە مىڭ كىشىلىك قوشۇن تەشكىللەپ كېلىپ، ئاتىسىنىڭ ھاياتى ۋە ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالىدۇ.
خوجا سىدىق فۇتۇھى ھىجرىيىنىڭ 1169-يىلى (مىلادى 1755-، 1756-يىللار) بۇرھانىددىن خوجا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن