موللا بىلال ئىبنى يۈسۈپ خوتەنى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
1980-يىلى خوتەندىن «دىۋان بىلالى» ناملىق قول يازما توپلامنىڭ تېپىلىشى بىلەن شائىرى موللا بىلال ئىبنى يۈسۈپ خوتەنىنىڭ نامى ئەدەبىياتىمىزغا مەلۇم بولدى.
قول يازام تولام شائىرنىڭ ۋاپاتىدىن تەخمىنەن بىر ئەسىر كېيىن خوتەنلىك خەتتات موللا نىياز تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى بەزى پاكىتلىق ماتېرىياللار ھەمدە ئۇنىڭ ئىشلەتكەن تىل ئەدەبىي ئۇسلۇبىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە قاراپ، ئۇنى 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 18-ئەسرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشاپ ئجاد ئەتكەن شائىررنىڭ بىرى دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
«دىۋان بىلالى» قىرىق بىر بۆلۈم 1138-مىسرا شېئىردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنىنىڭ كەڭ، ئوي - پىكىرلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، تېمىسىنىڭ خىلمۇ خىللىقى، تىلنىڭ يېنىڭ، راۋانلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. شائىر ئۆز ئوي-پىكرى، قاراشلىرىنى ئىسپاتلاشتا يالغۇز مۇلاھىزىلەرگە يۆلىنىلا قالماستىن، نۇرغۇن ئىبرەتلىك مەسەل، ھېكايە، داستانلارنى قىستۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۆز پىكىرلىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچۈىنى ئاشۇرغان. شائىر بەددىئىي ئەدەبىياتتىكى جانلاندۇرۇش (ئادەملەشتۈرۈش) ۋاستىسىدن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆزى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاللاپ ئېلىنغان ئۇچار قۇشلارنى ئادەمگە خاس خۇسۇسىيەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ، سىمۋولىزملىق ئەخلاقىي، پەسلەپىۋى قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.