ئەھمەدى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
14 - 15 - ئەسىرلەردە شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى (چاغاتاي تىلى) دا مۇنازىرە ژانىرىدا يېزىلغان بىرمۇنچە ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. شائىر ئەھمەدىنىڭ (سازلار مۇنازىرىسى) ناملىق ئەسىرى ئەنە شۇ دەۋردىن بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەنە شۇنداق ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر.
مۇنازىرە ژانىرىدا يېزىلغان «سازلار مۇنازىرىسى» ناملىق بۇ شېئىرىي ئەسەرنىڭ باش قىسمىدىكى نەسىرىي شەكلىدە بېرىلگەن مۇقەددىمىدىن بىز ئەسەر ئاپتورىنىڭ ئىسمى ئەھمەد ئىكەنلىكىنى، ئەسەرنىڭ تىلى، ئەنئەنىسى ۋە باشقا بەزى مەنبەلەردىن شائىرنىڭ 15 - ئەسىردە ياشاپ ئىجاد ئەتكەنلىكىنى بىلىمىز.
«سازلار مۇنازىرىسى» مەسنىۋى شەكلىدە، ئارۇزنىڭ رەمەلى مۇسەددەسى مەھفۇز ۋەزىندە يېزىلغان.
مۇنازىرىنىڭ كىرىش قىسمى ھازىرقى بەدىئىي ئەسەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى باشلىنىشنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدۇ. مۇئەللىپ مۇنازىرىنى بىردىنلا باشلىماي، ئوقۇغۇچىنى ئەسەر يېزىشقا تۈرتكە بولغان ۋەقە ۋە شارائىت بىلەن تونۇشتۇرىدۇ. ئالدى بىلەن، كېچىسى خارابىلىقتا مەيخورلار ئولتۇرۇشىنى باشقۇرۇۋاتقان پىرنى تەسۋىرلايدۇ. قاتتىق مەست بولغان پىر ئەس - ھۇشىدىن ئايرىلىپ، ئولتۇرۇش ئىشتىراكچىلىرىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. نەتىجىدە، ناھايىتى كۆپ ئىچىشكەن مەيخورلار ئۇرۇش - جېدەل چىقىرىشىدۇ ۋە ئاخىرى ھەممىسى ئۆلۈكتەك يېتىپ قېلىشىدۇ. ئارقىدىن، ئولتۇرۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن سازلار ئۆزئارا مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىشىدۇ.
ئون يەتتە بابتىن ئىبارەت بۇ مۇنازىرە ئالدى بىلەن تەمبۇردىن باشلىنىدۇ. يالغانچى، ماختانچاق، تۆھمەتخور، ئۇرۇشقاق قاتارلىق سۈپەتلەرگە ئىگە قىلىنىپ جانلاندۇرۇلغان تەمبۇر تەرىپىدىن قاتتىق ئازار يەپ رەنجىگەن باشقا سازلار تەمبۇردىن ئۆزىنى تارتىشىدۇ. سازلارنىڭ شىكايىتىنى ۋە تەمبۇرنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاڭجالنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنىپ يېتىپ، تەمبۇرغا ئۇنىڭ باشقا سازلارسىز كۈن كەچۈرەلمەسلىكى، ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ياشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ. تەمبۇر مەسلىھەتكە قۇلاق سېلىپ باشقا سازلاردىن ئۆزرە سورايدۇ. تەمبۇر بىلەن باشقا سازلار ئارىسىدا بىرلىك - ئىتتىپاقلىق ئورنايدۇ. شۇ ۋاقىتتا زۇلمەتمۇ يوقىلىپ، تاڭ يورۇيدۇ:
سۈبھى سەھەر ئاشتى سابا يېلىنى،
سۈردى خوتەن خانى ھەبەش ئېلىنى.
بۇ يەردىكى «خوتەن خانى» _ مەشھۇر خوتەن قاشتېشىنىڭ جانلاندۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇ سۈزۈك تاڭغا سىمۋول قىلىنغان.
ئەھمەد مۇنازىرىسىنىڭ تىلى خەلقنىڭ جانلىق تىلىغا ناھايىتى يېقىن. شائىر مۇنازىرىدە «ياخشى»، «يامان»، «بىر نەچچە كاچات يېسەڭ»، «بىھۇدە تالاش»، «بويۇڭ ئۇزۇن بولسىمۇ ئەقلىڭ قىسقىكەن» دېگەندەك جانلىق تىلغا كۆپلەپ مۇراجىئەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسەر تىلىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرمۇ خېلى ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: بىلىك (بىلىم)، ئىلىك (قول)، يەل (شامال) دېگەندەك. ۋەزىن ئېتىبارى بىلەن بۇ ئەسەر تۈركىي خەلق قوشاقلىرى ۋەزنىگە ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ.
«سازلار مۇنازىرىسى» يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان نادىر ئەسەر. ئەھمەد سازلارنى سىمۋوللاشتۇرۇش ئۇسۇلى. ئۆتكۈر يۇمۇرلۇق تىل ۋا ساتىرا ئامىللىرى ئارقىلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە يات ئىللەتلەرنى، يوغان قورساق خوجىلار، ساراي شائىرلىرىنى ھەجۋىي ئاستىغا ئالىدۇ. ئەھمەد قەلىمى ئاستىدا مەنمەنچىلىك، ئىشقىۋازلىق، ئىغۋاگەرچىلىك، پىتنىخورلۇق، مۇتتەھەملىك، ئۇرۇش - جاڭجال، غەۋغا كۆتۈرۈش قاتارلىق يارىماس ئىللەتلەر قاراڭغۇلۇق مىسالىدۇر. بۇ شۇنداقلا، ئەسەرنىڭ كىرىش قىسمى ۋە خۇلاسە قىسمىدا مەخسۇس قەيت قىلىپ ئۆتۈلىدۇ.
شائىر ئەھمەدىنىڭ قوبۇز، كوڭگۇرە، يوتۇغان قاتارلىق قەدىمكى ئۇيغۇر سازلىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئۆز ئەسىرىگە ئىشتىراك قىلدۇرۇشىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەتلىكتۇر.
«سازلار مۇنازىرىسى» ناملىق بۇ مەشھۇر داستاننىڭ 16 - ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن بىرلا نۇسخىسى بولۇپ، ئۇ ھازىر لوندوندىكى ئۇلۇغ بېرىتانىيە مۇزېيىدا ساقلانماقتا.