مۆيدىن سايىت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ژۇرنالىست مۇيدىن سايىت 1935 - يىلى كۆرلا شەھىرىنىڭ تۆت كوچا مەھەللىسىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپنى كورلىدا ئوقۇپ تاماملىغان، 1950 - يىلىدىن 1952 - يىلغىچە مائارىپ ۋە ئىشچىلار ئويۇشمىسى ساھاسىدە ئىشلىگەن، 1984 - يىلدىن تارتىپ بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، <بوستان> ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن، ھازىر پېنسىيدە.
مۆيدىن سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى سابىق <شىنجاڭ ياشلىرى> گېزىتىنىڭ 1959 - يىل 6 - ماي سانىدا ئېلان قىلىنغان <سەيلە قىلايلى ئايغا> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ <مۇئەللىمە>، <ئادەم گۈزەل - ئالەم گۈزەل> قاتارلىق يۈزلىگەن شېئىرلارنى، <ئاق بېكەش بىلەن بوز يىگىت> قاتارلىق داستان - باللادىلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان.
مۆيدىن سايىت پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، بىر قىسىم ھېكايىلارنى، جۈملىدىن <قارا ئالتۇنلۇقتىكى تاڭ> قاتارلىق پوۋېستلارنى ئېلان قىلغان، يەنە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى رەتلەش بىلەن شۇغۇللانغان.
مۆيدىن سايىت ھازىرغىچە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە <ھايات باھارى> (1985 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، <باشئەگىم نەزمىلىرى> (ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن بىلەن بىللە، 1991 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرغان.
مۆيدىن سايىت شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.