مۇختەر
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مۇختەر ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ ئوغلى. ئۇ 1917 - يىلى قەشقەردە تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە بىر مەزگىل دىنىي تەلىم ئالىدۇ. كېيىن مەخسۇس تەربىيىچى قولىدا ئۇيغۇر ۋە رۇس يېزىقلىرىنى ئۆگىنىدۇ. 1935 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوقۇشقا چىقىپ، تاشكەنتتە سىياسىي قانۇن مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل قەشقەر ساقچى ئىدارىسىدا، 1940 - يىلىدىن 1944 - يىلىغىچە ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسىدا، پولكوۋنىڭ دەرىجىلىك خادىم بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1940 - يىلىدىن باشلاپ قولغا ئېلىنغان مەھبۇسلارنى سوراق قىلىش، جازالاش، ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئىشلىرىغا قاتنىشىدۇ. 1944 - يىلى كۈزدە قەشقەرگە قايتىپ بېرىپ، 1945 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قەشقەر شەھەر نوبېشى ساقچى ئىدارىسىدا ساقچى باشلىقى بولىدۇ. شۇ يىللاردا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەزەربەند قىلىنىدۇ. 1946 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولىدۇ. 1947 - يىلى 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىتىمنى بۇزۇپ، ئۆزى ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ قارىغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك سوۋېت خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە ئاتۇش ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ ئۆتىدۇ. 1948 - يىلىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئۈچ ۋىلايەتكە ئۆتۈپ، مىللىي ئارمىيىدە پودپولكوۋنىڭ دەرىجىلىك ئوفىتسېر بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1950 - يىلىدىن 1954 - يىلىغىچە قەشقەردىكى 13 - دىۋىزىيەدە سەنموجاڭ بولىدۇ. 1954 - يىلىدىن 1959 - يىلىغىچە دېھقانچىلىق نازارىتىدە باشقارما باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ.
1945 - يىلى 6 - ئايدا قەشقەر شەھىرى گۇڭگاڭدىكى تۈرمىدە ياتقان 280 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇسنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ دەرھال دادىسى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ئارقىلىق سوۋېت كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇللىرىدىن بولغان باتىروفقا مەلۇم قىلىپ، سوۋېت كونسۇلىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن مەزكۇر ئادەملەرنىڭ ئۆلتۈرۈلىشىنى توسۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇنىڭ چوڭ تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.
مۇختەر 1959 - يىلى 7 - ئايدا قەشقەردە كېسەل بولۇپ ساقىيالماي ئۆلىدۇ.