مۇھەممەد سادىق قەشقەرى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي - دىداكتىكلىق ئىجادىي مىراسلىرى ۋە «تەزكىرەئى ئەزىزان» غا ئوخشاش ئەدەبىي - تارىخىي ئەسىرى بىلەن مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كېلىۋاتقان مۇھەممەد سادىق قەشقەرى 1740 - يىلى قەشقەردە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىكىدىنلا بىلىم ئېلىشقا ھەۋەس قىلىپ، ئاۋۋال توققۇزاقتىكى مەدرىسلەردە، كېيىن قەشقەردىكى مەشھۇر «ساچ» مەدرىسىدە ئوقۇغان. ئۇ يەنە ياشلىقىدا دېھقانچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ئەينى ۋاقىتتىكى يەكەن ھۆكۈمدارى خوجا جاھان ئەرشىنى ئالاھىدە ھۆرمەتلىگەن ۋە ئۇنى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان. شۇڭلاشقىمۇ، ئۇ «تەزكىرەئى ئەزىزان» نىڭ نۇرغۇن سەھىپىلىرىنى خوجا جاھان ئەرشىگە بېغىشلىغان.
مۇھەممەد سادىق قەشقەرىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى لىرىك شېئىرلار يېزىش بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ بۇ شېئىرلىرىدىن ئاز بىر قىسمىلا دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.
مۇھەممەد سادىق قەشقەرىنىڭ تۈرلۈك ماۋزۇلاردا 18 دىن ئارتۇق ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ تەزكىرە ژانىرىدىكى تۇنجى ئەسىرى _ «تەزكىرەئى ئەزىزان» مىلادىيە 1771 - يىلى يېزىلغان.
«تەزكىرەئى ئەزىزان» دا چەتتىن كىرگەن خوجىلارنىڭ شىنجاڭدىكى پائالىيەتلىرى، ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى خان - خوجىلار ھەققىدىكى بايانلار، خوجا دانىيال ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خوجا جاھاننىڭ ھاياتى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە مۇنقەرز بولۇش تارىخىغا دائىر بايانلار ۋە خوجا بۇرھانىدىنغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ۋەقەلەر ناھايىتى پاكىتلىق ھالدا بېرىلگەن. شۇنداقلا، ئۇنىڭدا شۇ دەۋرلەردە ئۆتكەن ئەدىبلەر، مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدىكى قىممەتلىك مەلۇماتلارمۇ ئۇچرايدۇ.
«تەزكىرەئى ئەزىزان» غا كىرگۈزۈلگەن مەسنەۋىلەر، غەزەللەر، مۇسەممەن، مۇخەممەس، رۇبائى ۋە ساقىنامىلار ئاپتور ئىجادىدا مۇھىم ئورۇننى تۇتىدۇ. بۇ شېئىرلاردا ئاپتور ئۆزى بايان قىلىۋاتقان تارىخىي ۋەقە ۋە شەخسلەرگە بولغان مۇھەببەت - نەپرىتىنى، ئەخلاقىي - دىداكتىك قاراشلىرىنى روشەن، ئوبرازلىق ئىپادىلەيدۇ. ئالايلى:
«ئىككى بارسەن زىنھار ھېچكىمگە ئازار ئەيلەمە،
ھېچ دىلغە بەرمە رەنجى ئانى كۆپ زار ئەيلەمە.
ھەر جەفاكىم سەن قىلۇرسەن تاڭلا كەلمىشىدۇر ساڭا،
ئۆزگە نەفئ ئىستەپ بىرەۋگە زۇلم بىسيار ئەيلەمە.
قويماغىل بىجا قەدەم قىلما خىيانەت كىمسەگە،
ئىككى ئالەمدە قاتتىغ جانىڭغە كۆپ زار ئەيلەمە.
ھەرنە قىلساڭ قىل، فەقىرى كۆڭلىدىن ئازار ئەتمەگىل،
دەرھەقىقەت شاھ ئېرۇرسەن كىم ئۇنى خار ئەيلەمە.
نەچچە دۈشمەننى ئۆزۈڭگە مەھرەمى زار ئەيلەدىڭ،
سىررىڭ ئەيلەر فاشكىم ئەغيارنى يار ئەيلەمە.
گەر ساڭا ئەھلى ھەقىقەت كارى خۇد مەلۇم ئەمەس،
جانۇدىل بىرلە ئەقىدە ئەيلە ئىنكار ئەيلەمە.
ھەر نەچە جەۋرى جافا يەتسە فەلەك ئەييارىدىن،
بىل ئۆزۈڭ دەردىڭنى كىم دۈشمەنگە ئىزھار ئەيلەمە.
سادىقا ئۆتكەن ئەزىزلەر روھىدىن يارى تىلەپ،
ئىتلەرىنىڭ ئىتلەرى سۈلكىدە بول ئار ئەيلەمە.»
«تەزكىرەئى ئەزىزان» دا ئەينەن ئېلىنغان ياكى ئاپتور تەرىپىدىن قايتا ئىشلەنگەن، ئىجاد قىلىنغان ماقال - تەمسىللەر، ھەتتا بىر قىسىم پارسچە ماقال - تەمسىللەرمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ، مۇھەممەد ساىق قەشقەرىنىڭ ئۇيغۇر فولكلورىنى ياخشى بىلىش بىلەنلا قالماي، شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە فولكلورى بىلەنمۇ يېقىندىن تونۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ئۆز زامانىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىم - ئۆلىمالىرىدىن بىرى. بۇ مەزگىلدە (19 - ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرى) ئەدىب «ئەدەبۇسسالىھىن» (ياخشى ئەدەبلەر)، «زۇبدە تۇلمەسائىل ۋەل ئەقائىد» (ئوبدان مەسىلىلەر ۋە قائىدىلەر)، «تەزكىرەئى ئەسھابۇلكەھب»، «تارىخى ئىسكەندەرىيە ۋە تاجنامە شاھ» قاتارلىق ئەخلاقىي - دىداكتىك ۋە تارىخىي - بەدىئىي ئەسەرلىرىنى مەيدانغا چىقارغان.
«تارىخىي ئىسكەندەرىيە ۋە تاجنامە شاھ» _ مۇھەممەد سادىق قەشقەرىنىڭ ئەسلى ئىراننىڭ تەبەرىستان رايونى ئامۇل شەھىرىدە توغۇلغان جۇۋەير تەبەرىنىڭ «تارىخ تەبەرى» ناملىق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە ئاخىرىغا بىر قانچە بابلارنى قوشۇپ ئىجادىي ئىشلەپ چىققان ئەسىرى. ئەسەرنى يېزىشنى قەشقەر ھاكىملىرىدىن ئىسكەندەربەگ تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن، ئاپتور بۇ تەرجىمە ئەسىرىنى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. ئۇ يەنە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» ئەسىرىنى پارسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.
مۇھەممەد سادىق قەشقەرى 1849 - يىلى قەشقەردە بولغان بىر قېتىملىق سىياسىي توپىلاڭدا پاجىئەلىك تۈردە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ شۇ يىلى 109 ياشقا كىرگەنىدى. ئۇنىڭ جەسىتى قەشقەر شەھىرىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى ئالدىدىكى زەرەتكارلىققا (ئاق مازارغا) دەپىن قىلىنغان.