UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىئەلىشىر نەۋائى

ئەلىشىر نەۋائى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى. قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەر يىپەك يولى بويىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركىزى بولغىنىدەك، تۆمۈرىلەر دەۋرىدە ھىرات بۇ زېمىندىكى مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر مەركىزىگە ئايلاندى. بۇ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئۇيغۇر زېمىنىدىن كۆچۈپ سىڭگەن مەدەنىيەتمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن. ئەلىشىر نەۋائى ئەنە شۇنداق تارىخىي دەۋردە شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى. ئەلىشىر نەۋائى مىلادىنىڭ 1441 - يىلى 9 - فېۋرالدا (ھىجرىيىنىڭ 844 - يىلى رامزان ئېيىنىڭ 17 - كۈنى) ھىراتتا توغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن كىچىك ئۇيغۇر بولۇپ، تۆمۈرىلەر ئوردىسىدىكى ئىناۋەتلىك خادىملارنىڭ بىرسى ئىدى. غىياسىدىن كىچىك ئائىلىسىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات - سەنئەت ئەھلى بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىسى ئەلىشىرنىڭ كىچىكىدىنلا ئەدەبىيات خۇشتارى بولۇشى ئۈچۈن تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم بىر شارائىت ئىدى. ئەلىشىر بالىلىق ۋاقتىدىلا ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى، تىرىشچانلىقى ۋە خۇش پېئىللىقى بىلەن ئۆز تەڭتۇشلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئۈچ - تۆت يېشىدىلا شېئىر ئاڭلاشقا، ئوقۇش ۋە يادلاشقا قىزغىن بېرىلگەن، بەش ياشقا كىرمەي تۇرۇپ مەكتەپكە كىرگەن، بۇ مەكتەپتە بولغۇسى پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارا بىلەن ساۋاقداش بولغان، ئۇنىڭ ئوقۇشتىكى ئۆتكۈرلۈكى ۋە ئۈنۈمى ھەممىنى ھەيران قالدۇرغانىدى. بۇ چاغدا ھىرات تەختىدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان شاھرۇھنىڭ مۇستەبىتلىكى غىياسىدىن كىچك ئائىلىسىگىمۇ كۆڭۈلسىزلىك ۋە پاراكەندىچىلىك سالدى، شۇڭا بۇ ئائىلە بىر مەزگىل ئاستراباددا سەرسان بولۇپ يۈردى. پەقەت ئوبۇلقاسىم بابىر تەختكە چىققاندىن كېيىن ھىراتقا قايتىپ كەلدى. ئەلىشىر 12 يېشىدا يىتىم قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپتىن ئايرىلىپ، ساۋاقدىشى، دوستى ھۈسەيىن بايقارا بىلەن بىللە ئوبۇلقاسىم بابىر ئوردىسىدا خىزمەت قىلدى. بىر ياقتىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قىزغىن ئۆگىنىش بىلەن ئۆزىمۇ شېئىر يېزىشقا كىرىشتى. ئەبۇلقاسىم بابىت ئەلىشىرگە غەمخورلۇق كۆرسەتتى ۋە ئۇنىڭ شېئىرغا بولغان ئىشتىياقىغا مەدەت _ ئىلھام بەردى. ئۆزىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ئەلىشىر يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. شۇ زاماندا ئەنئەنە بويىچە باشلانغۇچ بىلىمىنى پارسىي مەنبەلەردىن ئالغان ئەلىشىر مەكتەپتىلا نىزامىي گەنجەۋىي، مۇسلىھىدىن سەئدىي، پەرىددىن ئەتتارلارنىڭ ئاندىن، فىردەۋسىي، خۇسراۋ دېھلەۋى، ھافىز شرازى، ئابدۇراھمان جامى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ تونۇشتى. كېيىنرەك تۈركىي تىلىدىكى شېئىرلارنى قىزغىن ئوقۇشقا كىرىشتى، بولۇپمۇ ئاتائى، سەككاكى، لۇتفى غەزەللىرىدىن ئالاھىدە زوق ئالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىنى پارسچە يازغان بولسا، 15 ياشقا كىرگەندە تۈركىي تىلىدىمۇ شېئىر يېزىشقا باشلىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي پارسچە شېئىرلىرىدا «فانىي»، تۈركىي تىلىدىكى شېئىرلىرىدا «نەۋائىي» تەخەللۇسى بىلەن تونۇلۇپ «زۇللىسانەين» (ئىككى تىللىق) دەپ نام ئالدى. ئۇنىڭ شېئىرىيەتتكى ئاجايىپ ئىقتىدارى شېئىر زوقمەنلىرىنى، جۈملىدىن نۇرغۇنلىغان پېشقەدەم شائىرلارنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇردى. تارىخچى خاندەمىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەلىشىر نەۋائىي يىگىتلىك دەۋرىنىڭ بېشىدىلا شائىر لۇتفىنىڭ قىزغىن مەدھىيىسىگە ۋە يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ 16 يېشىدا يازغان: «ئارەزىن ياپقاچ، كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش، بۇيلەكىم، پەيدا بولۇر يۇلدۇز، نىھان بولغاچ قۇياش.» دەپ باشلىنىدىغان غەزىلىنى كۆرگەن لۇتفى ھاياجان ئىچىدە «.... ئەگەر مۇيەسسەر بولسا ئىدى. ئۆزۈمنىڭ ئون - ئون ئىككى مىڭ فارسىي ۋە تۈركىي بېيىتىمنى شۇ غەزەلگە ئالماشتۇرار ئىدىم» دېگەن. 1456 - يىلى ئوبۇلقاسىم بابۇر تەختىنى مەشھەدگە كۆچۈرگەندە، ئەلىشىر نەۋائىمۇ، ھۈسەيىن بايقارامۇ بىللە باردى. بىراق بىر يىلدىن كېيىن بابۇر ۋاپات بولدى. خۇراسان يەنە تاجۇ - تەخت تالىشىش جاڭجىلى ئىچىدە قالدى. تاجۇ - تەخت ئارزۇسىدا يۈرگەن ھۈسەيىن بايقارا بۇ جاڭجاللارغا ئارىلىشىپ كەتتى. ئەلىشىر نەۋائى بولسا ئاتا - ئانىسىز، ھامىيىسىز بۇ يات شەھەردە جاپالىق ۋە مۇستەقىل ھايات يولىنى باشلىدى. ئۇ مەشھەددىكى يەتتە يىللىق ھاياتى جەريانىدا نامراتلىق ۋە بىر قانچە قېتىملىق ئېغىر كېسەل ئازابلىرىنى يېڭىپ، ئىجتىھات بىلەن ئوقۇپ بىلىم ئىگىلىدى. بۇ ئۆگىنىش ھەمدە مەشھەددىكى نۇرغۇنلىغان شائىرلار بىلەن تونۇشۇش، ھەمسۆھبەتتە بولۇش، ھەرساھە تۇرمۇشىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق ئۆز تەپەككۇرىنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە ئىجادىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ باردى. 1464 - يىلى ئەلىشىر نەۋائى يۇرتى ھىراتقا قايتتى، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە ئۆز دەۋرىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى مۇتەپەككۇر شائىرى ئابدۇراھمان جامى بىلەن ئۇچراشتى. بۇ نەۋائى ھاياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ۋەقە ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋاملاشقان ئالاقە جەريانىدا جامى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي پەلسەپە نۇقتىئىنەزەرى، ئېستېتىك پرىنسىپلىرى ئارقىلىق نەۋائىنىڭ ھاياتىغا، تەپەككۇرىگە ۋە ئىجادىي ئىقتىدارىنىڭ كامالەت تېپىشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭلاشقىمۇ نەۋائى ئابدۇراھمان جامىنى ئۆزىنىڭ «پىر ئۇستازى» دەپ ھېسابلىدى. بىراق، ھىراتتا نەۋائى پادىشاھ ئەبۇسەئىدنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى. چۈنكى، ئۇ نەۋائىنى خۇراسان تەختنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھۈسەيىن بايقارانىڭ ھەمدىمى دەپ ھېسابلايتتى. نەۋائى ئۇنىڭ چىرىك ۋە رەزىللىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى غەش بولدى، ئۇنىڭ كۆزىدىن نېرى بولۇش ھەمدە ئىلىم تەھسىل قىلىش نىيىتىدە 1466 - يىلى ھىراتتىن ئايرىلىپ، سەمەرقەنتكە باردى. شۇ چاغدىكى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرسى بولغان سەمەرقەنتتە نەۋائى خېلى تۈزۈك ئېتبار ۋە ئىمكانىيەتكە ئېرىشتى. مەشھۇر ئالىم، قانۇنشۇناس ۋە ئەرەبشۇناس خوجا پەزلۇللائەبۇللەيسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ مەدرىسىدە بىلىم ئالدى. نەۋائى مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن بىللە سەمەرقەنت بىلەن تونۇشتى، ئۇنڭ تارىخىنى ئۆگەندى، ئۇلۇغبەگنىڭ ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى ئىلمىي مىراسلىرى بىلەن تونۇشتى. نۇرغۇنلىغان ئالىم، شائىر سەنئەتكارلار بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ، ئىلىم ۋە شېئىرىيەت ماۋزۇئىدىكى مۇلاھىزە سورۇنلىرىغا قاتناشتى، كاسىپلار تۇرمۇشىغىمۇ چۆكتى. شۇنىڭدەك، بۇ يەردە ئۆزىگە ئاتىدارچىلىق قىلغان مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر ئەرباب ئەھمەد ھاجىبەگ ھامىيلىقىدا سىياسىي - مەمۇرىي پائالىيەتلەرگىمۇ ئارىلاشتى، بۇ مۇناسىۋەت ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھايات تەجرىبىسى بېيىتتى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىمۇ كامالەت تاپتى. 1469 - يىلى ھۈسەيىن بايقارا خۇراسان تەختىنى ئىگىلىدى. بۇنىڭدىن خۇش بولغان نەۋائى ئۆز دوسىنىڭ مەملىكەتنى تىنچ ۋە ئاۋات قىلىشىغا ئۈمىد باغلاپ، بۇ يولدا ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىش نىيىتىدە ھىراتقا قايتىپ كەلدى ۋە ھۈسەيىن بايقارانىڭ سەلتەنىتىگە بېغىشلاپ «ھىلالىيە» قەسىدىسىنى يازدى. نەۋائىنىڭ كەلگىنىگە ئۇنى سېغىنىش بىلەن كۈتۈپ تۇرغان پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارا ئىنتايىن خۇش بولدى ۋە ئۇنىڭغا مۆھۈردارلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى. نەۋائى ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن، مەملىكەتنى تىنچلاندۇرۇش ئىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. بولۇپمۇ تۆمۈرىلەر ئەۋلادىدىن بولغان مىرزا يادىگارنىڭ خۇراسان تەختىنى تالىشىپ قوزغىغان توپىلىڭىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى تۆھپىسى ناھايىتى چوڭ بولدى. نەۋائىنىڭ كۆرسەتكەن تەدبىر بويىچە مىرزا يادىگار ئۇجۇقتۇرۇلدى، مەۋجۇت ۋەزىيەتتىن نارازى بولۇپ ئۇنىڭغا ئەگەشكەن دەردمەن پۇقرالارنىڭ بىر قىسىم تەلەپلىرى قاندۇرۇلدى، پادىشاھمۇ مەمنۇن بولدى، ئۇزۇن ئۆتمەي نەۋائى ئەمىرلىككە كۆتۈرۈلدى. ئەلىشىر نەۋائى ئوردا خىزمىتىدە ئادالەتنى جارى قىلىش ئۈچۈن تىرىشتى. خەزىنە باشلىقى نىزامۇلمۇلىك، پەرۋانىچى مەجدىددىن قاتارلىقلارنىڭ نائادىللىقى ۋە ئاچكۆزلىكىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتتى. زۇلۇمدا ھەددىدىن ئېشىپ، خەلقنى قاتتىق نارازى بولغان بىر قىسىم ئەمەلدار خادىملارنى جازالىدى، مۇھىم سۇقۇرۇشلىرىنى ئېلىپ باردى، دېھقان ۋە كاسىپلارنىڭ سېلىقلىرى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنى كۆردى. نامرات غېرىبلارغا، دەردمەنلەرگە غەمخورلۇق قىلدى. ئىلىم _ مەرىپەت ساھەسىدە نەۋائىنىڭ خىزمىتى تېخىمۇ چوڭ بولدى. ئۇ نۇرغۇن مەدرىسە _ جامەلەرنى قۇتغۇزدى، ئالىملارنى، شائىرلارنى، مۇھەندىسلەرنى، سازەندىلەرنى، رەسساملارنى، نەققاشلارنى، خەتتاتلارنى، شىرزاتچىلارنى ئەتىۋارلاپ، ھەر خىل ماددىي ياردەملەرگە ئېرىشتۈرۈپ، مەنىۋى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇردى. ئىجادىيەت - كەشپىياتنى مۇكاپاتلىدى، مەرىپەت دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇردى. قىسقىسى، ئۇ خۇراساننى تىنچ، ئاۋات قىلىش ۋە ھىرات مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا ئەستايىدىل ئەجىر سىڭدۈرۈپ، يۈكسەك ئىناۋەتكە ئېرىشتى. لېكىن نەۋائى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا، ئازابلارغا يولۇقتى. ئادالەت ۋە مەرىپەت دۈشمەنلىرى _ ئاچكۆز، مەنسەپپەرەس ئەمەلدارلار، رىياكار جاھالەتپەرەسلەر نەۋائىنى ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ زور كۈشەندىسى دەپ ھېسابلاپ، ئۇنڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلدى ۋە ئۇنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن ھەر خىل رەزىل ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ قۇتراشتى. ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتە تاللىۋالغان ئەڭ چوڭ دەستىكى _ بۆھتان ئويدۇرۇپ، ئېغۋا توقۇپ، چېقىمچىلىق قىلىش ئىدى. ئۇلار نەۋائىنىڭ ئۇلۇغۋار لايىھە ۋە پائالىيەتلىرىنى پادىشاھنىڭ مەنپەئىتىنى ۋە شەۋكىتىگە خەۋپ دەپ كۆرسىتىشكە، شۇنىڭدەك بۇ «خەۋپ» نى نەۋائىنىڭ نەسەب جەھەتتىن ياتلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئىزاھلاشقا جېنىنىڭ بارىچە ئۇرۇندى. گەرچە ھۈسەيىن بايقارا مەلۇم مەرىپەتپەرۋەرلىك خاھىشىغا ئىگە بولسىمۇ ھەمدە نەۋائىدەك زور ئىقتىدار ۋە ئىناۋەتكە ئىگە دوستى ۋە ھەمكارى بولغىنى ئۈچۈن پەخىرلەنسىمۇ، لېكىن چىقىرىلغان تۆھمەتلەر، ئالدامچى ئېغۋالار تەسىرىدە نەۋائىدىن خۇدۈكسىرەيدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنى ھىراتتىن يىراقتىكى ئاسترابادقا ھاكىم قىلىپ ئەۋەتىشمۇ شۇ خۇدۈكسىرەشنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى. ئەلىشىر نەۋائى ئاستىرابادقا ئىلاجسىزلىقتىن بارغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياجى ۋە ئۈمىدى ئالدىدا ئۆز ۋەزپىسىنى ئادا قىلىشقا كىرىشتى ۋە دەرھال بۇ پاراكەندە شەھەردە تەرتىپ ئورنىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى كۆردى. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق خەلقنىڭ چوڭقۇر مۇھەببىتىگە، يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. يەنە بىر ياقتىن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە مول مەھسۇلات ياراتتى. نەۋائىنىڭ ھىراتتا يوقلۇقى مەجىدىددىن قاتارلىقلارنىڭ رەزىل ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن قولاي پۇرسەت بولدى. ئۇلار پادىشاھنى كەيپ - ساپاغا تېخىمۇ زورلاپ، قۇرۇقدالغان خەزىنىنى تولدۇرۇش ۋە قاقتى - سوقتى قىلىش ئۈچۈن سېلىقلارنى كۆپەيتىپ خەلقنى خالىغانچە شىلىغىلى تۇردى. بۇ ئەھۋاللار يىراقتىكى نەۋائىنىڭ قەلبىنى ئازابلىماي قويمىدى، سۇ بېشىدىن لاي بولغاچقا، بارغانسېرى ئوردىدىن رايى قايتتى. ئۆزىمۇ چارچىدى. شۇڭا قايتا - قايتا ئىلتىماس قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ھىراتقا قايتىپ كەلدى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن پادىشاھ ئۇنىڭغا «مۇقەررەبى ھەزرەتى سۇلتانى» (ھەزرىتى سۇلتاننىڭ ئەڭ يېقىنى) دېگەن پەخرىي ئۇنۋانىنى بەردى. لېكىن مەجىدىدىن قاتارلىقلار نەۋائىغا بولغان دۈشمەنلىكنى توختاتمىدى. بۇ ئەھۋال جەمئىيەتتە چوڭ نارازىلىق قوزغىدى. شۇ چاغدا، نەۋائىنىڭ ئىنىسى، بەلخ ھاكىمى دەرۋىش ئەلى پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. نەۋائىنىڭ دۈشمەنلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇ ھەرىكەتكە نەۋائى قۇتراتقۇلۇق قىلدى، دەپ پادىشاھقا چېقىمچىلىق قىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان نەۋائى تەشەببۇسكار بولۇپ، پادىشاھ قوشۇنى بىلەن بىللە دەرۋىش ئەلىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئىسياننى تىنجىتتى. ئەسلىدە بۇ ئىسيان ئوردىدا نەۋائىغا قىلىنىۋاتقان دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىگە نارازىلىقتىن ۋە مەجىدىددىننى ئوردىدىن ھەيدەش مەقسىتىدە پارتلاپ چىققانىدى. بۇ ئىسيان تىنجىتىلغاندىن كېيىن مەجىدىددىنمۇ مەنسىپىدىن ئايرىلدى. لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان نىزامۇلمۇلىك تېخىمۇ رەزىل ۋەزىر ئىدى. نىزامۇلمۇلىك ۋە ئۇنىڭ ئېقىمىدىكىلەر نەۋائىغا بولغان دۈشمەنلىكنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئوردا ئىچىدە پىتنە ئۇيۇشتۇرۇپ، شاھزادىلەر ئارىسىدا نىزا پەيدا قىلىپ، يېڭى - يېڭى پاراكەندىچىلىكلەرنى تۇغدۇردى. نەتىجىدە تەخت ۋارىسلىرى بىلەن پادىشاھ ھۈسەيىن بايقارا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈچەيدى. نەۋائى بولسا مەملىكەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش نىيىتىدە پادىشاھقا مەسلىھەت بېرىپ، شاھزادىلەرگە نەسىھەت قىلىپ، زىددىيەتنى پەسەيتىشكە تىرىشتى، لېكىن خانىش خەدىچە بېگىم نىزامۇلمۇلىك بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۆز ئوغلىنىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىغا يول ئېچىش ئۈچۈن ئۆگەي ئوغلى، چوڭ شاھزادە بەدىئۇززامان بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش ھەرىكىتىدە بولدى ۋە ئاخىرى پادىشاھنىڭ مەستلىك ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قول قويدۇرۇۋالغان پەرمان بويىچە بەدىئۇززاماننىڭ ئوغلى مۆمىن مىرزىنى قەتل قىلىشتى. مۆمىن مىرزىنىڭ پاجىئەسىگە نەۋائى چوڭقۇر ئېچىندى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، كەسكىنلىشىدىغان نىزالارنىڭ مەملىكەتكە ئېيتقۇسىز دەھشەتلىك ئاقىۋەتلەر كەلتۈرۈشىدىن قاتتىق تەشۋىشلەندى. نەۋائى مەملىكەت مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، نىزاملارنى پەسەيتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بىراق بۇ يولدىكى تىرىشچانلىقلار ئۈنۈم بەرمەي قالدى. چۈنكى ھۈسەيىن بايقارا ھاكىمىيىتى ئۆز ئىچىدىن چىرىپ ھالاكەتكە يۈز تۇتقانىدى. گەرچە نەۋائىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارزۇلىرى توسالغۇغا ئۇچرىغان، نۇرغۇن ئەجرى زايا كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە شانلىق ھاياتىي كۈچ تاپتى. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئىجادىيەتتە تېخىمۇ مول ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. 1492 - يىلى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ پىر ئۇستازى ئابدۇراھمان جامى ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ نەۋائى ئۈچۈن ئېغىر مۇسىبەت بولدى. يىللار ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ قەدىناس يۆلەنچۈكلىرى ۋە قەدىردان دوستلىرىنىڭ قاتارى شالاڭلاپ باردى. زامان غەۋغاسىدىن كەلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قوشۇلۇپ كەلگەن جۇدالىق دەردى ئۇنىڭ قەلبىنى تېخىمۇ ئازابلىدى. شۇنداقتىمۇ بەرداشلىق بېرىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن جىددىي شۇغۇللاندى ۋە بۇنىڭ ناھايىتى زور ئۈنۈمىدىن تەسەللى تاپتى. ئېغىر جاپالىق ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە قاتتىق ئىجادىي مەشغۇلات ئەلىشىر نەۋائىنى بالدۇرراق قېرىتىپ قويدى. تېنى زەئىپلىشىپ، ئەسەبلىرىمۇ ئاجىزلاشتى. ئاخىرى، بۇ ئۇلۇغ زات 1501 - يىلى 3 - يانۋار كۈنى 60 يېشىدا ھاياتلىق بىلەن مەڭگۈ ۋىدالاشتى. ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ھاياتى ئۆز دەۋرىدىكى ئادالەت ۋە مەرىپەتنىڭ بايراقدارى بولغان بۈيۈك مۇتەپەككۇرنىڭ، ئالەمشۇمۇل مول بەدىئىي بايلىق ياراتقان ئۇلۇغ سەنئەتكار شائىرنىڭ ھاياتىدۇر. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ قاھان كلاسسىكلىرىنىڭ قاتارىدا ئورۇن ئالدى. ئەلىشىر نەۋائى ۋە ئۇنىڭ پېشقەدەم زامانداشلىرى بولغان، جۈملىدىن، نەۋائى ئۆزى «ئۇيغۇر ئىباراتىنىڭ فۇسەھاسى ۋە تۈرك ئەلفازىنىڭ بولەغاسى» (ئۇيغۇر ئىبارىلىرىگە ماھىر، تۈركىي تەلەپپۇزىغا كامىل) دەپ ئاتىغان سەككاكى ۋە لۇتفىلار ئۆز ئىجادىيىتىدە قوللانغان مىللىي تىل «چاغاتاي تىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بۇ تىل شۇنداق تارىخىي دەۋردە _ شىنقاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈم سۈرگەن چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە ھاكىمىيەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش ئېھتىياجى ھەمدە مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات تەقەززاسى ئارقىسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، نۇرغۇن تارىخچى، تىلشۇناسلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، بۇ تىلغا ئەرەب ۋە پارس تىلىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا كۈچلۈك تاقابىل تۇرىدىغان ئۇيغۇر تىلى (ياكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى تىلى، يەنى خاقانىيە تىلى، قەشقەر تىلى) ئاساس بولغانىدى. نەۋائى چاغاتاي تىلىدىكى ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ يىرىك ۋەكىلى. تىل جەھەتتىكى ئوخشاشلىق بىلەن بىللە ئېتنىك، ئەدەبىي ئەنئەنە جەھەتتىكى ئورتاقلىق، ۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نەۋائى ئىجادىيىتىگە بولغان ئىزچىل ۋارىسلىق قاتارلىق ئامىللار ئەلىشىر نەۋائىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭمۇ شائىرى دېيىشكە ئاساس بېرىدۇ. نەۋائى بەدىئىي مىراسى ئۇيغۇرلار ئىچىگە ناھايىتى كەڭ تارقالغان. بولۇپمۇ، يەكەن خانلىقى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ قەشقەر، يەكەن، خوتەن، ئاقسۇلاردا، شۇنىڭدەك قۇمۇل، تۇرپاندا نەۋائى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىرى تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن ھەر خىل كىتابات ۋە دىۋانلىرى ھەددى - ھېسابسىز دېگۈدەك نۇرغۇن بولغان. ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھەر خىل يوللار بىلەن چەت ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن، يوقالغان ۋە نابۇت قىلىنغان. شۇنداقتىمۇ، ھازىر يەنىلا ساقلىنىپ قالغان قول يازما نۇسخىلىرى ئاز ئەمەس. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، نەۋائىدىن كېيىن ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بۇ ئۇلۇغ سەنئەتكارنى ئۆزلىرىنىڭ «پىر _ ئۇستازى» دەپ بىلىپ ئۆز ئىجادىيىتىدە ئۇنىڭدىن ئۈلگە ئالدى؛ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى نەۋائى ئەسەرلىرى ئۇيغۇر مەدرىسە _ مەكتەپلىرىنىڭ مۇھىم دەرسلىكى بولۇپ ئوقۇلدى؛ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكا - نەغمە قامۇسى بولغان 12 مۇقام ناخشىلىرىنىڭ تولىسى نەۋائى تېكىستلىرى (غەزەللىرى) بىلەن ياڭرىدى. ئەلىشىر نەۋائىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئەدەبىي مىسراسى ناھايىتى زور سالماققا، بىباھا قىممەتكە ئىگە ئۆلمەس بايلىقتۇر. ئۇنىڭ ئىچىدە «خەزائىنۇلمەئانى» (مەنىلەر خەزىنىسى) ناملىق دىۋانى ۋە «خەمسە» ئاتلىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. «خەزائىنۇلمەئانى» نەۋائى ھايات ۋاقتىدا تۈزۈلگەن «غەرائىبوس - سىغەر» (ئۆسمۈرلۈك غايىلىرى)، «نەۋادىرۇش _ شەباب» (يىگىتلىك نادىرلىقلىرى)، «بەدائىئول - ۋەسەت» (ئوتتۇرا ياشلىق گۈزەللىكلىرى) ۋە «فەۋائىدۇل _ كىبەر» (قېرىلىق نەپلىرى) دەپ ئايرىم - ئايرىم نام قويۇلغان تۆت يىرىك دىۋاندىن ئىبارەت بولۇپ، غەزەل، مۇخەممەس، مۇسەددەس، مۇسەممەن، مۇستەھزات، قەسىدە، قىتئە، رۇبائى، مەسنەۋى، تەرجىبەند، ساقىنامە، مۇئەمما، چىستان، تۇيۇق، فەرد قاتارلىق 16 خىل كلاسسىك لىرىك ژانىردىكى ئەسەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. «خەزائىنولمەئانى» دىۋاننىڭ ئاساسىي قىسمى غەزەلدىن ئىبارەت (ھەر بىر دىۋاندا 650 دىن غەزەل بار) بولۇپ، بۇ «چاغاتاي تىلى» دا يېزىلغان شېئىرىيەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىسى. نەۋائى غەزەللىرى غەزەلچىلىكتىكى ئەنئەنىۋى تېماتىك مەزمۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسەك بەدىئىي ئىپادىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى، ئەڭ مۇھىمى، شائىرنىڭ ئۆز دەۋرىگە بولغان مۇناسىۋىتىدىن توغۇلغان كونكرېت ۋەقە، ھادىسىلەردىن بىۋاسىتە ھاسىل قىلغان چوڭقۇر تەپەككۇرىنىڭ يۈكسەك بەدىئىي ئىپادىسى. شۇنىڭدەك «فانىي» تەخەللۇسى بىلەن تۈزۈلگەن دىۋانى پارس تىلىدىكى نادىر لىرىكلاردۇر. «خەمسە» _ 1483 - يىلىدىن 1485 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقىدا يېزىلغان «ھەيرەتۇل ئەبرار»، «فەرھاد ۋە شېرىن»، «لەيلى ۋە مەجنۇن»، «سەبئەئى سەييار»، «سەددى ئىسكەندەر» ناملىق بەش داستانىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ «خەمسە» چىلىك ئەنئەنىسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتى، نەۋائى ئۆز ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان «لىسانۇت _ تەير» (قۇشلار تىلى) داستانىمۇ «خەمسە» داستانلىرىغا ئوخشاش بىباھا ئەسەردۇر. نەۋائى بۇ داستانلاردا يۈكسەك ماھارەت بىلەن ئاجايىپ قىزىقارلىق سيۇژىتلار ئاساسىدا، ئالىيجاناب، گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ سۆيۈملۈك تىپىنى، ئۇنىڭ ئەكسى بولغان سەلبىي قەھرىمانلارنىڭ يىرگىنچلىك ئوبرازىنى ياراتقان، ھەر خىل بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك، ھېكمەتلىك پىكىر دۇردانىلىرىنى چاپقان. بۇلاردىن باشقا «مەھبۇبۇل قۇلۇب»، «ماجالسۇن نەفائىس»، «خەمسەتۇل _ مۇتەھەييىرىن»، «ھالاتى سەيد ھەسەن ئەردە شىر»، «ھالاتى پەھلەۋان مۇھەممەد»، «ۋەقفىيە»، «مۇنشەئات»، «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين»، «مىزانۇل ئەۋزان»، «مۇفرەدات»، «تارىخىي مۈلكى ئەجەم»، «نەسەئىمۇل مۇھەببەت»، «تارىخىي ئەنبىيا ۋە ھۆكەما» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ ناھايىتى زور ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممەتكە ئىگە. نەۋائى ئىجادىيىتى تېماتىكىسىنىڭ ناھايىتى كەڭلىكى، مەزمۇنىنىڭ ئىنتايىن موللۇقى بىلەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. گەرچە ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئىدىئولوگىيىسىگە ۋەكىللىك قىلسىمۇ، لېكىن بەزى بىر پاسسىپ ئامىللاردىنمۇ خالىي ئەمەس. بۇ پاسسىپلىق، ئاساسەن، ھاياتنىڭ مۇرەككەپ ئوبيېكتىپ زىددىيەتلىرى ئالدىدا سەزمەس بۇلۇۋېلىشقا ئورۇنۇشىدا، ھەتتا «فەنا» (يوقىلىش) شارابىدىن تەسەللى ئىزلەش خاھىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇنداق خاھىشىنى تەسەۋۋۇپنىڭ تەسىرى دېيىشمۇ مۇمكىن. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى، نەۋائى ھەرگىزمۇ تەركىدۇنيالىقنى تەرغىپ قىلغۇچى ئەھمەد يەسسەۋى مەكتىپىگە مەنسۇپ ئەمەس، بەلكى ئۇ پىر - ئۇستازى بولغان ئابدۇرەھمان جامى ئارقىلىق رېئال دۇنيانى مۇھىم بىلىدىغان، مەلۇم ماتېرىيالىستىك ئامىللارغا ئىگە بولغان نەقىشبەندچىلىككە مايىل. شۇڭا «فەنا» شارابىدىن تەسەللى ئىزلەش خاھىشى ئۇنىڭ تۈپ، ئىزچىل ئىدىيىسى ئەمەس. بىز نەۋائى ئىدىيىسىدىكى پاسسىپ ئامىللارغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ تۈپ سەۋەبىنى مۇئەييەن تارىخىي چەكلىمىدىن ئىزلىشىمىز كېرەك. بۇ خالىي بولۇشقا مۇمكىن بولمىغان پاسسىپ ئامىللار نەۋائىنىڭ ئۇلۇغۋار سىماسىنى ھەرگىزمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈۋېتەلمەيدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ ئىلغار ئىجتىمائىي ئىدېئولوگىيىنىڭ ئالدىنقى ۋەكىلى، ئاكتىپ گۇمانىزىمنىڭ ئۈلگىسى بولۇش بىلەن بىللە، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق مەڭگۈ ئۆلمەس شانلىق پىكىر دۇردانىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىر. ئەلىشىر نەۋائىنىڭ بەدىئىي ماھارىتى ئادەم ئەقلىنى تېخىمۇ لال قىلىدۇ. ئۇ مىللىي ئەدەبىي مىراسلارغا ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش ۋە پارس شېئىرىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى جانلىق قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، زور ناۋاتورلۇقنى جارى قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يۈكسەك چوققىغا چىقتى. نەۋائىدىكى ناۋاتورلۇق ئالدى بىلەن غەزەلچىلىكتە گەۋدىلىنىدۇ. ئاتائى، سەككاكى، لۇتفىلار چاغاتاي تىلىدىكى غەزەلچىلىكنىڭ ئاساسچىلىرى بولسا، نەۋائى ئۇلارنىڭ غەزەلچىلىك ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈردى. نەۋائى مىللىي خەمسىچىلىكىنىڭ ئاتىسى ئىدى. ئۇ پارس ئەدەبىياتىدىكى خەمسىچىلىكتىن ئۈلگە ئېلىپ، نىزامىي گەنجەۋى، خۇسراۋ دېھلەۋى ۋە ئابدۇراھمان جامىلارغا ئىجادىي ياندىشىپ، مىللىي خەمسىچىلىكنىڭ شانلىق ئۈلگىسىنى ياراتتى. گەرچە ئۇ خەمسىنى ئەنئەنىۋى سۇژىتلار ئاساسىدا يازغان بولسىۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سيۇژىتى ۋە كومپوزىتسىيىلىك قۇرۇلۇشىغا يېڭىلىق كىرگۈزدى. بەزى مۇھىم قەھرىمانلار ئوبرازىنى قايتىدىن ياراتتى. ئۆزىمۇ نۇرغۇن قەھرىمان ۋە پېرسوناژلارنى قوشتى، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ پەلسەپىۋى ۋە ئېستېتىك قاراشلىرىنى سىڭدۈردى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ناۋاتورلۇقى، بولۇپمۇ «فەرھاد ۋە شېرىن» داستانىدا ئالاھىدە گەۋدىلەنگەن. نەۋائى شېئىرىيەتتە، بولۇپمۇ غەزەلچىلىكتە ئارزۇ ۋەزىننى ناھايىتى كەڭ ۋە ئەركىن جارى قىلدى. ئۇ، بۇ ۋەزىننى مىللىي تىل ئەۋزەللىكى ۋە مىللىي شېئىرىيەت ۋەزىن شەكىللىرى بىلەن تېخىمۇ بېيىتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ۋەزىن شەكىللىرىنى مەزمۇن تەلىپى بويىچە تاللىدى، يەنى نەزىم ۋەزنىنى يۈرەك كۈيىگە تەڭكەش قىلدى. بۇ نەۋائى شېئىرىيىتىنىڭ شەكىلۋازلىقتىن خالىي بولۇشىنى تەمىنلىگەن مۇھىم بىر ئامىل. نەۋائى شېئىرىيىتى ئىستىلستىك يەنى بەدىئىي تەسۋىرىي ۋاسىتىلەرنى ماھارەت بىلەن جارى قىلىشنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار ئۈلگىسى. بۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە مىساللاردىنمۇ ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. نەۋائى ئوبرازلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولغان ئوخشىتىش سەنئىتىگە ئىنتايىن ماھىر. تۆۋەندىكى غەزەل بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ: كۆز ياشىم رەۋان بىر نەركىسى جادۇ كۆرۈپ، تىفل (كىچىك بالا) يەڭلىغىكىم يۈگۈرگەي ھەر تەرەف ئاھۇ كۆرۈپ. قالدى ھەيران زاھىد ئەشكىمدە كۆرۈپ ھەريان ھۇباب، رۇستايىدەككى (سەھرالىق) ھەيرەت ئەيلەگەي ئوردۇ كۆرۈپ. جان ئاراتىغىڭ كۆرۈپ كۆڭلۈم قۇشى تۈزدى نەۋا، تۇتىئىدەككىم تەكەللۇم ئەيلەگەي كۆزگۈ كۆرۈپ. ۋادەئى ئىشقىڭ مەكان قىلدى كۆڭۈل كۆرگەچ يۈزۈڭ، ئەل بايابان ئىچرە مەنزىل ئەيلەگەندەك سۇ كۆرۈپ. جاندا ئۆز داغىن كۆرۈپ ئاشىقلىقىمنى ئاڭلادى، ئول كىشىدەككىم تانىغاي ئۆز قۇلىن بەلگۈ كۆرۈپ. بادە تۇتقاچ دېمە بىخۇد ئولدىكىم ئول كۆزگۈدىن، باردى ھوشۇم يار ھۆسنى جىلۋەسىن ئوترو كۆرۈپ. ئەي نەۋائى، دەفە ئولۇر خالىن كۆرۈپ كوھى غەمىم، فىل يەڭلىغىكىم ھەزىمەت ئەيلەگەي ھىندۇ كۆرۈپ. بۇ غەزەلنىڭ ھەر بىر بېيىتى ئوخشىتىش ئاساسىغا قۇرۇلغان. شائىر يارىنى جان ئالغۇچى فەركسكە ئوخشاتسا، ئۇنىڭ دەردىدە تۆككەن يېشىنى خۇددى ئاھۇنى كۆرۈپ ھەر تەرەپكە چاپقان بالىنىڭ يۈگۈرۈشىگە، كۆز ياشلىرى ئۈستىدىكى كۆپۈكلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالغان زاھىدنى ئوردىنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالغان سەھرالىققا ... ئاخىرىدا بولسا، غەم تېغىنىڭ يارخالىنى كۆرۈپ بېسىلىدىغانلىقىنى پىل ئۆگەتكۈچى ھىندىنى كۆرۈپ كەينىگە قايتقان پىلگە ئوخشاتقان، ئۇنىڭ بەزىسى شەكىل جەھەتتىكى، بەزىسى ھەرىكەت جەھەتتىكى، بەزىسى ماھىيەت جەھەتتىكى ئوخشىتىشلا بولۇپ، ھەممىسى تۈپ مەزمۇننى چۆرىدەپ، پىكىرگە جۇلا بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاپىيەمۇ ئوخشىتىش ياكى ئوخشىتىشقا زىچ مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر بولۇپ، پىكىرنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن. «كۆرۈپ» رادىفى تۈپ پىكىرنى ئىپادىلەشتىكى مۇھىم ھالقا. ئۇنىڭ پىكىرنى مەركەزلەشتۈرۈش، نۇقتىنى گەۋدىلەشتۈرۈشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ. نەۋائى غەزەللىرىدە يەنە سۈپەتلەشنىڭمۇ نۇرغۇن گۈزەل ئۈلگىلىرى بار: تاجىلۋە قىلدى ئول سەنەم، لەيلى سۇزى (ئوت) بولدى ئەدەم (يوق)، سەۋدام ئوتى چەككەچ ئەلەم (بايراق)، پەست ئەتتى مەجنۇن شۆھرەتىن. بىز بۇ مىسرالاردىن جانلاندۇرۇشنڭ ئاجايىپ ئېسىل ئۈلگىسىنى كۆرىمىز. بۇ يەردىكى «سەنەم» لىرىك قەھرىماننىڭ مەشۇقى، ئۇنىڭ جىلۋىسى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا لەيلىنىڭ ئىشق ئوتىنى بېسىپ چۈشكەن يالقۇن سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. شۇنداقلا لىرىك قەھرىمان ئۆز سەۋداسى بىلەن مۇھەببەت مەدانىدا مەجنۇن بىلەن مۇسابىقىلىشىپ قالىدۇ. بىز بۇ يەردە لىرىك قەھرىمان سەۋداسىنىڭ مەيداندا بايرىقىنى جەۋلان قىلىپ، قەيسىنىڭ مەجنۇنلۇق شۆھرىتىنى سۇندۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. نەۋائىنىڭ شېئىرلىرىدىكى سۆز (ھەرپ) ئويۇنىمۇ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ. مېھر ئاڭلاپ ئاشىق ئۆلدۈم، سۇڭرە يەتتى كۇھى غەم، نى ئەجەپ، ئىشىق ئىبتىداسى ئېرۇر، پايانى قاف. بۇ بېيىتنىڭ ئالدىنقى مىسراسىدا لىرىك قەھرىماننىڭ دەسلەپ مەشۇقىدىن مېھرىبانلىق ئالامىتىنى كۆرۈپ ئاشىق بولغانلىقى، كېيىن ئەكسىچە، غەم تېخى ئاستىدا قالغانلىقى ئوچۇق ئىپادىلەنگەن. كېيىنكى مىسراسىدا بولسا، بۇ پىكىر ھەرپ ئويۇنى ئارقىلىق باشقىچە بىر مەجازى ئىپادە تاپقان _ «ئىشق» دېگەن سۆز ئەرەبچە «ئەين» ھەرپى بىلەن باشلىنىدۇ. «ئەين» قۇياش ياكى يورۇقلۇق دېگەن مەنىگىمۇ ئىگە. «ئىشق» نىڭ ئاخىرقى ھەرپى «ق» يەنى «قاف» بولۇپ، بۇنىڭ يەنە بىر مەنىسى كۆيقاپ. بۇ يەردە ئۇيۇنى ئارقىلىق ئىشىق دەسلەپتە ماڭا قۇياشتەك يورۇق كۆرۈنۈپ، ئاخىرى كۆيىقاپ ئازابىنى كۆرسەتتى. دېگەن مەنا گەۋدىلەنگەن. نەۋائى رۇبائىچىلىقنىڭمۇ مەشھۇر ۋەكىلى. ئۇ ئۆز رۇبائىلىرىدا نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە دانالىق بىلەن جاۋاب بەرگەن. پەلسەپە قاراشلىرىنى ھەر خىل بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جانلىق، تەسىرلىك ئىپادىلىگەن. شۇنىڭدەك تۇيۇق، مۇئەممالىرىدا تىل سەنئىتىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل جىلۋىسىنى كۆرسەتكەن. نەۋائىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنى ھەقىقەتەنمۇ بىر مۆجىزىلىك ئىجادىيەت خەزىنىسىگە قانچە ئىچكىرىلەپ كىرگەنسېرى، گويا بىر سېھرىي كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك، شۇنچە چوڭقۇر مەپتۇنلۇق ۋە ھاياجان ئىچىدە قالىمىز. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئۇلۇغ سەنئەتكارلىقى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى ئىپتىخارى بولۇپ قالدى، نەۋائى يەنە تىل، ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئەدەبىيات تارىخىغا ئائىت، ئۆز ھايتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بىر قىسىم زامانداشلىرىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ ئەسەرلەر تارىخىي، ئىلمىي ۋە بەدىئىي جەھەتتىكى قىممىتى بىلەن نەۋائى مىراسىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. شۈبھىسىزكى، بەش يۈز يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى نەۋائىسىز تەسەۋۋرۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ مۇشۇ يىللار جەريانىدىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم بىر ئۈلگىسى بولغىنىدەك، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە مۇھىم ئۈلگە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى