سېيىت ھاجى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
سېيىت ھاجى قەشقەر يىڭىسارلىق بولۇپ، 1890 - يىللاردا ئوتتۇرا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. كېيىن ئۇ ئاتا - ئانىسىنى رەنجىنكەنلىكى ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، تەخمىنە 1924 - يىلىلارنىڭ ئالدى - كەينىدە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا چىقىپ ئىشلەمچىلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدۇ. شۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن موسكۋا شەرق كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن موسكۋا شەرق ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تاشكەنتتىكى شۆبىسى بولغان ئىشچىلار تېز تېتىشتۈرۈش سىنىپىدە ئوقۇيدۇ، مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاشكەنتتە ساقچى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدۇ. 1935 - يىلى 5 - ئايدا 3 - ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شېڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتكەن ئەزالىرى تەركىبىدە شىنجاڭغا كېلىپ، شېڭ شىسەينىڭ ساقچى باشقارمىسىدا پولكوۋنىڭ دەرىجىسى بىلەن مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. شۇ يىللاردا ئۈرۈمچىدە ئۆيلىنىپ، ھازىرقى غالىبىيەت يولى (ھازىرقى ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئۇدۇلى) دا ئولتۇرىدۇ. ئۇ يەن ساقچى گارنىزون قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئىشلەيدۇ ۋە شۇ كۈنلەردە جايلاردا قولغا ئېلىشقا ھۆكۈم قىلىنغانلار ۋە مۇسادىرە قىلىنغان مال - مۈلۈكلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىشلەيدۇ. 1939 - يىل ئاخىرىدا سوۋېت خادىملىرى بىلەن بىرگە سوۋېتكە چىقىپ (چىقىپ كېتىش ۋاقتىدا ئائىلىسىنى سوۋېتكە ئېلىپ كېتىش ۋەدىسى بىلەن ئائىلىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىنى ئېلىپ) كېتىپ ئالمۇتادا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقايدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان چوڭ تازىلاشتا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمىكىن ئىكەن.