ماخمۇتجان ئىسلام
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە يازغۇچى ماخمۇتجان ئىسلام 1947 - يىل 7 - ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ يايلاق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1955 - يىلدىن 1963 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان، 1963 - يىلدىن 1968 - يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ قاتناش نازارىتىنىڭ قەشقەر تاشيول 1 - قۇرۇلۇش ئەترىتىدە ۋە قىزىلسۇ تاشيول ئوچاستىكىسىدا ئىشلىگەن، 1980 - يىل 9 - ئايدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا مۇھەررىر، ئەدەبيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە تەتقىقاتچى ھەم <شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى> گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
ماخمۇتجان ئىسلامنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1960 - يىلى سابىق <شىنجاڭ پىئونېرلىرى> گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان <مەكتىپىم - گۈلزار بېغىم> ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <لېي فىڭ ئىزىدىن>، <ئوغلۇمغا>، <باھارغا يار بىزنىڭ قەلبىمىز>، <ۋەتەن>، <سۆزۈم> قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان.
ماخمۇت ئىسلام 60 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <كاككۇك قونغان تال>، <سۆيگۈ خەتلىرى>، <ياشلىق سىرى>، <ئۇيغۇر قىزى>، <مۇھەببەت ھەققىدە قىسسە>، <ۋىجدانسىزنىڭ جازاسى>، <خوش جانان>، <قىزىلگۈل> قاتارلىق بىر تۈركۈم ھېكايە ۋە نەسرلەرنى يازغان.
ماخمۇتجان ئىسلام كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ، 80 - يىللاردىن تارتىپ ئاساسلىق زېھنىي كۈچىنى ئەدەبىي تەقىدچىلىك، ئەدەبىيات تەتقىقاتى ساھەسىگە قارىتىپ، <ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى> ناملىق كىتابنى (ئابلىمىت ئىسمايىل بىلەن بىللە)، <ئەدىبنىڭ بۇرچى>، <ئوبزورچىلىقىزدىكى بەزى ئېغىشلار توغرىسىدا>، <جانلىق يارىتىلغان ئوبراز> قاتارلىق ئەدەبىي ئوبزور، تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان.
ماخمۇت ئىسلام ئۆز نۆۋىتىدە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى تۇنجى رومان <قانلىق يەر> نى ئۇيغۇر تىلىغا يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەرجىمە قىلىپ چىققان، شۇنداقلا جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ <قۇياش ئىللىتقان باھار>، <دالىن ۋە شياۋلىن>، <گۈلخان>، <ئەي چىڭ شېىرلىرىدىن تاللانما> قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، بۇ جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئەمگەكلەرنى قىلغان.
ماخمۇتجان ئىسلامنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <باھار قوشاقلىرى> (1982 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <تاڭ شەبنەملىرى> (ھېزىم قاسىم بىلەن بىللە، 1987 - يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى) ناملىق ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمى، <يۈرەك كۈيلىرى> (1988 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، <كاككۇك قونغان تال> (1989 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - نەسرلەر توپلىمى، <ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى> (ئابلىمىت ئىسمايىل بىلەن بىللە، 1993 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئەسىرى، <كاككۇك قايتا سايرىغاندا> (1996 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.
ماخمۇتجان ئىسلام ھازىر كاندىدات ئالىي مۇھەررىر، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.