غەنىزات غەيۇرانى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر غەنىزات غەيۇرانى 1930 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيسىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1950 - يىل سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنى پۈتتەرگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك 2 - دارىلمئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1953 - يىلدىن 1955 - يىلغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا ئىشلىگەن، 1955 - يىلدىن 1956 - يىلغىچە بېيجىڭدا مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تىلشۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان، شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ 1962 - يىلغىچە ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىدا ۋە <شىنجاڭ گېزىتى> ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن، كېيىن ئاقسۇغا كېلىپ ئۈچتۇرپان ناھىيلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 1980 - يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق تىل - يېزىق كومىتېتىدا تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھازىر پېنسىيدە.
غەنىزات غەيۇرانى ئەدەبىيات ساھەسىگە 1949 - يىلى ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن، شۇنىڭدىن تارتىپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <بېيجىڭغا سالام>، <مېنىڭ بەختىم>، <شائىر>، <ھەسەتخور> قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. ئۇ، يەنە بىر مۇنچە ساتىرا، ھەجىۋىيلەرنى يېزىپ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان.
غەنىزات غەيۇرانى تىل تەتقىقاتى ساھەسىدىمۇ بەلگىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، كۆپ توملۇق يىرىك لۇغەت - <ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى> نى ئىشلەشكە قاتناشقان.
غەنىزات غەيۇراننىڭ <تارىم بويىدا> (1983 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان، بەزى شېئىرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
غەنىزات غەيۇرانى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.