ئەھمەدى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئەدىب ئەھمەد قازى ئاخۇنۇم 1907 - يىلى مەكىت ناھىيىسىگە قاراشلىق غاز كۆل يېزىسى لايلىق پاختىلىق كەنتى چېكىلىك مەھەللىسىدە خۇدابەردى ھاجىم ئوغلى ئىگەمبەردى ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئانا تەرەپ كېيىن، قەشقەر ھېيتگاھ مەدرىسىدە ئوقوغان. ئۇ بۇ جەريانىدا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە شەرق ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ھەۋەس ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگەن. قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقوۋاتقان نىم شېھىت ئارمىيە داموللام بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان.
ئەھمەدى 1927 - يىلى ئوقوشنى تاماملىغاندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ مەكىت ناھىيىسىگە قازى بولغان. ئۇ قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام ۋەكىللىكىدىكى ئىلغار، دېموكراتىك پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلىقتىن بەزى مەسىلىلەردە يەرلىك فېئودال مۇتەئەسسىپلەر بىلەن كېلىشەلمەي ئاخىرى قازىلقنى تاشلاپ، 1929 - يىلى يەكەنگە بارغان ۋە ئارال قۇمباغدىكى ئابدۇلباقى ھەزرەت مەدرىسىدە مۇدەررىسلىك قىلغان.
1933 - يىلى ئاپرېلدىن كېيىن پۈتۈن شىنجاڭ مىقياسىدا بارلىققا كەلگەن يېڭى مەدەنىيەت - ئاقارتىش ھەرىكىتىدە ئەھمەد قازى ئاخۇنۇم يۇرتىغا قايىتىپ، مەكىت ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ كاتىپلىقىغا ئورۇنلاشقان. جاللات شېڭ شىسەينىڭ 1937 - يىلدىكى باستۇرۇش ھەرىكتىدە ئۇنىڭ ھاياتىغىمۇ جىددىي خەۋپ يەتكەنلىكتىن، ئۇيۇشمىدىكى خىزمىتىنى تاشلاپ، يەركەن، يېڭىسار، پەيزىۋات قاتارلىق جايلاردا يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. ئۇ ئىككى يىل سەرگەردانلىق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 1939 - يىلى يۇرتى مەكىتكە قايىتپ بېرىپ، شەھەر ئىچىدىكى ئوسمان ھاجىمنىڭ مەدرىسىگە ئورۇنلىشىپ مۇدەررىسلىك قىلغان ھەمدە بىر تەرەپتىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ شېئىر يازغان، چەت تىللاردىن بىر قىسىم ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان. ئەدىب ئەھمەد قازى ئاخۇنۇم كېسەللىك سەۋەبى بىلەن 1941 - يىل 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 36 يېشىدا مەكىتتە ۋاپات بولغان.
شائىرنىڭ ئىجادىيتى قەشقەر ھېيتگاھ مەدرىسىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە باشلانغان بولۇپ، ئۇ ئۆز ھاياتىدا 3800 مىسرادىن ئارتۇق غەزەل، مەسنەۋى، مۇخەممەس، رۇبائىلارنى يازغان. شەيخ سەئىدىنىڭ «گۈلسىتان»، «بۇستان» ناملىق ئىككى كىتابىنى ۋە «لوقمان ھېكىمىنىڭ 100 نەسىھىتى» دېگەن ئەسەرنى نەزمى شەكىلدە، مەسنەۋى ئۇسلۇبتا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندىن باشقا، زەمەخشەرىنىڭ «نەۋابىغۇل كەلىم» دېگەن كىتابنىمۇ نەزمى شەكىلدە تەرجىمە قىلغان. ئەپسۇسكى، شائىرنىڭ بۇ تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە بىر قىسىم قول يازملىرى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ھەرىكىتىدە كۆيدۈرۈلۈپ تاشلانغان. ساقلىنىپ قالغىنى كۆن خۇرۇمدا مۇقاۋىلانغان، رەتلەنمىگەن ئىككى پارچە دىۋانىدىن ئىبارەت بولۇپ، بىرىنچىسىدە، ئاپتورنىڭ تىل ۋە خۇش خەت قائىدىلىرىگە دائىر ئىككى پارچە ئەسىرى، بىر ھېكمەت، ئالتە پارچە غەزىلى؛ ئىككىنىچىسىدە، مەشرەپ، ھۇۋەيدا، خوجا ھاپىز قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرى بىلەن ئارىلاش كۆچۈرۈلگەن 19 غەزىلى، تۆت مۇخەممىسى بار.
دىۋانغا كىرگۈزۈلگەن خۇش خەت نۇسخىلىرى، خۇش خەت توغرىسىدىكى قائىدىلەر ۋە بەت ئارىسىغا قىستۇرما شەكلىدە بېرىلگەن رەڭمۇرەڭ گۈل سىزمىلىرىدىن قارىغاندا، ئەھمەد قازى ئاخۇنۇمنىڭ خۇش خەت ۋە رەسىمچىلىككە ئىنتايىن قىزىقىدىغان، بۇ ساھەدە بەلگىلىك ئىقتىدار ۋە ماھارەت ئىگلىگەن، زاماننىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى خەتتات ھەم رەسساملىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
دىۋان ئومۇمەن ئاپتورنىڭ ئىلىم - مەرىپەتكە، ئەدەب - ئەخلاققا، ئىشىق - مۇھەببەتكە بولغان تۈپكى قاراشلىرى بىلەن زامانغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتلىرىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بولۇپ، بۇ مەزمۇنلار تاۋلانغان گۈزەل ئەدەبىي تىل، قايناق شېئىرىي ھېسسىيات، خىلمۇخىل بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئوبرازلىق سۈرەتتە بايان قىلىنغان.
مەسىلەن:
كېلىڭلار ياخشى ئوغانلار، ئوقوماق خۇش سائادەتتۇر،
خۇداۋەندىم نەسىب ئەتسە ئىكى ئالەم شەۋرافەتتۇر.
كېچە - كۈندۈز ئەدەب بىرلە كېلىپ مەكتەپتە ئولتۇرساق،
ئەگەر بىلسەڭ بەخت - ئىقبال، سائادەتكە ئەلامەتتۇر.
بىز بۇ مىسرالاردىن شائىرنىڭ بىلىم ئېلىش - مائارىپنى ئۇلۇغ ئىش دەپ بىلىدىغان مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىدىيسىنى كۆرىمىز.
دىۋاندا يەنە ئاپتورنىڭ مۇھەببەتكە بولغان ساداقىتى ۋە چىن ئىنسانىي مۇھەببەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن شېئىرلارمۇ خېلى ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى يارنى سېغىنىش تۇيغۇرلىرى، يار ۋىسالىغا يېتىش ھەققىدىكى ئارزۇلىرى چوڭقۇر ھېسسىيات ئاساسىدا ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن.
شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئەھمەد قازى ئاخۇنۇمنىڭ بەزى شېئىرلىرىدا مەلۇم دەرىجىدە مىستىك ۋە تەسەۋۋۇپچىلىق خاھىشى ئەكىس ئەتكەن بولۇپ، بۇ خىل پاسسسىپ ئامىللار ئاساسەن ئاپتورنىڭ دىنىي تەربىيە مۇھتىدا ئۇزاق مەزگىل تۇرغانلىقى ۋە ئۇ ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ تەسىرى ئاستىدا شەكىللەنگەندۈر.
ئومۇمەن ئالغاندا، شائىر ئەھمەدى (ئەھمەد قازى ئاخۇنۇم ئەسەرلىرىدە ئۆزىنى شۇنداق ئاتايدۇ) ئەسەرلىرى مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر، تىل جەھەتتىن گۈزەل، ئوبرازلىق، ھېسسىيات جەھەتتىن كۈچلۈك بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرنى 20 - ئەسىرنىڭ 20 -. 30 - يىللىرىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نەمۇنىلىرى قاتارىدا ھېسابلاشقا بولىدۇ.