مۇھەممەتئىمىن توخنىياز(سۈزۈك)
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر مۇھەممەتئىمىن توخنىياز (سۈزۈك) 1920 - يىلى چىرىيە ناھىيسىدە قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1926 - يىلى ئاتا - ئانىسى بىلەن بىللە يەكەنگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، دەسلەپكى ساۋاتىنى دىنىي مەكتەپتە چىقارغان، كېيىنچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان؛ 1938 - يىلدىن كېيىن مەكىت، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىدا ئىشلىگەن، 1947 - يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، ئازادلىققىچە تۈرمىدە ياتقان. ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ، يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى، يەكەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مەدەنىيەت - مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يەكەن ناھىيسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، <يەكەن گېزىتى> ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1958 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ھەر خىل سىياسىي - ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، 1992 - يىل 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى يەكەندە ئالەمدىن ئۆتكەن.
مۇھەممەتئىمىن توخنىياز (سۈزۈك) شېئىرىيەت ساھەسىگە 1943 - يىلى <خوتەن گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن كىرىپ كەلگەن. ئۇ، شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <پەلەككە سۆز>، <بىر دەردمەننىڭ ئۆز بەختىدىن شىكايىتى>، <ئېگىلمە بېشىم>، <غەمگۈزارىمغا>، <ئەركىنلىك ئىشقى>، <گۈل ئىشقىدا>، <ياز، ئى قەلەم>، <بۇلبۇلغا>، <تاپتىم> قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزىنىڭ شېئىرىيەت جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان.
مۇھەممەتئىمىن توخنىياز (سۈزۈك) نىڭ <يادىكار> (1983 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <ئىلھام چېچەكلىرى> (1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.