مىرزا ھودى بەگ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مەنچىڭ قوشۇنلىرى ئامورسىنا ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كۇچاغا 2 مىڭ چىرىك ئەۋەتىدۇ. «خان خوجا» تۇيۇقسىز 2 مىڭ لەشكەر ئەۋەتىپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى يېڭىدۇ. «بۇ چاغدا كۇچا، ئاقسۇ، بايدىن ئىبارەت ئۈچ شەھەرنىڭ باش ھاكىمى مىرزا ھودى بەگ بۇرھانىدىن خانغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ ئىلى تەرەپكە چىقىپ كەتتى. بۇرھانىدىن خان خوجا مىرزا ھودى بەگنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى» («شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى» 397 - 398 - بەت).
مىرزا ھودى بەگ بۇرھانىدىن ۋە خوجا جاھانلار ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىپ، چيەنلۇڭدىن ياردەم سورايدۇ. چيەنلۇڭ ئۇلارنى ياخشى كۈتىدۇ. 1758 - يىلىنىڭ بېشىدا چيەنلۇڭ خان يارخاشەننى جاڭجۈن، تۇرپانلىق ئىمىن خوجا خانىڭئانى مەسلىھەتچى ئامبال قىلىپ تەيىنلەپ، بۇرھانىدىن خوجىنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇش ئۈچۈن جازا يۈرۈشى قىلىدۇ. مىرزا ھودى بەگ باشلىق 14 ئۇيغۇر 10 مىڭدىن ئارتۇق لەشكەرنى باشلاپ ماڭىدۇ. ئۇلار يول بويى «مانجۇلارنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش» لازىملىقى توغرىسىدا تەشۋىقات يۈرگۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرپان، كۇچا ئاھالىسى جۇڭغارلارنىڭ كاتتىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا يادەم بېرىدۇ. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى كۇچانى مۇھاسىرە قىلىدۇ.
ئاقسۇنىڭ باشلىقى موللا ھوشۇر چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا خەت يېزىپ ئەل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن قەشقەرگە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. خوتەن خەلقى مىرزا ھودى بەگنى قارشى ئالىدۇ. خوتەنگە تەۋە قاراقاش، يۇرۇڭقاش، چېرىيە، كېرىيە قاتارلىق شەھەرنىڭ بەگلىرى ئارقىمۇ ئارقا چىن سۇلالىسىگە ئەل بولىدۇ.
بۇرھانىدىن خوجىنىڭ ئىسيانى بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن تۆھپىسى بار 14 ئۇيغۇرنى چيەنلۇڭ خان بېيجىڭغا چاقىرتىپ، تۆھپىسىگە لايىق خىزمەت بېرىدۇ ھەم ئالتە شەھەرنىڭ مەركىزى يەكەنگە باش ھۆكۈمران قىلىپ تەيىنلەيدۇ.