زۇلپىقار
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
يازغۇچى زۇلپىقارنىڭ ئەسلى ئىسمى - غولام ئىمىن، زۇلپىقار- ئۇنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى. زۇلپىقار 1956 - يىل 5 - ئايدا ھازىرقى ئاتۇش شەھىرىنىڭ شورۇق كەنتىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 1964 - يىلدىن 1975 - يىلغىچە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بىناكارلىق ئىشچىسى، ۋودپروۋود تېخنىكى، تەرجىمان، دىرېكتور بولۇپ ئىشلىگەن.
زۇلپىقارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 70 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان.كېيىنچە ئۇ پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە بەلگىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن. زۇلپىقارنىڭ <ئۇ ھېلىھەم جەڭدە>، <يوقالغان گۆھەر>، <سادا>، <بىسى يانغان شەمشەر>، <قۇناقلىقتا> قاتارلىق ھېكايە - پوۋېستلىرى خېلى چوڭ تەسىر قوزغىغان.
زۇلپىقارنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن <ئۇ ھېلىھەم جەڭدە> (1985 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى)، <يوقالغان گۆھەر> (1986 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى)، <سادا> (1987 - يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلاملىرى، <بىسى يانغان شەمشەر> (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى بار.
زۇلپىقار شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.