مەنسۇر ئەپەندى
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
مەنسۇر ئەپەندى (ئۇيغۇر) ئەسلى ئىسمى مەشى ئالمۇتا چىلەڭ رايونىدا روزى باقىيوف چوڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 1905 - يىلىدىكى رۇسىيە بۇژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە رۇسىيەدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار 1905 - يىلى تەسىس قىلغان «كالتە چاپان» لار، 1906 - يىلى ئۆزگەرتىپ قۇرغان «تەرەققىپەرۋەر» لەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچىلاردىن ئىدى.
مەنسۇر ئەپەندى لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشىۋېكلارنىڭ 1917 - 1918 - يىللىرىدا چاررۇسيەگە قارشى ئېلىپ بارغان قوراللىق كۈرىشىگە، يەنى ئاكىسى ئابدۇللا روزى باقىيوف باشچىلىقىدا تەشكىل قىلىنغان «تارانچىلار پولكى» دا، چاررۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاتامانى دۇتۇفقا قارشى كۈرىشىگە قاتناشقان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن بولشىۋېكلار پارتىيىسىگە ئەزا بولغان.
1933 - يىلى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن «12 - ئاپرېل سىياسىي ئۆزگىرىشى» دىن كېيىن، شېڭ شىسەي ھاكىميەت بېشىغا چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەمگە كادىر تەلەپ قىلىدۇ. 1935 - يىلى 5 - ئاي ئاخىرلىرىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭغا يۇي شيۇسۇڭ، چاۋشى (ۋاڭ باۋچە) قاتارلىق 25 بولشىۋېكنى شىنجاڭغا ئەۋەتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە، مەنسۇر ئەپەندى، قاسىم ئەپەندى، ئاباۋ، ياسىن ، ھاشىم ھاجى، سىيىت ھاجى، ھەمزە بايوف نۇر ھاجى، تۇڭباۋ قاتارلىق 8 ئۇيغۇر، قازاق، شىبە كادىرىمۇ بار ئىدى.
مەنسۇر شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭدىكى مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىلىرىنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
خوجىنىياز ھاجى ئۆلكىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغاندا ئۇنىڭغا مەسلىھەتچى بولىدۇ. شېڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن سوۋېت ھۆكىمىتى مەنسۇر ئەپەندىنى قايتۇرۇپ كېتىدۇ. 1945 - يىلى چۆچەك ئازاد بولغاندا، مەنسۇر ئەپەندى چۆچەككە كېلىپ، چۆچەكتە ۋالىي بولۇپ ئىشلەيدۇ. گونىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تىنچلىق بىتىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، دۆلىتىگە قايتىپ كېتىدۇ.
مەنسۇر ئەپەندى دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن «شەرق ھەقىقىتى»، «يېڭى ھايات» قاتارلىق ئۇيغۇرچە گېزىت - ژورناللاردا نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئىلان قىلىدۇ ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرى بولۇپ ئىشلەيدۇ، 1980 - يىلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.
(بۇ ماقالە مەنسۇر ئەپەندىنىڭ يېقىن سەپدىشى، قازاقستاننىڭ گېنىرال مايورى ئىبراھىموف ئاتىخاننىڭ ماتېرىيالىغا ئاساسەن رەتلەندى.)