UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىبىلال ئەزىزى

بىلال ئەزىزى

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يازغان جەڭگىۋارلىققا ۋە مۇئەييەن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە شېئىرىي ئىجادىيىتى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى سەھىپىسىگە ئۆز نامىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ۋەتەنپەرۋەر، ئىنقىلابىي شائىر بىلال ئەزىزى 1921 - يىلى خوتەندە، بىر مەرىپەتپەرۋەر ئۆزبېك ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆستى. بىلالنىڭ ئاتىسى نامرات بولسىمۇ، ئوقۇمۇشلۇق، موللا كىشى بولغىنى ئۈچۈن، ئۆز پەرزەنتىنىڭ بىلىم ئىگىلەپ ياراملىق ئادەم بولۇشى يولىدا كۆپ كۈچ چىقاردى. بىلال ساۋاتىنى ئائىلىسىدە چىقارغاندىن كېيىن دىنىي مەكتەپتە ئوقودى. ئۇ چاغدىكى دىنىي مەكتەپلەردە ناۋائى، لۇتفى، نەۋبەتى قاتارلىق كلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىمۇ رەسمىي دەرس قاتارىدا ئۆتۈلەتتى. كلاسسىك ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش ئۇنىڭدا كىچىكىدىنلا ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋىسنى يېتىلدۈردى. ئۇ 15 يېشىدىلا ئۆزىنىڭ دەسلەپكى مەشق شېئىرلىرىنى يېزىشقا كىرىشكەنىدى. 1936 - 1937 - يىللاردا خوتەندە يۈز بەرگەن ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكى بېسىققاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش، خوتەندىمۇ مەدەنىي ئاقارتىش، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى دولقۇنى بارلىققا كەلدى، مائارىپ، مەدەنىيەت، مەتبۇئات ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنىدى، «خوتەن گېزىتى» نەشىر قىلىنىپ، يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى تەشۋىقاتى يولغا قويۇلدى. بىلال ئەزىزى 1939 - يىلى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئېچىلغان 2 - نۆۋەتلىك دارىلمۇئەللىمىن كۇرسىدا ئوقۇدى ۋە كۇرسنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن «خوتەن گېزىتى» دە كوررېكتور ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىدى. شائىرنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى ئىلىم - مەرىپەت ئىگىلەش، بىلىمنىڭ قەدىر - قىممىتى تېمىسىدا بولۇپ، ئۇ 1936 - يىلى يازغان «مەكتەپ» دېگەن شېئىرىدا: «مەكتەپ دۇنيا زىننىتى، يەر يۈزىنىڭ جەننىتى. جاھاندا بار ھۆرمىتى، قەدرى - قىممەتتۇر مەكتەپ.» دەپ، مەكتەپنى «مەدەنىيەتنىڭ مەيدانى»، «تەرەققىيات باھارى»، «چوڭ سائادەت» دەپ ئۇلۇغلىدى. شائىرنىڭ 1938 - يىلدىن 1942 - يىلغىچە خوتەندە يازغان ۋە ئېلان قىلغان شېئىرلىرى ئىچىدە يەنە بىرلىك - ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەش، مەدەنىي ئاقارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە جۇڭگونى ئازاد قىلىش، خوتۇن - قىزلارنىڭ ئازادلىقى ۋە ھوقۇقى تېمىسىدا يازغان «بىرلىك»، «گۈزەل شىنجاڭ»، «ئوقوش بىلەن»، «كۈرەش بىلەن»، «ئاپرېل قىزىغا»، «ئانا بىلەن قىز» قاتارلىق شېئىرلار بولۇپ، بۇ شېئىرلار خوتەن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ئۇلارنى فېئودالىزمنىڭ مۇدھىش ئاسارىتىگە قارشى كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. 1942 - يىلنىڭ باشلىرىدا بىلال ئەزىزى ئۈرۈمچىگە چىقىپ، ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە ئوقوشقا كىردى. بىر يىلدىن كېيىن ئۇ ئۆلكىلىك ساقچى كادىرلار مەكتىپىگە ئېلىنىپ، ئۇ مەكتەپتە 1943 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقودى. بىلال ئەزىزى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشتى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئىنقىلابىي دوستلۇق ئورنىدى. ل . مۇتەللىپ قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك ياشلار بىلەن تونۇشۇش، شۇنداقلا، ئەينى يىللاردىكى رەھىمسىز ئىجتىمائىي رېئاللىق بىلال ئەزىزىنىڭ ئىدىيىسىدە زور بۇرۇلۇش ۋە يۈكسىلىش ھاسىل قىلدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە، قاراڭغۇ زۇلمەتكە بولغان ئىسيانكارلىق بولغان ئىنتىلىش تۇيغۇسى ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىدى. شائىرنىڭ شۇ يىللاردا يازغان «ۋەتەن خىسلەتلىرى»، «ۋەتەن ئۈچۈن»، «يولدىشىمغا»،«قەرىمىز»، «مۇستەھزات»، «گۈلۈمگە»، «زىيائى غەزىلىگە مۇخەممەس» ۋە «غەزەل» قاتارلىق شېئىرلىرى شۇلار جۈملىسىگە كىرىدۇ. 1943 - يىلنىڭ ئاخىرىدا بىلال ئەزىزى ئاقسۇغا بېرىپ، كونشەھەر ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ ئاقسۇغا ئۆزىدىن بۇرۇنراق كەلگەن. ل . مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ، جاپالىق ئىنقىلابىي كۈرەش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. شائىر ئىجادىيىتىدىكى يېڭى يۈكسىلىشنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان «كۆڭۈل»، «مارت شامىلىغا خىتاب»، «نېمە بولدى»، «يىللارغا سوئال»، «بۇرادىرىڭگە» قاتارلىق بىر مۇنچىلىغان جەڭگىۋار شېئىرلىرى شۇ يىللاردا، ئاقسۇدا يېزىلغانىدى. 1943 - يىلنىڭ ئاخىرىدا بىلال ئەزىزى ئاقسۇغا بېرىپ، كونىشەھەر ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ. ئۇ ئاقسۇغا ئۆزىدىن بۇرۇنراق كەلگەن ل . مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ، جاپالىق ئىنقىلابىي كۈرەش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شائىر ئىجادىيىتىدىكى يېڭى يۈكسىلىشنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان «كۆڭۈل»، «مارت شامىلىغا خىتاب»، « نېمە بولدى»، «يىللارغا سوئال»، «بۇرادىرىڭگە» قاتارلىق بىر مۇنچىلىغان جەڭگىۋار شېئىرلىرى شۇ يىللاردا، ئاقسۇدا يېزىلغانىدى. 1944 - يىلى غۇلجىدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن، شائىرنىڭ قەلبىدىكى زۇلۇمغا، تەڭسىزلىككە، جاھالەتكە قارشى غەزەپ ئوتى تېخىمۇ يالقۇنجىدى. ئۇ ل . مۇتەللىپ، مۇنىرىدىن خوجا قاتارلىق ياشلار بىلەن بىرلىكتە، «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» تەشكىلاتىنى قۇرۇشقا يېقىندىن قاتناشتى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەسئۇللىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆزىنىڭ جەڭگىۋار دوستى بىلال ئەزىزىنى ناھايىتى قەدىرلەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر مۇۋەششەسنى بىلال ئەزىزىگە ئاتىغان ھەمدە ئۇنىڭ «يىللارغا سوئال» ناملىق شېئىرىنىڭ ماۋزۇسىغا مۇشائىرە قىلىپ ئۆزىنىڭ مەشھۇر شېئىرى - «يىللارغا جاۋاب» نى يازغانىدى. بىلال ئەزىزى تەشكىلاتتىكى ئۆز سەپداشلىرى بىلەن بىللە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقان پەيتتە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدى ۋە1945 - يىلنىڭ 18 - سېنتەبرىدە ئىنقىلابىي دوستىلىر ل. مۇتەللىپ قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ۋەھىشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى. شائىر بىلال ئەزىزى 25 يىللار ئۆمۈر كۆردى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقا ھاياتىدا ئەۋلادلار ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان نۇرغۇن ئەدەبىي مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇر تىلىدا راۋان، يەڭگىل يېزىلغان بولۇپ، ئۆز بەدىئىيلىكى بىلەن 40 - يىللار ئۇيغۇر شېئىرىيىتى خەزىنىسىدە مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى شەكلىدە - بارماق ۋەزنى بىلەن يازدى، شۇنداقلا، كلاسسىك شېئىرىيەتنىڭ غەزەل، مۇخەممەس، مۇستەھزاد قاتارلىق شەكىللىرىگىمۇ مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇنى يېڭى پىكىر، يېڭى ئىنقىلابىي مەزمۇن بىلەن جۇلالاندۇردى. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1981 - يىلى «بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى» نامىدا شائىر شېئىرلىرىنىڭ بىر قەدەر تولۇق توپلىمىنى نەشىر قىلدى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
بىلال ئەزىزى | UyghurWiki | UyghurWiki