ئىسمائىل بەگ
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
ئىسمائىل بەگ (بى نىشان) 18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشاپ ئۆتكەن ئەدىبلەرنىڭ بىرى. بىزگە ئۇنىڭ مىلادىيە 1827 - يىلى يازغان چوڭ تىپتىكى ئېپىك داستانى _ «پەندنامە» بىلەن، 1842 - يىلى تۈزۈپ چىققان «دىۋان بى نىشان» ناملىق توپلىمى مەلۇم.
ھازىر شىنجاڭ تارىخىي مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئون مىڭ 948 مىسرا بېيىتتىن قۇرۇلغان «پەندنامە» داستانى تەسەۋۋۇپ مەزمۇنىدىكى دىداكتىك ئەسەر بولۇپ، ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ مەرىپەت، ئەخلاق - دىيانەت ھەققىدىكى كۆز قاراش، مۇلاھىزىلىرى، شۇنداقلا ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك پەند - نەسىھەتلىرى ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان تەسەۋۋۇپ ئېقىمىنىڭ دۇنيا قارىشى، تەشەببۇسلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
شائىرنىڭ «دىۋان بى نىشان» ناملىق توپلىمى ئۇنىڭ ئىشق - مۇھەببەت، ئىلىم - مەرىپەت، ئەدەب - ئەخلاق ۋە مېھنەت تېمىسىدىكى بىر قىسىم غەزەل، مۇخەممەس ۋە رۇبائىلىرىدىن تەشكىل تاپقان.