UyghurWiki
UyghurWikiئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىدىلدار ئەزىز

دىلدار ئەزىز

ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى يازغۇچى دىلدار ئەزىز 1957 - يىل 4 - ئايدا خوتەن شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئوقۇپ تاماملىغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل يېزىغا چۈشۈپ چېنىققان، 1975 - يىلدىن 1978 - يىلغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسى قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلغان، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى تارىخ ماتېرىياللىرى تەتقىقات ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ. دىلدار ئەزىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1978 - يىلى <قەشقەر گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان <يېڭى يىل تۇيغۇسى> ناملىق ئەسىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئىجادىيەتتە كۆپ تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىپ <سوت ئۈستىدە>، <كۆڭۈلدە قالغان سۆز>، <ۋىجدان تارازىسى ئالدىدا>، <ۋۇي ئاكا، قەددىلىرىنى رۇسلىسىلا>، <تېڭىرقىغانلار> قاتارلىق ھېكايە - پوۋېستلارنى؛ كېيىنكى يىللاردا <ۋىناس ھەيكىلى ئالدىدا ئويلىغانلىرىم>، <تومانلىق دۇنيا> قاتارلىق ئەدەبىي ئاخباراتلارنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتە خېلى تەسىر قوزغىغان. دىلدار ئەزىزنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىردىن <ئاھ، ياشلىقىم> (تۇرسۇنجان لېتىپ بىلەن بىللە، 1987 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايىلار توپلىمى، <ۋىجدان تارازسى ئالدىدا> (1992 - يىل، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى) ناملىق ھېكايە - پوۋېستلار توپلىمى، <ۋىناس ھەيكىلى ئالدىدا ئويلىغانلىرىم> (1992 - يىل، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن، يەنە بەزى ئەسەرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. دىلدار ئەزىز ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
← بارلىق تېمىلار ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى