مۇختەر مەخسۇت
ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرى
شائىر ۋە ئەدەبىي مۇختەر مەخسۇت 1957 - يىل 4 - ئايدا گۇما ناھىيسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كېيىن ئائىلىسى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەلگەن، ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۇقۇغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل ئىشچى بولغان. ئۇ كېيىنچە، 1978 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1983 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۆزى ئوقۇغان فاكۇلتېتقا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان، ھازىر شۇ يەردە ئىشلەۋاتىدۇ.
مۇختەر مەخسۇتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1974 - يىلى <شىنجاڭ گېزىتى> دە ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر مۇنچە شېئىرلارنى يېزىپ، كىتابخانلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بەزى شېئىرلىرى <ئاشىقلار سىرى>، <توي چاچقۇسى> قاتارلىق كوللېكتىپ شېئىرلار توپلاملىرىغا كىرگۈزلگەن ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە، مۇكاپاتلاشلاردا مۇكاپاتلانغان. مۇختەر مەخسۇت ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، تاگور، ئەي چىڭ قاتارلىق چەت ئەل ۋە جۇڭگودىكى مەشھۇر يازغۇچى - شائىرلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلغان. مۇختەر مەخسۇت يەنە ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئېستىتىك قاراشلار توغرىسىدا> قاتارلىق ماقالىلەرنى يازغان. 1992 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇنىڭ <ئاخبارات يېزىقچىلىقى توغرىسىدا> ناملىق مەخسۇس تېمىدىكى ئەسىرى نەشر قىلىنغان.
مۇختەر مەخسۇت ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنىتى، شنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.